مەشھۇر ئەھكام ھەدىسلىرى توپلىمى «بۇلۇغۇلمەرام»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى


مۇئەللىپ: ئىمام ئىبنى ھەجەر
شەرھلىگۈچى: مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى
(سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى ئۇيغۇرلارغا تونۇشلۇق «شېرىن بۇلاق» ناملىق مەشھۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورىدۇر. ھىندىستانلىق بۇ سەلەفىي ئالىم 2007-يىلى ۋاپات بولغان)

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇللاھ تارىمى
(ھەدىسلەر داۋاملىق تەرجىمە قىلىنىپ كۆپىيىپ ماڭىدۇ)

بىرىنجى: تاھارەت كىتابى

1- سۇلار بۆلۈمى
[1] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم دېڭىز توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:«ئۇنىڭ سۈيى پاكتۇر، ئۆلۈكلىرى ھالالدۇر.» (بۇ ھەدىسنى تۆت ئىمام ۋە ئىبنى ئەبى شەيبە رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ لەۋزى ئىبنى ئەبى شەيبەنىڭ. ئىبنى خۇزەيمە ۋە تىرمىزى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. بۇ ھەدىسنى يەنە ئىمام مالىك، ئىمام شافىي ۋە ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)
[2] ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەقىقەتەن سۇ پاكتۇر. ئۇنى ھېچنەرسە نىجىس قىلالمايدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئۈچ ئىمام رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئەھمەد سەھىھ دېگەن)
[3] ئەبۇ ئۇمامە ئەل باخىلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سۇنىڭ پۇرىقىنى، تەمىنى ياكى رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگۈچە، ھېچقانداق نەرسە سۇنى نىجىس قىلالمايدۇ.» (ئىبنى ماجە توپلىغان؛ ئەبۇ ھاتىم بۇ ھەدىسنى زەئىپ دېگەن.)
بەيھەقىنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:
«سۇغا چۈشكەن نىجاسەت سۇنىڭ پۇرىقىنى، تەمىنى ۋە رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋەتمىگۈچە سۇ پاكتۇر.»
[4] ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىككى قۇللە مىقداردىكى سۇ نىجىسلىكنى كۆتۈرمەيدۇ.» باشقا بىر رىۋايەتتە «نىجىس بولمايدۇ» دەپ كەلگەن. (بۇ ھەدىسنى تۆت ئىمام رىۋايەت قىلغان. ئىبنى خۇزەيمە، ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن)
[5] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سىلەردىن ھېچكىم جۇنۇب ھالەتتە تۇرغۇن سۇدا غۇسل قىلمىسۇن.» (بۇ ھەدىسنى بەش ئىمام توپلىغان)
بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە «سىلەردىن ھېچكىم ئاقمايدىغان تۇرغۇن سۇغا سىيىپ، ئاندىن ئۇنىڭ غۇسل قىلمىسۇن» دەپ كەلگەن.
مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە «ئۇ سۇدا» دەپ كەلگەن.
ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىدە «جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش ئۈچۈن ئۇ سۇدا غۇسل قىلمىسۇن» دەپ كەلگەن.
[6] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر كىشىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«رەسۇلۇللاھ ئايال كىشىنىڭ ئەر كىشىدىن ئاشقان سۇ بىلەن يۇيۇنۇشىنى ۋە ئەر كىشىنىڭ ئايال كىشىدىن ئاشقان سۇ بىلەن يۇيۇنۇشىنى چەكلىدى. ھەر-بىرى سۇنى سۇنى پەقەت ئۆزى ئوچۇملاپ ئالسۇن.» (بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى سەھىھ بولۇپ، ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي توپلىغان)
[7] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەيمۇنە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) دىن ئاشقان سۇدا يۇيۇندى.» بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. سۇنەن مۇئەللىپلىرى مۇنداق نەقىل قىلغان:
«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ خانىملىرىدىن بىرى چوڭ بىر چىلەكتىن سۇ ئېلىپ يۇيۇندى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ چېلەكتىن سۇ ئېلىپ يۇيۇنۇش ئۈچۈن كەلگىنىدە، ئايالى ‹مەن جۇنۇب ئىدىم› دېدى. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ‹سۇ جۇنۇب بولمايدۇ› دېدى.» تىرمىزى ۋە ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن.
[8] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىت بىرىڭلارنىڭ چىنە-قاچىسىنى يالاپ قويسا، ئۇ چىنە-قاچا ئەڭ ئاۋۋالىدا تۇپراقتا سۈرتۈلۈش بىلەن يەتتە قېتىم يۇيۇلۇش ئارقىلىق پاكلىنىدۇ.» بۇ ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە «ئىچىدىكىلەرنى تۆكسۇن» دەپ كەلگەن. تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىدە «باشتىكى ياكى ئاخىرقى پاكىزلىنىشى تۇپراقتا بولۇش بىلەن» دەپ كەلگەن.
[9] ئەبۇ قەتادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۈشۈك پاكتۇر. چۈنكى، ئۇ ئاراڭلاردا ئايلىنىپ يۈرىدۇ.» بۇ ھەدىسنى تۆت ئىمام توپلىغان. تىرمىزى ۋە ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن.
[10] ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «بەدەۋىيلەردىن بىرى كېلىپ، مەسجىدنىڭ بۇلۇڭىغا سىيىشكە باشلىدى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بەدەۋىيگە ئازار بېرىش ئارقىلىق قىلمىشىدىن توسماقچى بولۇشتى. بىراق، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارنى پەيلىدىن توستى. بەدەۋىي سىيىپ بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر چېلەك ئېلىپ كېلىشنى ۋە سۈيدۈكنىڭ ئۈستىگە تۆكۈلىشىنى بۇيرۇدى.» (بۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىستۇر)

[12] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلارنىڭ ئىچىملىكىگە چېۋىن چۈشسە، چىۋىننى ئىچىملىككە تولۇق پاتۇرۇۋېتىپ ئاندىن ئېلىۋەتسۇن. چۈنكى، چېۋىننىڭ بىر قانىتىدا كېسەللىك، يەنە بىر قانىتىدا شىپا بار.» (بۇخارى ۋە ئەبۇ داۋۇد توپلىغان.

[13] ئەبۇ ۋاقىد لەيسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھايۋاننىڭ تىرىك توختۇتۇپ كېسىۋالىنغان پارچىسى ئۆلۈك (كە ئوخشاش ھارام) دۇر.» (ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى توپلىغان. تىرمىزى ھەسەن دېگەن. ھەدىسنىڭ تېكىستى تىرمىزىنىڭ)

2-چېنە-قاچىلار بۆلۈمى

[14] ھۇزەيفە ئىبنى يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئالتۇن-كۆمۈش چىنە-قاچىلاردا ئىچمەڭلار، بۇنداق چىنە-قاچىلاردا يېمەڭلار. چۈنكى، بۇلار دۇنيادا ئۇلارنىڭ، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭدۇر.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس)
[15] ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كۆمۈش چىنە-قاچىدىن بىر نەرسە ئىچكەن كىشى قارنىغا پەقەتلا ئوتنى تولدۇرىدۇ.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس)
[16] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تېرە ئاشلانغاندا پاكىزلانغان بولىدۇ.»(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) تۆت ئىمامنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:
«قايسى بىر تېرە ئاشلانسا پاكىزلانغان بولىدۇ.»
[17] سەلەمە ئىبنۇل مۇھەببىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۆلۈك ھايۋانلارنىڭ تېرىسى ئاشلاش بىلەن پاكىزلىنىدۇ.» (ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن)
[18] مەيمۇنە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر قوينىڭ سۆرەپ ئېلىپ كېتىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ «تېرىسىنى ئېلىۋالغان بولساڭلارچۇ» دېدى. ئۇ يەردىكىلەر «ئۇ ئۆلۈك ھايۋان» دېدۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سۇ بىلەن قەرەز ئۇنى پاكلايدۇ» دېدى. (ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي توپلىغان)
[19] ئەبۇ سەئلەبە ئەلخۇسەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز بىر ئەھلى كىتاب قەۋمىنىڭ زېمىنىدا ياشايمىز. ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىدىن تاماق يېسەك بولامدۇ؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىدىن يېمەڭلار. بىراق، باشقا چېنە-قاچا تاپالمىساڭلار ئۇ ھالدا ئۇلارنىڭ چېنە-قاچىلىرىنى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن يەڭلار» دېدى. (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
[20] ئىبران ئىبنى ھۇسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ساھابىلىرى بىر مۇشرىك ئايالنىڭ يوغان تۇلۇمىدىكى سۇدا تاھارەت ئالدى.» (ئۇزۇن بىر ھەدىسكە تەئەللۇق بۇ ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
[21] ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قاچىسىغا دەز كەتتى. رەسۇلۇللاھ دەز كەتكەن يەرنى كۈمۈش سىم بىلەن ئەتتى.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)

