دىنىي قېرىندىشىغا ئۆچ-ئاداۋەت ساقلىغۇچى مەغفىرەت قىلىنمايدۇ
[4652] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى جەننەتنىڭ
ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ ۋە ئاللاھقا ھېچنېمىنى شېرىك قوشمىغان ھەر بىر بەندە مەغفىرەت
قىلىنىدۇ. بىراق دىنىي قېرىندىشى بىلەن ئارىسىدا دۈشمەنلىك-ئاداۋەت بولغانلار مەغفىرەت
قىلىنمايدۇ. ئاللاھ ئۇلار توغرىسىدا پەرىشتىلەرگە شۇنداق دەيدۇ: بۇ ئىككىسىنىڭ مەغفىرەت
قىلىنىشىنى يارىشىپ قالغانغا قەدەر كېچىكتۈرۈڭلار.» (مۇسلىم 4652)
Yorumlar
Yorum Gönder