مىسكىنلەرنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇش

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن:
ـــ ئىسلامنىڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسىلار؟- دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:
ـــ پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇش ۋە تونىغان-تونىمىغان ھەممىسىگە ئوخشاش سالام بېرىش،- دېدى. (بۇخارى 12)

Yorumlar