3- نىجاسەتتىن پاكلىنىش بۆلۈمى
[22] ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن ھاراقتىن سىركە چىقىرىشنىڭ ھۆكمى توغرۇلۇق سورالدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ‹بولمايدۇ› دېدى.»(ھەدىس بۇخارى، مۇسلىم ۋە تىرمىزىنىڭ؛ تىرمىزى ھەسەن سەھىھ دېگەن)
[23] يەنە ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: خەيبەر كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئەبۇ تەلھە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا مۇنداق دېيىشنى بۇيرۇدى:«ئاللاھ ۋە رەسۇلى سىزلەرنى ئۆيدە بېقىلىدىغان ئېشەكنىڭ گۆشىنى يېيىشتىن چەكلەيدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ گۆشى نىجىس.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
[24] ئەمر ئىبنى خارىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مىنادا تۆگىسىدە تۇرۇپ بىزگە خىتاب قىلدى. ئۇ زاتنىڭ تۆگىسىنىڭ شالى مېنىڭ مۈرەمگە ئېقىپ تۇراتتى.» (ھەدىس ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزىنىڭ. تىرمىزى ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)
[25] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىيىمىدىكى مەنىينى يۇياتتى، ئاندىن شۇ كىيىمى بىلەن نامازغا چىقاتتى. مەن كىيىمىدىكى يۇيۇلغان ئىزنى كۆرەتتىم.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
مۇسلىمنىڭ رىۋايىتى مۇنداق:
«مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ كىيىمىدىكى مەنىينى ياخشى ئۇۋىلايتتىم. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم شۇ كىيىمى بىلەنلا ناماز قىلاتتى.»
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:
«كىيىمىدىكى مەنىي قۇرۇق بولسا، مەنىينى تىرنىقىم بىلەن تاتىلاپ چىقىرىۋېتەتتىم.»
[26] ئەبۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قىز بوۋاقنىڭ سۈيدىكى يۇيۇلىدۇ. ئەركەك بوۋاقنىڭ سۈيدۈكىگە سۇ تۆكۈلىدۇ.» (ھەدىس ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىينىڭ؛ ھاكىم سەھىھ دېگەن)
[27] ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەيز قېنى تېگىپ قالغان كىيىمنىڭ قانداق پاكىزلىنىدىغانلىقى توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:«قان ئاۋۋال ياخشى ئۇۋلىنىدۇ، ئاندىن كىيىمگە سۇ سېكىپ سىقىلىدۇ؛ ئاندىن، سۇ بىلەن يۇيۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىيىمدە ناماز ئوقۇلىدۇ.»(ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
[28] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ھەۋلە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «ئى رەسۇلۇللاھ! شۇنىڭدىمۇ قان ئىزى يوقىمىسىچۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سۇ بىلەن يۇيۇشۇڭ سەن ئۈچۈن يېتەرلىكتۇر. قان ئىزىنىڭ قېلىشىنىڭ ساڭا ھېچ زىيىنى يوق» دېدى. (ھەدىس تىرمىزىنىڭ؛ سەنەدى زەئىپ)

