ئاللاھنى زىكىر قىلىش قايسى ئەمەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
ئاللاھنى زىكىر
قىلىشنىڭ ئېنىقلىمىسى
«فۇرقان دەئۋەت
مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئەللامە شەيخ
ئابدۇرراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
ئاللاھنى زىكىر
قىلىش (ذكر الله) دېگەن: ئەقىيدە، پىكىر،
قەلب ئەمىلى، بەدەننىڭ ئەمىلى، ئاللاھنى مەدھىيلەش، پايدىلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىش
ۋە ئۆگىتىش قاتارلىق ئەمەللەر ئارقىلىق بەندىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق
ئىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنى زىكىر قىلىش
جۈملىسىدىندۇر. [الرياض النضرة "
( ص 245
)]
ئەللامە شەيخ
ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
ئاللاھنى زىكىر
قىلىش قەلب، تىل ياكى بەدەن ئارقىلىق بولىدۇ. زىكىرنىڭ ئەسلى ماھيىتى قەلب
ئارقىلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىلىڭلاركى، بەدەندە بىر پارچە گۆش بولۇپ، ئۇ ساغلام بولسا
پۈتۈن بەدەن ساغلام بولىدۇ. ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ گۆش يۈرەكتۇر.»
(بۇخارى ۋە مۇسلىم) بۇ ھەدىستىن نەزەردە تۇتۇلغىنى قەلبنىڭ زىكرىدۇر. چۈنكى ئاللاھ
تائالا مۇنداق دېگەن:«بىز قەلبىنى غەپلەتتە
قالدۇرغان، (شۇ يۈزدىن) ھاۋايى-ھەۋىسىگە ئەگىشىدىغان (بەدبەخت) كىشىگە ئىتائەت
قىلمىغىن.» (سۈرە كەھف، 28-ئايەت)
تىلى ياكى
بەدىنى ئارقىلىق ئاللاھنى زىكىر قىلسىمۇ، قەلبى ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن غاپىل
قېلىش بەكمۇ چوڭ قۇسۇر بولۇپ؛ بۇ خىل زىكىر روھىي يوق جەسەدكە ئوخشايدۇ.
ئاللاھنىڭ
قەلبى بىلەن زىكىر قىلىش دېگەن ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تەپەككۇر قىلىش، ئاللاھنى
ياخشى كۆرۈش، ئاللاھنى ئۇلۇغلاش، ھەممە قۇسۇرلۇق، يامان ئىشلىرىدىن تەۋبە قىلىپ
ئاللاھقا قايتىش، ئاللاھتىن قورقۇش، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىش ۋە باشقا (ياخشى)
قەلب ئەمەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئاللاھنى تىلى
بىلەن زىكىر قىلىش دېگەن بەندىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق
سۆزنى قىلىش ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىلنىڭ زىكىرىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى «لائىلاھە
ئىللەللاھ» تۇر.
ئاللاھنى بەدەن
ھەرىكىتى ئارقىلىق زىكىر قىلىش دېگەن بەدەن بىلەن قىلىنسا ئاللاھقا
يېقىنلاشتۇرىدىغان ھەر قانداق ئەمەلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نامازدىكى تۇرۇش، رۇكۇ
قىلىش، سەجدە قىلىش، جىھادقا قاتنىشى، زاكاتنى بېرى قاتارلىقلار مۇشۇنىڭ
جۈملىسىدىن. يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ زىكىر قىلىش دائىرىسىگە تەۋە
ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى سەن بۇلارنى قىلىۋاتقىنىڭدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىۋاتقان
بولىسەن. شۇنداقلا، بۇلارنى قىلىۋاتقىنىڭدا ئاللاھنى ئەسلىگەن بولىسەن. ئاللاھ
مۇنداق دېگەن:«ناماز ئوقۇغىن، ھەقىقەتەن ناماز قەبىھ
ئىشلاردىن ۋە گۇناھلاردىن توسىدۇ. ئاللاھنى ياد ئېتىش ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر. ئاللاھ ھەممە
ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ.» (29:45)
ئۆلىمالاردىن
بەزىلىرى بۇ ئايەت توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: «نامازدا تېخىمۇ بۈيۈن زىكىرلەر
مۇجەسسەملەشكەن.» بۇ بۇ ھەقتىكى ئىككى خىل تەپسىرنىڭ بىرىدۇر. (ئەللامە ئىبنى
ئۇسەيمىن، سۈرە بەقەرەنىڭ تەپسىرى، 2-جىلد، 167-، 168-بەتلەر)
Yorumlar
Yorum Gönder