ئاتا-ئانا توغرىسىدىكى ھەدىسلەر
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىرەيلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن ياخشىلىق قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق كىشى كىم؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاناڭ» دېدى. ئۇ كىشى «ئاندىنچۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاناڭ» دېدى. ئۇ كىشى يەنە «ئاندىنچۇ؟» دېدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سېنىڭ ئاناڭ» دېدى. ئۇ كىشى «ئاندىنچۇ؟» دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «داداڭ» دېدى. (بۇخارى5626؛ مۇسلىم5248)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتا-ئانىنى رازى قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ غەزىپى ئاتا-ئانىنى غەزەپلەندۈرۈش بىلەن بولىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن؛ بۇلۇغۇلمەرام 1457-نومۇرلۇق ھەدىس) (ئەلبانى:سەھىھۇل جامىئ 3506)[ رضا الرَّبِّ في رضا الوالدِ وسخطُ الرَّبِّ في سخطِ الوالدِ.]

Yorumlar
Yorum Gönder