4-تاھارەت بۆلۈمى
[29] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق كەلمىسۇن دېسەم، ئۇلارنى ھەر تاھارەت ئالغاندا مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇيتتۇم» (ھەدىس ئىمام مالىك، ئىمام ئەھمەد ۋە نەسائىينىڭ؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن؛ بۇخارى مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان)
[30] ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن قۇلى خۇمراندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاھارەت ئالماق ئۈچۈن سۇ كەلتۈردى. ئاۋۋال قوللىرىنى ئۈچن قېتىم يۇدى. ئاندىن ئاغزىغا سۇ ئېلىپ چايقىدى. ئاندىن بۇرنىغا سۇ ئېلىپ چىقاردى. ئاندىن يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن ئوڭ قولىنى جەينىكىگىچە ئۈچ قېتىم يۇدى. ئاندىن سول قولىنىمۇ ئوڭ قولىغا ئوخشاش يۇدى. ئاندىن بېشىغا مەسىھ قىلدى. ئاندىن ئوڭ پۇتىنى ھوشۇقىغىچە قېتىم يۇدى. ئاندىن سول پۇتىنىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش يۇدى. ئاندىن «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مېنىڭ ئالغىنىمدەك تاھارەت ئالغىنىنى كۆردۈم» دېدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم؛ بۇلۇغۇلمەرام 30-نومۇرلۇق ھەدىس)
[31] ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ باشقا مەسىھ قىلىش شەكلىنى بايان قىلىپ «... ۋە بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلدى...» دېگەن. (بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، نەسائىي ۋە تىرمىزى توپلىغان. نەسائىي بىلەن تىرمىزى بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن. ھەتتا ئىمام تىرمىزى بۇ ھەدىسنىڭ مۇشۇ مەزمۇندىكى ئەڭ سەھىھ ھەدىس ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ‹بۇلۇغۇلمەرام› 31-نومۇرلۇق ھەدىس)
[32]
ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھنىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلى توغرىسىدا مۇنداق بايان قىلىنغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قوللىرىنى (بېشىنىڭ) ئالدىدىن ئارقىسىغا ماڭغۇزۇپ بېشىغا مەسىھ قىلدى.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ باشقا رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن:
«(پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېىشغا مەسىھ قىلسا) ئىككى قولىنى بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىدىن ئارقىسىغىچە ئاپىراتتى، ئاندىن ئارقىسىغا ياندۇرۇپ باشلىغان جايىغا قايتۇرۇپ كېلەتتى.» (ئىمام بۇخارى 185-نومۇرلۇق ھەدىس؛ ۋە مۇسلىم توپلىغان ھەدىس؛ بۇلۇغۇلمەرام 32-نومۇرلۇق ھەدىس)
[33] ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:«ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېشىغا مەسىھ قىلدى ۋە كۆرسەتكۈچ بارماقلىرىنى قۇلاقلىرىغا تىقتى. باش بارماقلىرى بىلەن قۇلاقلىرىنىڭ سىرتىغا مەسىھ قىلدى.» (بۇھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىمام نەسائىي توپلىغان. ئىمام ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن. بۇلۇغۇلمەرام 33-نومۇرلۇق ھەدىس)
[34] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغىنىدا ئۈچ قېتىم مىشقىرسۇن. چۈنكى، شەيتان ئۇنىڭ بۇرنىدا كېچىنى ئۆتكۈزىدۇ.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
[35] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار ئۇيقۇدىن ئويغانغىنىدا قوللىرىنى ئۈچ قېتىم يۇمىغۇچە سۇ بار ئەسۋابقا قولىنى تىقمىسۇن. چۈنكى، قولىنىڭ نەدە كېچىلىگىنىنى بىلمەيدۇ.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ؛ ھەدىسنىڭ لەۋزى مۇسلىمنىڭ)
[36] لەقىيت ئىبنى سەبرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاھارەتنى ئەڭ مۇكەممەل شەكىلدە ئال. بارماقلىرىڭنىڭ ئارىسىنى ئارىلا. ئەگەر روزىدار بولمىساڭ بۇرنۇڭغا مول سۇ ئېلىپ پاكىزلا.» (ھەدىس تۆت ئىمامنىڭ؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن)
ئەبۇ داۋۇدنىڭ بىر رىۋايىتىدە مۇنۇ ئىپادە ئارتۇق كەلگەن:
«تاھارەت ئالغىنىڭدا ئاغزىڭغا سۇ ئېلىپ چايقا.»
[37] ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئالسا ھۆل بارمىقى بىلەن ساقىلىنى ئارىلايتتى.» (تىرمىزى توپلىغان، ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن. بۇلۇغۇلمەرام 37-نومۇرلۇق ھەدىس)
[38] ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر مۇد مىقدارىدىكى سۇنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى (تەخمىنەن 0.460 لېتىر-يېرىم لېتىردىن سەللا كام) مىقداردىكى سۇ كەلتۈرۈلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ سۇدا تاھارەت ئېلىپ بېلەكلىرىنى ئۇۋۇلاپ يۇدى.» (ھەدىس ئىمام ئەھمەدنىڭ؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن)
[39] يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قۇلىقىغا مەسىھ قىلىش ئۈچۈن بېشىغا مەسىھ قىلغان سۇدىن باشقا سۇ ئالغانلىقىنى كۆردۈم.» (ھەدىس بەيھەقىنىڭ؛ بەيھەقى سەھىھ دېگەن؛ تىرمىزىمۇ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)
مۇسلىم بۇ ھەدىسنى ئوخشاش سەنەدت بىلەن مۇنداق رىۋايەت قىلغان:
«قولىدىن ئاشقان سۇدىن باشقا سۇ بىلەن بېشىغا مەسىھ قىلدى.» (ھەدىسنىڭ مەھفۇر بولغىنى مۇشۇ رىۋايەتتۇر)
ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قۇلىقىنى مەسىھ قىلىش ئۈچۈن قوللىرىغا يېڭىدىن سۇ ئالغىنى سابىت ئەمەس. ئەمما، ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇشۇنداق قىلغىنى سەھىھ يول بىلەن يېتىپ كەلگەن.(سەفىيۇررەھمان مۇبارەكفۇرى-بۇلۇغۇلمەرام شەرھى، 39-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھىسى)
[40] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قىيامەت كۈنى ئۈممىتىم تاھارەت ئىزى سەۋەبلىك يۈز، بىلەك ۋە پۇتلىرى ئاپئاق نۇرلۇق شەكىلدە كېلىدۇ. ئۇ ھالدا سىلەردىن كىم بۇ پارلاقلىقنى ئاشۇرالاشقا قادىر بولسا شۇنداق قىلسۇن.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ؛ ھەدىسنىڭ تېكىستى مۇسلىمغا تەۋە)
[41] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئايىقىنى كىيىشتە، چېچىنى تاراشتا، پاكىزلىنىشىدا ۋە ھەممە ئىشىدا ئوڭدىن باشلاشنى ياخشى كۆرەتتى.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
[42] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاھارەت ئالغاندا (ئەزالارنى يۇيۇشنى) ئوڭ تەرەپتىن باشلاڭلار.» (تۆت ئىمام رىۋايەت قىلغان؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن؛ بۇلۇغۇلمەرام 42-نومۇرلۇق ھەدىس)
[43] مۇغىيرە ئىبنى شۇئبەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئالدى. ماڭلاي چېچىغا، سەللىسىگە ۋە پايپىقىغا مەسىھ قىلدى.» (مۇسلىم)
[44] جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەج قىلىش شەكلىنى بايان قىلىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان:«ئاللاھنىڭ باشلىغىنى بىلەن باشلاڭلار.» (نەسائىي بۇ ھەدىسنى مۇشۇ شەكىلدىكى بۇيرۇق شەكلىدە رىۋايەت قىلغان؛ مۇسلىم خەۋەر شەكلى بىلەن رىۋايەت قىلغان)
[45] يەنە جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئالغىنىدا سۇنى جەينەكلىرىنىڭ ئۈستىگىچە چىقىراتتى.» (ھەدىسنى داراقۇتنى زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان)
[46] [47] [48] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاھارەت ئالغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلمىغان (يەنى بىسمىللاھ دېمىگەن) كىشىنىڭ تاھارىتى يوقتۇر.» (ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان؛ تىرمىزى سەئىد ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ۋە ئەبۇ سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھەدىسنى نەقىل قىلغان. ئىمام ئەھمەد ھەدىس ھەققىدە «بۇ مەزمۇندا قوبۇل قىلىنىدىغان كەسكىن رىۋايەت يوق» دېگەن)
[49] تەلھە ئىبنى مۇسەررىف رەھىمەھۇللاھ دادىسىدىن، ئۇ چوڭ دادىسىدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا ئايرىم ئايرىم سۇ ئالغىنىنى كۆردۈم.» (ئەبۇ داۋۇد زەئىپ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان)
[50] ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلىنى مۇنداق بايان قىلغان:«...ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا ئۈچ قېتىم سۇ ئالدى. قولىدىكى سۇدا ھەم ئاغزىنى ۋە ھەم بۇرنىنى چايقايتتى.» (ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي)
 [51] ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ تاھارەت ئېلىش شەكلىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن:«... ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (قولىغا) سۇ ئالاتتى، بىر چاڭگال سۇ بىلەن ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا سۇ بېرەتتى، بۇنى ئۈچ قېتىم تەكرارلايتتى.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
بۇھەدىس ھەققىدە مۇھەددىس شەيخ سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى مۇنداق دېگەن دېگەن: قولىدىكى بىر ئالقان سۇ بىلەن ھەم ئاغزىغا، ھەم بۇرنىغا سۇ ئالاتتى. تەلھە ئىبنى مۇسەررىفنىڭ «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاغزىغا ۋە بۇرنىغا ئايرىم-ئايرىم سۇ ئېلىپ (چايقىغىنىنى) كۆردۈم» (بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇلۇغۇلمەرامنىڭ 49-نومۇرلۇق ھەدىسىدە بۇ ھەدىسنى زەئىپ (ئاجىز) دەپ باھالىغان) دېگەن بۇ ھەدىسىدىكى مۇسەررىفنىڭ كىم ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەدىس زەئىپتۇر. سۇبۇلۇسسالامنىڭ ئاپتورى ئىمام سەنئانى مۇنداق دېگەن: ئېغىز ۋە بۇرۇنغا بىرلىكتە ياكى ئايرىم-ئايرىم سۇ ئېلىش توغرىسىدا پەرقلىق رىۋايەتلەر بولغانلىقى، ئېغىز بىلەن بۇرۇنغا بىرلىكتە سۇ ئېلىش توغرىسىدىكى ھەدىسنىڭ تېخىمۇ سەھىھ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىككىلى ئەھۋال سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. (بۇلۇغۇلمەرام شەرھى، 51-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى)(شەرھ تەرجىمىسى چالا)
[52] ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پۇتىنىڭ تىرناقچىلىك يېرىگە سۇ تەگمىگەن بىر كىشىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا «قايتىپ بېرىپ تاھارىتىڭنى مۇكەممەل ئال» دېدى. (ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي)
[53] يەنە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر مۇد (تەخمىنەن يەتتە يۈز گرام) سۇدا تاھارەت ئالاتتى. بىر سائ (تەخمىنەن 2750 گرام) دىن بەش مۇد (تەخمىنەن 3450 گرام) قىچە سۇدا يۇيۇناتتى.»(بۇخارى ۋە مۇسلىم)
[54] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن كىمكى ياخشى تاھارەت ئېلىپ، ئاندىن ‹ئاللاھتىن باشقا ھەق ئىلاھنىڭ يوقلىقىغا، ئۇنىڭ بىرلىكىگە ۋە شېرىكى يوقلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاللاھنىڭ قۇلى ۋە رەسۇلى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن› دېسە، جەزمەنكى، ئۇ كىشى ئۈچۈن جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ.»(بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. بۇلۇغۇلمەرام 54-نومۇرلۇق ھەدىس)
تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىدە مۇنۇ لەۋز ئارتۇق كەلگەن:
«ئى ئاللاھىم! مېنى كۆپ تەۋبە قىلغان ۋە پاكلانغانلار قاتارىدىن قىلغىن.»

