ھەدىس: دىنغا ئۇيغۇن ئەمەس ئىشنى توسۇش پەرز
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىم بىر خاتا ئىشنى كۆرسە قولى بىلەن توسسۇن، ئۇنىڭغا كۈچى يەتمىسە تىلى بىلەن توسسۇن، ئۇنىڭغىمۇ قادىر بولالمىسا دىلىدا نارازى بولسۇن، ئەمما دىلىدا نارازى بولۇش ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىز دەرىجىسى.» (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس)
بالا-ۋاقا، ئاچا-سىڭىللارنىڭ كالتە كۆسەي كىيىنىپ يۈرۈشلىرىگە پەرۋا قىلماسلىق،
دىنغا مۇخالىپ ئىشلار يۈز بەرسە ھېچ ئىش بولمىغاندەك يۈرۈۋېرىش؛
ياخشى ئىش قىلىۋاتقانلارنى قوللىماسلىق، يامان ئىش قىلىۋاتقانلارغا نەسىھەت قىلىپ، تەنبىھ بەرمەسلىك...
قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ھەدىسنىڭ دائىرىسىگە كىرىپ كېتىدۇ.
Yorumlar
Yorum Gönder