رامزان روزىسىنىڭ قازاسى قاچانغىچە ئادا قىلىنىدۇ
1950-عَنْ
أَبِي سَلَمَةَ، قَالَ سَمِعْتُ عَائِشَةَ ـ رضى الله عنها
ـ تَقُولُ كَانَ يَكُونُ عَلَىَّ الصَّوْمُ مِنْ رَمَضَانَ، فَمَا
أَسْتَطِيعُ أَنْ أَقْضِيَ إِلاَّ فِي شَعْبَانَ. قَالَ يَحْيَى
الشُّغْلُ مِنَ النَّبِيِّ أَوْ بِالنَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم.
[1950]
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:«رامزاندا تۇتالماي قالغان قازا روزىلىرىم
بولاتتى. تۇتالماي قالغان روزىلىرىمنى پەقەتلا شەئبان ئېيىدا تولۇقلاپ
تۇتۇۋالالايتتىم.» بۇ ھەدىس راۋىيلىرىدىن يەھيا مۇنداق دەيدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ
ئەنھانىڭ رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى بۇنداق كېچىكتۈرۈشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن مەشغۇل بولغانلىقى (يەنى ئۇ زاتقا خىزمەت قىلغانلىقى)
سەۋەبلىك بولاتتى. (بۇخارى 1950؛ مۇسلىم 1146؛ ئەبۇ داۋۇد 2399؛ تىرمىزى؛ نەسائىي؛
ئىبنى ماجە 1669؛ ئىمام ئەھمەد 6-188)
ئىزدىنىشىمگە ئاساسەن،
ئالىملارنىڭ بۇ بۇ ھەدىس ھەققىدە چىقارغان ئەڭ ئۇيغۇن ھۆكمى مۇنداق ئىكەن: رامزان
روزىسىنىڭ بىر قىسىمىنى تۇتالمىغان كىشىنىڭ شەرئىي ئۆزرىسى سەۋەبلىك رامزان
روزىسىنىڭ قازاسىنى شەئبان ئېيىغىچە (يەنى ئون بىر ئاي) كېچىكتۈرۈشى دۇرۇس. ئائىشە
ئانىمىز ئەسلى ۋەسلىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئېھتىياجىنى بىلەن
مەشغۇل بولۇشقا ئاتىغانلىقىدىن قازا روزىسىنى پەقەتلا كىلەر يىلىدىكى شەئبان ئېيىدا
رامزاندىن ئاۋۋال تۇتۇۋېلىشقا قادىر بولالىغان. ھەدىسنىڭ ئەرەبچىسى بۇنىڭغا دالالەت
قىلماقتا. ئۆزۈرسىز ھالدا رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى كىلەر يىلىنىڭ شەئبان ئېيىغىچە
كېچىكتۈرۈش ئالىملار ئارىسىدا ياخشى كۆرۈلمەيدىكەن.
Yorumlar
Yorum Gönder