رەسۇلۇللاھ ئايالىنىڭ يۈزىنى ياپقۇزدى



ئىمام مۇسلىمنىڭ يەنە بىــــر رىــــۋايىتىدە مۇنــــداق دېــــيىلگەن: دىھيەنىــــڭ نېسىۋىسـىگە (ئولجىـدىن) چىرايلىـق بىـر چوكـان تـوغرا كەلگەنىـدى.
پەيغەمــبەر ســەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەســەللەم دىھــيەگە يەتــتە نەپەر قــۇل بېرىپ ئۇنى سېتىۋالدى ۋە ئۇممۇ سۇلەيم رەزىيەللاھـۇ ئەنھاغـا (جابـدۇش ئۈچۈن) تاپشۇردى.
راۋىي مۇنداق دەيدۇ: پەرەز قىلىشىمچە، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: ئـۇ چوكـان ئۇممـۇ سـۇلەيم رەزىيەللاھـۇ ئەنھانىـڭ ئۆيىـدە ئىـددەت تۇتۇشـى ئۈچۈن ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغانىدى، ـ دېگەن.
ئـــۇ چوكـــان دەل ســـەفىيە رەزىيەللاھـــۇ ئەنھا ئىـــدى. پەيغەمـــبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسـەللەم (ئـۇنى نىكاھىغـا ئالغانـدا) تـوي زىيـاپىتى ئۈچۈن خورما، سـۈزمە ۋە يـاغ تەييارلىغـان ئىـدى. يەر يـۈزى (داسـتىخاندا قويۇلغان ياغنىڭ ئېقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن) كاتەك – كاتەك قىلىپ كولاندى، ئاندىن تېرە داستىخانلار كاتەكلەر ئۈستىگە سېلىنىپ، سۈزمە، مـاي قاتــارلىقلار داســتىخانغا كەلتۈرۈلــدى. كىشــىلەر زىيــاپەتتىن يەپ
تويغاندىن كېيىن:
ــ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسـەللەم ئـۇ چوكـاننى نىكـاھلاپ ئالغانمىـدۇ يـاكى دېـدىكى قىلامدىغانـدۇ؟ ئەگەر پەيغەمـبەر سـەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ يۈزىنى ياپسا، نىكاھلاپ ئالغان بولىدۇ. يـۈزىنى ياپمىسـا، دېـدىكى قىلغـان بولىـدۇ، ـ دېيىشـتى. پەيغەمـبەر سـەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلاغقا مىنىدىغان ۋاقتىـدا ئۇنىـڭ يـۈزىنى يـاپتى، ئـۇ چوكان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئارقىسىغا مىنگەشتى. كىشـىلەر بۇنىڭـــدىن پەيغەمـــبەر ئەلەيھىسســـالامنىڭ ئـــۇ چوكـــاننى نىكـــاھلاپ ئالغـانلىقىنى ئـۇقتى. مەدىـنىگە يېقىنلاشـقاندا، پەيغەمـبەر سـەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تۆگىنى چاپتۇردى، بىزمۇ ھەم چـاپتۇردۇق. توسـاتتىن تۆگە تېيىلىپ كېتىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئايـالى بىـلەن بىـرگە تۆگىدىن يىقىلغانىدى، ئۇ دەرھـال ئورنىـدىن تـۇرۇپ ئايالىنىـڭ يـۈزىنى ياپتى. ئاياللار بۇ ئىشنى كۆرۈپ:
ــ االلە بۇ يەھۇدىي خوتۇننى (بىزدىن) يىراق قىلغاي! ـ دېيىشتى
(سەھىھۇل مۇسلىم 1365 – ھەدىس)

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر