زەئىپ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشقا بولمايدۇ
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
شەيخۇل ئىسلام، ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: زەئىپ ھەدىسكە ئەمەل قىلىش دۇرۇس ئەمەس (چۈنكى ئۇنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ياكى ساھابىلەرنىڭ سۆزلىگەنلىكى ئېنىق ئەمەس، ئۆزگەرتىۋېتىلگەنلىك مۇمكىنچىلىكى بار). ئەھلى سۈننە ئىماملىرىدىن ھېچكىم پەرز-ۋاجىپ ياكى مۇستەھەپ ئىشلارنى زەئىپ ھەدىسكە ئاساسەن قىلىش توغرا، دېگەن ئەمەس. كىمكى، زەئىپ ھەدىسكە ئەمەل قىلىنىدۇكى دېسە ئۆلىمالارنىڭ ئىجمائىغا قارشى چىققان بولىدۇ. كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش يۈزىسىدىن سەنەدىدە كاززاپلار بولمىغان ھەدىسلەرنى مۇنۇ شەرت بىلەن رىۋايەت قىلىشقا بولىدۇ: يەنى شۇ رىۋايەتتىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان ياكى رىغبەتلەندۈرۈلگەن ئەمەلنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىدا ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقى ياكى رىغبەتلەندۈرۈلگەنلىكى بىلىنگەن بولۇشى كېرەك. (ئىبنى تەيمىييە پەتىۋالىرى توپلىمى 1\ 250(
ئىمام ئىبنى ئەرەبىي مالىكى مۇنداق دېگەن: ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا - مەيلى ئۇ مەلۇم تەقۋالىق ئەمىلىگە رىغبەتلەندۈرگەن بولسۇن- زەئىپ ھەدىسلەرگە ئەمەل قىلىش دۇرۇس ئەمەس. (تەدرىب ئەل راۋى، 1\252) ئىبنى ئەرەبىنىڭ بۇ قارىشىنى مۇھەددىس ئەلبانىمۇ كۈچلەندۈرگەن. (سەھىھ تەرغىب ۋەل تەرھىب، 1\47-67) - ئىسلام سوئال جاۋابلىرىنىڭ 44877 -پەتىۋاسىنىڭ بىر قىسىمى

Yorumlar
Yorum Gönder