5-پايپاق ۋە مەيسىلەرگە مەسىھ قىلىش بۆلۈمى
[55] مۇغىيرە ئىبنى شۇئبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىللە ئىدىم. تاھارەت ئالماقچى بولغىنىدا ئاياق كىيىمىنى سالدۇرۇش ئۈچۈن ئېگىلدىم. بىراق، ئۇ زات ماڭا «ئۇلارنى ئۆز پېتى قويغىن. چۈنكى، ئۇلارنى پاكىز پۇتۇمغا كىيگەنمەن» دېدى ۋە پايپاق-مەيسىسىگە مەسىھ قىلدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
[56] نەسائىيدىن باشقا تۆت ئىمامنىڭ رىۋايىتىدە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پايپاق-مەيسىسىنىڭ ئۈستىگە ۋە ئاستىغا مەسىھ قىلدى.» (بۇ رىۋايەتنىڭ سەنەدى زەئىپ)
[57] ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«ناۋادا دىننى ئەقىل ۋە چۈشەنچىگە ئاساسلانغان بولسىدى، ئاياق كىيىمىنىڭ ئاستىغا مەسىھ قىلىش ئۈستىگە مەسىھ قىلىشتىن ئەلا ھېسابلانغان بولاتتى. بىراق، مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئاياق كىيىمىنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلغىنىنى كۆردۈم.» (ئەبۇ داۋۇد ھەسەن سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان)
[58] سەفۋان ئىبنى ئەسسال رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن سەپەردە بولغىنىمىزدا ئۇ زات بىزگە جۇنۇبلۇق ھالىتىمىزدىن سىرتقى ئۇخلاش، چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن (تاھارىتىمىز سۇنغان تەقدىردىمۇ) ئاياق كىيىمىمىزنى ئۈچ كېچە-كۈندۈز سالماسلىقىمىزنى (ئاياق كىيىمىمىزگە مەسىھ قىلىشنى) بۇيرۇيتتى.» (ھەدىس نەسائىي ۋە تىرمىزىنىڭ؛ تېكىستى تىرمىزىنىڭ؛ تىرمىزى ۋە ئىبنى خۇزەيمە بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)
[59] ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇساپىرغا ئۈچ كېچە-كۈندۈز؛ مۇساپىر بولمىغانلارغا بىر كېچە-كۈندۈز ئاياق كىيىمىگە مەسىھ قىلىش مۇددىتىنى بەلگىلەپ بەردى.» (مۇسلىم)
[60] سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىر قوشۇن ھازىرلاپ ئۇلارغا سەللىسىگە ۋە ئاياق كىيىمىگە مەسىھ قىلىشنى بۇيرۇدى.» (ھەدىس ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ داۋۇدنىڭ؛ ھاكىم سەھىھ دېگەن)
[61][62] ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مەۋقۇف، ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مەرفۇئ ھالەتتە مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان:«سىلەردىن بىرىڭلار تاھارەت ئېلىپ پۇتىغا مەيسە-پايپاق كىيسە، (كىيىنكى قېتىم تاھارەت ئالغاندا) ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلسۇن. ئۇنىڭ بىلەن ناماز ئوقۇسۇن ۋە خالىسا جۇنۇبلۇق ھالىتىدىن باشقىسىدا ئۇلارنى پۇتىدىن سالمىسۇن.» (ھەدىس داراقۇتنى ۋە ھاكىمنىڭ؛ ھاكىم سەھىھ دېگەن)
[63] ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پۇتىغا تاھارەتلىك ھالدا ئاياق كىيىمى كىيگەن مۇساپىرغا ئۈچ كېچە-كۈندۈز، يولۇچى بولمىغانلارغا بىر كېچە-كۈندۈز ئاياق كىيىمىگە مەسىھ قىلىش رۇخسىتى بەردى.» (ھەدىس داراقۇتنىنىڭ؛ ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن)
[64] ئۇبەي ئىبنى ئىمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئاياق كىيىمىمگە مەسىھ قىلايمۇ؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئەلۋەتتە» دېدى. مەن «بىر كۈن مۇددەت ئىچىدىمۇ؟» دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «شۇنداق» دېدى. مەن «ئىككى كۈن مۇددەت ئىچىدىمۇ؟» دېدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «شۇنداق» دېدى. مەن «ئۈچ كۈن مۇددەت ئىچىدىمۇ؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «شۇنداق، سەن خالىغان مۇددەت» دېدى. (ھەدىس ئەبۇ داۋۇدنىڭ؛ ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى ئاجىز دېگەن)

6- تاھارەتنى بۇزىدىغان ئىشلار بۆلۈمى
[65] ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ زامانىدا ساھابىلەر خۇپتەن نامىزىنى ساقلايتتى، شۇ ھالىتىدە باشلىرى (مۈگىدەك سەۋەبىدىن) ساڭگىلاپ كېتەتتى. ئاندىن (رەسۇلۇللاھ ناماز ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن چىققاندا) تاھارەت ئالماستىنلا ناماز ئوقۇيتتى.» (ھەدىس ئەبۇ داۋۇدنىڭ؛ داراقۇتنى سەھىھ دېگەن؛ ھەدىسنىڭ ئەسلى مۇسلىمدا بار)
[66] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: فاتىمە بىنتى ئەبۇ خۇبەيش (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن ئىستىھازە كېسىلى بولغان ئايالمەن. بۇ سەۋەبلىك پاك بولالمايمەن. (شۇنداق بولغاندىكىن) ناماز ئوقۇمايمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ياق، بۇ ھەيز قېنى ئەمەس تومۇردىن كەلگەن قاندۇر. ھەيز قېنى كەلگەندە ناماز ئوقۇماڭ. ھەيز قېنى توختىغاندا، تومۇردىن كەلگەن قاننى يۇيۇڭ ۋە ناماز ئوقۇڭ» دېدى. (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
بۇخارىنىڭ رىۋايىتىدە «كېيىن ھەر ناماز ئۈچۈن تاھارەت ئېلىڭ» دەپ كەلگەن. مۇسلىم ئۆزىنىڭ بۇ لەۋزىنى قەستەن بايان قىلمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان.
[67] ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن كۆپ مەزى كېلىدىغان ئادەم ئىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن بۇنىڭ ھۆكۈمىنى سوراش ئۈچۈن مىقداد (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) دىن ئۆتۈندۈم. ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «(مەزىي كەلگەن كىشى) پەقەتلا تاھارەت ئالىدۇ» دەپتۇ. (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ؛ تېكىستى بۇخارىنىڭ)
[68] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللىرىدىن بىرىنى سۆيدى. ئاندىن تاھارەت ئالماستىنلا نامازغا چىقتى.» (ھەدىس ئىمام ئەھمەدنىڭ؛ بۇخارى زەئىپ دېگەن)
[69] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار قورسىقىدا بىر نەرسە ھېس قىلسا ۋە (مەئقىتىدىن) بىر نەرسىنىڭ چىققان ياكى چىقمىغانلىقىدا شۈبھىلەنسە، ئاۋازنى ئاڭلىمىغۇچە ياكى بىرەر پۇراقنى پۇرىمىغۇچە مەسجىدتىن چىقمىسۇن.» (مۇسلىم)
[70] تەلق ئىبنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىرەيلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «مەن جىنسىي ئەزايىمنى تۇتتۇم» ياكى «نامازدا جىنسىي ئەزاسىنى تۇتقان كىشى تاھارەت ئېلىشى كېرەكمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ياق، ئۇ سېنىڭ بىر پارچاڭدۇر» دېدى. (ھەدىسنى بەش ئىمام توپلىغان؛ ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن؛ ئىبنى مەدىينى ھەدىس توغرۇلۇق ‹بۇ ھەدىس بۇسرا ھەدىسىنىڭ ئەڭ گۈزىلىدۇر› دېگەن)
[72] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ناماز ئوقۇۋاتقىنىدا بۇرنى قانىسا، ئاغزىغا بىر نەرسە يېنىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئاشقازىنى بىئارام بولسا ياكى مەزىي كېلىپ كەتسە نامازنى قويۇپ، بېرىپ تاھارەت ئالسۇن. ئاندىن ھېچبىر گەپ قىلماستىن كېلىپ نامىزىنى كەلگەن يېرىدىن داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇسۇن.» (ھەدىس ئىبنى ماجەنىڭ؛ ئىمام ئەھمەد ۋە باشقىلار ھەدىسنى زەئىپ دېگەن)

[73] جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر ئادەم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن «قوي گۆشى يېگەنلىكىم ئۈچۈن تاھارەت ئالىمەنمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «خالىساڭ ئال» دەپ بۇيرۇدى. ئۇ ئادەم «تۆگە گۆشى (يېيىش) سەۋەبلىك تاھارەت ئالىمەنمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ھەئە، تاھارەت ئالىسەن» دېدى. (ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان ھەدىس؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر-بۇلۇغۇلمەرامنىڭ 73-نومۇرلۇق ھەدىسى)
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن مۇنداق دەيدۇ: تۆگىنىڭ گۆشىنى يېيىش بولسۇن، ئىچكى ئەزالىرىنى بولسۇن، ياكى باشقا يېرىنى يېيىش بولسۇن ئوخشاشلا تاھارەتنى بۇزىدۇ. (فەتۋا ئەركانۇل ئىسلام 1\347)
[74] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم بىر ئۆلۈكنى يۇيسا، ئۆزىنىمۇ يۇسۇن. كىم بىر ئۆلۈكنى كۆتۈرسە تاھارەت ئالسۇن.» (ھەدىس ئىمام ئەھمەد، نەسائىي ۋە تىرمىزىنىڭ؛ تىرمىزى ھەسەن دېگەن. ئىمام ئەھمەد ‹بۇ ھەقتە سەھىھ رىۋايەت يوق› دېگەن)
[75] ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ بەكر رەھىمەھۇللاھتىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئەمر ئىبنى ھەزمگە ئەۋەتكەن مەكتۇبىدا مۇنداق يېزىلغان:«قۇرئاننى پاك بولغاندىن باشقا كىشى تۇتمىسۇن.» (ھەدىسنى ئىمام مالىك مۇرسەل ھالەتتە رىۋايەت قىلغان؛ نەسائىي ۋە ئىبنى ھىببان مەۋسۇل ھالەتتە رىۋايەت قىلغان. بۇ ھەدىس مەئلۇل ھەدىستۇر)
[76] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەممە ھالىتىدا ئاللاھنى زىكىر قىلاتتى.» (ھەدىسنى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان؛ بۇخارى مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان)
[77] ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قان ئالدۇردى ۋە تاھارەت ئالماستىن ناماز ئوقۇدى.» (ھەدىسنى داراقۇتنى رىۋايەت قىلىپ، زەئىپ دېگەن)
[78][79][80] مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «كۆز مەقئەتنىڭ بوغۇچىدۇر. كۆزلەر ئۇخلىغاندا بوغۇش يېشىلىدۇ.» (ھەدىس ئىمام ئەھمەد ۋە تەبرانىنىڭ)
تەبرانىنىڭ رىۋايىتىدە مۇنۇ لەۋز ئارتۇق كەلگەن:
«كىم ئۇخلىسا تاھارەت ئالسۇن.» (ھەدىستىكى بۇ ئارتۇقلۇق ئەبۇ داۋۇدنىڭ رىۋايىتىگە ئوخشاش «باغ يېشىلىدۇ» ئىپادىسى يوق ھالەتتە ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ رىۋايىتى سۈپىتىدە يەر ئالغان. بىراق ھەر ئىككى رىۋايەتنىڭ ئىسنادى زەئىپ)
ئەبۇ داۋۇد ئىبنى ئابباستىن مەرفۇئ ھالەتتە مۇنداق رىۋايەت قىلغان:
«تاھارەت ئېلىش سوزۇلۇپ ياتقان كىشى ئۈچۈندۇر.» (بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە زەئىپلىك بار)
[81][82][83][84] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىرىڭلار ناماز ئوقۇۋاتقاندا شەيتان يېنىغا كېلىپ ئارقىسىغا پۈۋلەيدۇ. ئۇ تاھارىتىم بۇزۇلدى دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە تاھارىتى بۇزۇلغان بولمايدۇ. ئەگەر بىرىڭلار بۇنداق ئەھۋالغا دۇچ كەلسە ئاۋازنى ئاڭلىمىغۇچە ياكى پۇراقنى پۇرىمىغۇچە نامىزىدىن ئايرىلمىسۇن.» (ھەدىسنى بەززار توپلىغان)
ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارى ۋە مۇسلىمدا ئابدۇللاھ ئىبنى زەيدتىن رىۋايەت قىلىنغان.
مۇسلىم بۇ ھەدىسنىڭ ئوخشىشىنى ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلغان.
ھاكىم ئەبۇ سەئىدتىن مەرفۇئ ھالەتتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:
«شەيتان بىرىڭلارغا كېلىپ ‹تاھارىتىڭ بۇزۇلدى› دېسە، شەيتانغا ‹يالغان سۆزلىدىڭ› دېسۇن.» (ئىبنى ھىببان بۇ ھەدىسنى «ئۆزۈڭ شۇنداق دەۋالدىڭ» لەۋزى بىلەن رىۋايەت قىلغان)
7-ھاجەت سۇندۇرۇش ئەدەپلىرى بۆلۈمى

[137]
مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام» دىكى 137-نومۇرلۇق ھەدىسننىڭ «پېشىن ۋە ئەسىر ئۈچۈن بىر قېتىم يۇيۇنىسەن» دېگەن بۆلىكىنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: پېشىننى ئاخىرقى ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈپ ئوقۇش، ئەسىرنى دەسلەپكى ۋاقتىدا ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنىدۇ. بۇندا ھالەتتە ئىككى نامازنى جۈپلەپ ئوقۇغاندا ئىككىلى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا ئوقۇغان ھېسابلىنىدۇ. شام ۋە خۇپتەن نامىزىنىمۇ يۇقارقىدەك قىلىدۇ. (بۇلۇغۇلمەرام شەرھى، 68-بەت)
[138]
ھەمنە بىنتى جەھىش مۇنداق دەيدۇ: بەك ئېغىر ئىستىھازە بولاتتىم. قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«بۇ (يەنى ئىستىھازە قېنى) شەيتاننىڭ ھۇجۇمىدۇر. ئۆزۈڭنى ئالتە-ياكى يەتتە كۈن ھەيزدار ھېسابلا. ئاندىن غۇسل قىل. تولۇق پاكلانغاندا يىگىرمە تۆت ياكى يىگىرمە ئۈچ كۈن ناماز ئوقۇ، روزا تۇت. بۇ ساڭا يېتەرلىكتۇر. ئاياللارنىڭ ھەيز بولۇپ پاكلانغىنىغا ئوخشاش، سەنمۇ ھەر ئاي مۇشۇنداق قىل. بىراق، ناۋادا پېشىن نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ ئەسىر نامىزى بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچۈڭ يەتسە، ئەسىر نامىزىنىڭ ۋاقتىدا يۇيۇنۇپ، پېشىن بىلەن ئەسىرنى جۈپلەپ ئوقۇ. ئوخشاشلا، شام نامىزىنى كېچىكتۈرۈپ خۇپتەن بىلەن بىللە ئوقۇشقا كۈچۈڭ يەتسە، خۇپتەننىڭ ۋاقتىدا يۇيۇن، شام نامىزى بىلەن خۇپتەن نامىزىنى جۈپلەپ ئوقۇ. ئەتىگىنى يۇيۇنۇپ بامدات نامىزىنى ئوقۇ. بۇ ئىككى ھالەتتىن ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر.» (ھەدىسنى نەسائىدىن باشقا بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى سەھىھ دېگەن، بۇخارى ھەسەن دېگەن. بۇلۇغۇلمەرام 138-نومۇرلۇق ھەدىس)
مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» دە بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن (شەرھنىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك قىسىمىنىلا ئالدىم):
«بۇ ئىككى ھالەتتىن»: يەنى، بۇ ئىككى ھالەتنىڭ بىرى ئىستىھازە بولغان ئايالنىڭ ھەر ناماز ئۈچۈن پەقەت تاھارەت ئېلىشىدۇر. يەنە بىرى بولسا، بىر كېچە كۈندۈزدە ئۈچ قېتىم يۇيۇنىشىدۇر.
«ئەڭ ياقتۇرىدىغىنىم ئىككىنجىسىدۇر»: يەنى، ھەيز مۇددىتى سىرتىدىكى ئىستىھازە مۇددىتىدە، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم يۇيۇنۇپ ناماز ئوقۇشىڭنى تېخىمۇ ياقتۇرىمەن. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 69-بەت)
[140]
ئۇممۇ ئەتىييە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز (ھەيزدىن) پاكلانغاندىن كېيىن (ئەۋرەتتىن) كەلگەن دۇغنى ۋە سېرىق سۇيۇقلۇقنى ئەرزىگۈدەك بىر نەرسە سانىمايتتۇق.» بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنىڭ تېكىستى ئەبۇ داۋۇدنىڭ. (‹بۇلۇغۇلمەرام› 140-نومۇرلۇق ھەدىس)
بۇ ھەدىسنى مەشھۇر مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇركى (ۋاپاتى: ھ 1428-يىلى، م 2006-يىلى) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق شەرھلىگەن: بۇ خىل سۇيۇقلۇقلار ھەيز ھېسابلانمايدۇ. بۇ ھەدىس، ھەيز مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ۋە ھەيز قېنى توختىغاندىن كېيىن چىققان (سارغۇچ) سۇنىڭ ھەيز ھېسابلانمايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر. («بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 140-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى)
[144]
ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان:«ئايال كىشى ھەيزدار بولغاندا ناماز ئوقۇمايدۇ ۋە روزا تۇتمايدۇ ئەمەسمۇ؟» ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىم تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان بىرلىككە كەلگەن ھەدىس بولۇپ، ئۇزۇ بىر ھەدىستىن ئېلىنغان.(ئىمام ئىبنى ھەجەر «بۇلۇغۇلمەرام 144-نومۇرلۇق ھەدىس)
بۇ ھەدىسنى مەشھۇر مۇھەددىس سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇركى (ۋاپاتى: ھ 1428-يىلى، م 2006-يىلى) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق شەرھلىگەن: ئىسلام ھەيزدار ئايال كىشىنىڭ ناماز ئوقۇمايدىغانلىقىنى ۋە روزا تۇتمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. بىراق، ھەيزدار ھالەتتە تۇتالمىغان روزىسىنى باشقا كۈنلەردە تۇتىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭغا دالالەت قىلىدىغان ئوچۇق دەلىللەر مەۋجۇت. ھەيزدار ھالىتىدە ئوقۇيالماي قالغان نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ (يەنى تولۇقلاپ ئوقۇمايدۇ.)[سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 144-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى]
[157] رافىئ ئىبنى خەدىج رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بامدات نامىزىنى سۈبھى يورۇغاندا ئوقۇڭلار. چۈنكى، بۇنداق قىلىش نامازنىڭ ساۋابىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى ۋە ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن)
[166] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاڭ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. ئۇنىڭ بىر تۈرلۈكى تاماق يېيىشنى ھارام، ناماز ئوقۇشنى ھالال قىلىدۇ. يەنە بىرى ناماز قىلىشنى ھارام، تاماق يېيىشنى ھالال قىلىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئىبنى خۇزەيمە ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان. ھەدىسنى ئىككىلىسى سەھىھ دېگەن)
[168] ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى، دەسلەپكى ۋاقتىدا قىلىنغان نامازدۇر.» (بۇ ھەدىسنى تىرمىزى ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان. ئىككىلىسى سەھىھ دېگەن. بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارى ۋە مۇسلىمدا مەۋجۇت)
[193] ئوسمان ئىبنى ئەبۇل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە «ئى رەسۇلۇللاھ! مېنى قەۋمىمگە ئىماملىققا تەيىنلىسەڭ!» دېدىم. بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«سەن ئۇلارنىڭ ئىمامىسەن. (نامازدا) ئەڭ ئاجىزلارنىڭ ئەھۋالىغا ماسلاش ۋە ئوقۇغان ئەزىنى ئۈچۈن ھەق ئالمايدىغان بىرىنى مۇئەززىنلىككە قوي.» (بۇ ھەدىسنى بەش ئىمام نەقىل قىلغان. ئىمام تىرمىزى ھەدىسنى ھەسەن دېگەن، ئىمام ھاكىم سەھىھ دېگەن)
[241] ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«نامازدا ئوڭ سولغا قاراشتىن ساقلان. چۈنكى بۇ ھالاك بولۇشتۇر. ئەگەر قارىشىڭ كېرەك بولسا، پەقەت نەپلە نامىزىڭدا قارىغىن.»(بۇ ھەدىسنى تىرمىزى سەھىھ ھالەتتە رىۋايەت قىلغان)
[245]
[246] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تاماق تەييار بولغاندا ۋە ئىككى نىجاسەت قىستىغاندا ناماز ئوقۇلماس.»(بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
[247] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەسنەش شەيتاندىندۇر. سىلەردىن بىرىڭلار ئەسنىسە، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەسنەشنى يېڭىشكە تىرىشسۇن.»(بۇ ھەدىسنى مۇسلىم ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. تىرمىزىنىڭ رىۋايىتىدە ‹نامازدا› ئىپادىسى زىيادە كەلگەن.)

ئالتىنجى: مەسجىدلەر بۆلۈمى

[248] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆيلەردە مەسجىدلەر بىنا قىلىنىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ پاكىزلىنىپ، خۇشپۇراق چېچلىشىنى ئەمىر قىلدى.»(بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى بۇ ھەدىسنىنىڭ مۇرسەل ھالدا سەھىھ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان)
[249] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ يەھۇدىيلارغا غەزەپ قىلسۇن! ئۇلار پەيغەمبەرلىرىنىڭ قەبرىلىرىنى مەسجىد قىلىۋالدى.» (بۇ ھەدىس بىرلىككە كەلگەن ھەدىستۇر. مۇسلىمنىڭ رىۋايىتىدە «ۋە خىرىستىيانلارغا» دېگەن ئىبارە ئارتۇق كەلگەن)
[250]
[251]
[252] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەسجىدتتە شېئىر ئوقۇغان ھەسسان ئىبنى سابىتنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا ھومايدى. بۇنىڭ بىلەن ھەسسان ‹مەن بۇ يەردە سەندىن ياخشىسى (يەنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) بار چاغدىمۇ شېئىر ئوقۇغانمەن› دېدى.»(بۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىستۇر)
[253] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم بىر كىشىنىڭ يۈتۈپ كەتكەن نەرسىسىنى مەسجىدتە ئىزدەۋاتقىنىنى ئاڭلىسا ‹ئاللاھ ئۇ نەرسەڭنى ساڭا تاپقۇزمىسۇن› دېگەي. چۈنكى، مەسجىدلەر بۇنداق ئىشلار ئۈچۈن سېلىنغان ئەمەس.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
[254] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر كىشىنىڭ مەسجىدتتە بىر نەرسە ساتقىنىنى ياكى سېتىۋالغىنىنى كۆرسەڭلار، ئۇنىڭغا ‹ئاللاھ بۇ تىجارىتىڭگە مەنپەئەت بەرمىسۇن› دەڭلار.»(بۇ ھەدىسنى تىرمىزى ۋە نەسەئىي رىۋايەت قىلغان. تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ھەسەن دېگەن.
[255] زەئىپ.
[256] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«سەئىد (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) خەندەك جېڭىدە يارىلاندى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنى تېخىمۇ يېقىندىن ۋە دائىم يوقلاپ تۇرالىشى ئۈچۈن مەسجىدتە ئۇنىڭ بىر چېدىر قۇرۇپ بەردى.» (بۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىستۇر.)
[257] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«مەن مەسجىدتە ھەبەشىلەرنىڭ ئويۇنىنى تاماشا قىلىۋاتقىنىمدا رەسۇلۇللاھنىڭ مېنى يوشۇرغىنىنى كۆردۈم.» (بۇ ھەدىس مۇتتەفەقۇن ئەلەيھىدۇر)
شەرھ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئائىشە ئانىمىزنىڭ ھۇجرىسىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۆرە تۇرغان بولۇپ، ئائىشە ئانىمىز ئۇ زاتنىڭ ئارقىسىدا ئىدى.
بۇ ھەدىس ئايال كىشىنىڭ نامەھرەم ئەرلەرگە بىر-بىرلەپ ئەمەس، توپ ھالەتتىكى نامەھرەملەرگە قارىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. باشقا رىۋايەتلەر، ھەبەشىستانلىقلارنىڭ قالقان ۋە نەيزە بىلەن ئۇيۇن ئوينىغانلىقىنى، بۇ كۈننىڭ ھېيىت كۈنى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنداق ئويۇنلار بىر تۈرلۈك جەڭ تەلىمىدۇر. بۇ ھەدىس يەنە بۇ خىلدىكى ئۇيۇنلارنىڭ مەسجىدتە ئوينىلىشىنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق، بۇ ھەدىستىن ئويۇنلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ مەسجىدتە پۈتۈن ئويۇنلارنىڭ دۇرۇس ئىكەنلىكى ھۆكۈمى چىقىرىلمايدۇ.
[258] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«قارا تەنلىك بىر دېدەكنىڭ مەسجىدتە چېدىرى بار ئىدى. يېنىمغا كېلىپ مەن بىلەن پاراڭلىشاتتى.» (بۇ ھەدىس مۇتتەفەقۇن ئەلەيھتۇر)
[259] ئەنەس رەزىيەلاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەسجىدكە تۈكۈرۈش خاتالىق. ئۇنىڭ كافارىتى تۈكۈرۈكنى كۆمۈۋېتىش.»(بۇ بىرلىككە كەلگەن ھەدىس)
[260] ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشىلەر مەسجىدلەردە ماختىنىشىپ چوڭچىلىق قىلىشمىغۇچە قىيامەت بولمايدۇ.» بۇ ھەدىسنى تىرمىزىدىن باشقا بەش ئىمام رىۋايەت قىلغان. ئىبنى خۇزەيمە سەھىھ دېگەن.
[261] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەن مەسجىدلەرنى بېزەشكە بۇيرۇلمىدىم.» (ئىمام ئەبۇ داۋۇد توپلىغان. ئىمام ئىبنى ھىببان سەھىھ دېگەن. ئىمام ئىبنى ھەجەر «بۇلۇغۇلمەرام» 261-نومۇرلۇق ھەدىس)
مۇھەددىس شەيخ سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: (چۈشىنىشلىك بولۇشى ئۈچۈن ئىككى نۇقتىغا بۆلۈپ تەرجىمە قىلدۇق)
1. ھاك تېشى ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن بېزەشكە بۇيرۇلمىدىم.
2. بۇ ھەدىس مەسجىد بېزەشنىڭ ياخشى ئەمەللەردىن ھېسابلانمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ دىندا ماختىلىدىغان ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

[272] ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز باشلىغاندا، رۇكۇغا ئېگىلگەندە، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ تەكبىر ئېيتقاندا قوللىرىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى.» (ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان؛ بۇلۇغۇلمەرام 272-نومۇرلۇق ھەدىس)
[273]
ئىمام ئەبۇ داۋۇد ئەبۇ ھۇمەيدتىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ناماز باشلىغاندا قوللىرىنى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرۈپ، ئاندىن («ئاللاھۇ ئەكبەر») دەپ تەكبىر ئېيتقانلىقى بايان قىلىنغان. (ئىمام ئىبنى ھەجەر-بۇلۇغۇلمەرام 273-نومۇرلۇق ھەدىس) مۇھەددىس سەفىيۇۇراھمان مۇبارەكفۇرى بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىس نامازنى باشلىغاندا قوللارنى كۆتۈرگەندىن كېيىن («ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ) تەكبىر ئېيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىراق، بۇنىڭ ئەكسىدە («ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندىن كېيىن قوللارنى كۆتۈرگەنلىكى توغرۇلۇق) ھەدىسلەرمۇ بار. شۇ ۋەجىدىن، بۇ جەھەتتە ئىختىيارلىق بار. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىستە يەنە رەسۇلۇللاھنىڭ رۇكۇغا بارىدىغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا قوللىرىنى كۆتۈرگەنلىكىمۇ بايان قىلىنغان. (سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» 117-بەت)
ناماز كىتابى

[325] جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ياستۇققا سەجدە قىلىۋاتقان بىر كېسەلنىڭ ياستۇقىنى ئېلىۋېتىپ مۇنداق دېگەن:«كۈچۈڭ يەتسە يەرگە سەجدە قىل، يەتمىسە ئىشارەت بىلەن سەجدە قىل. سەجدەڭ رۇكۇدىن پەس بولسۇن.» (بۇ ھەدىسنى بەيھەقى كۈچلۈك سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان. ئەبۇ ھاتىم ھەدىسنىڭ مەۋقۇف ھالەتتە سەھىھ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان)

8-سەھۋەنلىك سەجدىسى ۋە باشقا سەجدىلەر
[326]
[331] ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي ئابدۇللاھ ئىبنى جەئفەردىن مەرفۇ ھالەتتە مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان:«كىم نامىزىدا شۈبھىگە چۈشكسە، سالام بەرگەندىن كېيىن ئىككى سەجدە قىلسۇن.» (ئىبنى خۇزەيمە بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)
[478] ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، ئەبۇ بەكرى ۋە ئۇمەر ھېيىت نامازلىرىنى خۇتبىدىن ئىلگىرى ئوقۇيتتى.» (ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
[479] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق نەقىل قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھېيىت كۈنى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇدى. بۇ ئىككى رەكئەتلىك نامازدىن ئىلگىرىمۇ، كېيىنمۇ ناماز ئوقۇمىدى.» (يەتتە ئىمام رىۋايەت قىلغان ھەدىس)
[480] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق نەقىل قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھېيىت نامىزىنى ئەزانسىز ۋە قامەتسىز ئوقۇدى.» (ھەدىس ئەبۇ داۋۇتنىڭ؛ بۇ ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارىدا بار)
[481] ئەبۇ سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھېيىت نامىزى ئوقۇشتىن ئىلگىرى باشقا (نەپلە) ناماز ئوقۇمايتتى. ئۆيىگە قايتقاندا ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.» (بۇ ھەدىسنى ئىبنى ماجە ھەسەن سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان)
[482] ئەبۇ سەئد رەزىيەللھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم روزا ھېيىت ۋە قۇربان ھېيىتتا نامازگاھقا بېرىش ئۈچۈن (ئۆيىدىن) چىقاتتى. (نامازگاھتا) قىلىدىغان تۇنجى ئىشى ناماز ئىدى. ئاندىن بېرىپ سەپلەردىكى كىشىلەرگە يۈزلىنىپ ئۆرە تۇرغان ھالەتتە ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىپ، قىلىشى كېرەك بولغان ئىشلارنى بۇيرۇيتتى.» (بۇ ھەدىس بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ)
[483] ئەمىر ئىبنى شۇئەيىب دادىسىدىن، ئۇ چوڭ دادىسىدىن مۇنداق نەقىل قىلغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«روزا ھېيىت نامىزىدا تۇنجى رەكئەتتە يەتتە قېتىم، ئىككىنجىسىدى بەش قېتىم تەكبىر ئوقۇلىدۇ. ھەر رەكئەتتىكى يۇقارقى تەكبىرلەردىن كېيىن ئىككىلى رەكئەتتە قىرائەت قىلىنىدۇ.» (ھەدىس ئەبۇ داۋۇدنىڭ؛ ئىمام تىرمىزى ئىمام بۇخارىنىڭ بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان)
[484] ئەبۇ ۋاقىد ئەل لەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قۇربان ھېيىت نامىزىدا ۋە روزا ھېيىت نامىزىدا قاف سۈرىسى بىلەن ئىقتەرەبەت سۈرىسىنى ئوقۇيتتى.» (ھەدىس ئىمام مۇسلىمنىڭ)
[485] [486] جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھېيىت كۈنى نامازگاھقا بىر يولدىن باراتتى، باشقا بىر يول بىلەن قايتاتتى.» (ھەدىس ئىمام بۇخارىنىڭ؛ ئەبۇ داۋۇدتا ئىبنى ئۇمەردىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رىۋايەت كەلگەن)
[487] ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەدىنەگە كەلدى. ئۇ چاغدا مەدىنە خەلقىنىڭ بايرام قىلىدىغان ئىككى كۈنى بار ئىدى. بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«ئاللاھ بۇ ئىككى كۈننى سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ خەيرلىك بولغان ئىككى كۈن بىلەن ئالماشتۇرۇپ بەردى. بۇلار قۇربان ھېيىت ۋە روزا ھېيىتتۇر.» (ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائىي بۇ ھەدىسنى سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان)
[488] ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«ھېيىت نامىزىغا پىيادە بېرىش سۈننەت.» (بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلىپ ھەسەن دېگەن)
[489] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق نەقىل قىلىنغان:«ھېيىت كۈنى يامغۇر ياغدى. بۇ سەۋەبلىك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھېيىت نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇپ بەردى.» (ھەدىس ئەبۇ داۋۇتتىن ئاجىز ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلىنغان)


جىنازا كىتابى



 [546] ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر مۇسۇلمان ئۆلسە، ئۇنىڭ جىنازا نامىزىغا ئاللاھقا ھېچنېمىنى شېرىك كەلتۈرمىگەن قىرىق كىشى قاتناشسا، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۆلۈك توغرىسىدىكى شاپائىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.» (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
[547] سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«نىفاس ھالىتىدە ۋاپات تاپقان بىر ئايالنىڭ جىنازا نامىزىنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ئوقۇدۇم. رەسۇلۇللاھ جىنازىنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرىلىنىپ تۇرغان ئىدى.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
[548] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بەيدانىڭ ئىككى ئوغلىنىڭ جىنامازە نامىزىنى مەسجىدتە ئوقۇدى.» (مۇسلىم)
[549] ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەبۇ لەيلادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: زەيد ئىبنى ئەرقەم (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) جىنازە نامازلىرىنى تۆت تەكبىر بىلەن ئوقۇيتتى. بىر جىنازە نامىزىنى بەش تەكبىر بىلەن ئوقۇدى. ئۇنىڭدىن بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبىنى سورىۋىدىم «رەسۇلۇللاھ بەش تەكبىر ئېيتاتتى» دېدى. (بۇ ھەدىسنى مۇسلىم ۋە تۆت ئىمام رىۋايەت قىلغان)
[550] ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇ زات سەھل ئىبنى ھۇنەيىفنىڭ نامىزىنى ئالتە تەكبىر بىلەن قىلغان. ئۇ زات سەھلنىڭ بەدرى ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقىنى ئېيتقان. (ھەدىسنى سەئد ئىبنى مەنسۇر رىۋايەت قىلغان؛ ھەدىسنىڭ ئەسلى بۇخارىدا)
[551] جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«رەسۇلۇللاھ جىنازە نامىزىنى تۆت تەكبىر بىلەن ئوقۇيتتى. تۇنجى تەكبىردىن كېيىن سۈرە فاتىھەنى ئوقۇيتتى.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام شافىي زەئىپ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان)
[552] تەلھە ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان:«ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نامىزىدا بىر جىنازە نامىزىغا قاتناشتىم. ئۇ جىنازە نامىزىدا فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇدى (نامازدىن كېيىن)، ‹بىلىنسۇنكى، بۇ سۈننەتتۇر› دېدى.» (بۇخارى)
 


سودا-سېتىق كىتابى

[797] ئەبۇ ئەييۇب ئەلئەنسارىدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى ئانا بىلەن بالىنىڭ ئارىسىنى ئايرىۋەتسە، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلىرىدىن ئايرىۋېتىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد توپلىغان)
[818] ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جازانىنىڭ يەتمىش ئۈچ تۈرى بار. جازانىنىڭ ئەڭ يېنىكى (گۇناھتا) بىر كىشىنىڭ ئۆز ئانىسى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغىنىغا ئوخشاش. جازانىنىڭ ئەڭ ئېغىرى بىر مۇسۇلماننىڭ ئىززەت-ئابرۇيى (نى تۆكۈش) تۇر.» (ھەدىسنى ئىبنى ماجە قىسقىچە رىۋايەت قىلغان، ھاكىم تولۇق رىۋايەت قىلىپ سەھىھ دېگەن؛ بۇلۇغۇلمەرام 818)

[819] ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئالتۇننى ئالتۇنغا پەقەت مىقدارى ئوخشاش بولغان ھالەتتە سېتىڭلار، بىر بىرىدىن ئۈستۈن تۆۋەن قىلماڭلار. كۆمۈشنى كۆمۈشكە پەقەت مىقدارى ئوخشاش بولغان ھالەتتە سېتىڭلار، بىر-بىرىدىن ئۈستۈن تۆۋەن قىلماڭلار. يوق نەرسىنى بار نەرسىگە ساتماڭلار.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم)
[821] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ئالتۇن بىلەن ئالتۇن ئېغىرلىقى ئېغىرلىقىغا، تۈرى تۈرىگە سېتىلىدۇ. كۆمۈش بىلەن كۆمۈش ئېغىرلىقى ئېغىرلىقىغا، تۈرى تۈرىگە سېتىلىدۇ. كىمكى ئارتۇق بەرسە ياكى ئارتۇق ئالسا بۇ جازانىدۇر.» (مۇسلىم)
[1457] ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئاتا-ئانىنى رازى قىلىش بىلەن قولغا كېلىدۇ. ئاللاھنىڭ غەزىپى ئاتا-ئانىنى غەزەپلەندۈرۈش بىلەن بولىدۇ.»(بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. ئىبنى ھىببان ۋە ھاكىم سەھىھ دېگەن؛ بۇلۇغۇلمەرام 1457-نومۇرلۇق ھەدىس)


جىھاد كىتابى

[1258] عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَ ضِيَ اَللَّهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اَللَّهِ ‏- صلى الله عليه وسلم ‏-{ " مَنْ مَاتَ وَلَمْ يَغْزُ, وَلَمْ يُحَدِّثْ نَفْسَهُ بِهِ, مَاتَ عَلَى شُعْبَةٍ مِنْ نِفَاقٍ" } رَوَاهُ مُسْلِمٌ(1910)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان:«كىمكى غازات قىلماستىن ۋە غازات قىلىشنى ئارزۇ قىلماستىن ئۆلسە، نىفاقنىڭ بىر تۈرى ئۈستىدە ئۆلىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان؛ 1910-نومۇرلۇق ھەدىس)
شەرھ:
«جىھاد» نىڭ لۇغەت مەنىسى قىيىنچىلىق ۋە غەيرەت كۆرسىتىشتە مۇبالىغە مەنىسىدە بولۇپ؛ جىھادنىڭ شەرئىي مەنىسى: دىننى مۇداپىئە قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن كاپىرلارنىڭ ۋە ئاسىيلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى جەھەتتە غەيرەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
«غازات قىلماستىن ۋە غازات قىلىشنى ئارزۇ قىلماستىن ئۆلسە» يەنى دىن دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشماستىن ئۆلسە ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشۇش ئىمكانى تېپىلغان، بۇنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشنى خالىمىسا ۋە بۇنى نىيەت قىلمىسا «نىفاقنىڭ بىر تۈرى ئۈستىدە ئۆلىدۇ.»


[1259] وَعَنْ أَنَسٍ ‏- رضى الله عنه ‏- أَنَّ اَلنَّبِيَّ ‏- صلى الله عليه وسلم ‏-قَالَ: { " جَاهِدُوا اَلْمُشْرِكِينَ بِأَمْوَالِكُمْ, وَأَنْفُسِكُمْ, وَأَلْسِنَتِكُمْ" } رَوَاهُ أَحْمَدُ, وَالنَّسَائِيُّ, وَصَحَّحَهُ اَلْحَاكِمُ 1‏ .‏
‏1 ‏- صحيح.‏ رواه أحمد ( 3 / 124 و 153 و 251 )‏، والنسائي ( 6 / 7 )‏، والحاكم ( 2 / 81 )‏، وهو عند أبي داود أيضا ( 2504 )‏.‏
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«مۇشرىكلارغا قارشى ماللىرىڭلار بىلەن، جانلىرىڭلار بىلەن، ۋە تىلىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار.» (ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە نەسائىي رىۋايەت قىلغان؛ ئىمام ھاكىم سەھىھ دېگەن)
شەرھ: «تىلىڭلار بىلەن» يەنى، تىل بىلەن قىلىنىدىغان جىھاد كاپىرلارغا قارشى دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يولىغا دەئۋەت قىلىش، ھەجۋ قىلىش ۋە غەيرىتىنى يوقۇتۇپ ئۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى ئۈچۈن قۇرقۇتۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەبۇ ئەييۇب ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«بىر مۇسۇلماننىڭ دىنىي قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تەرك ئېتىشى، ئۇچراشقىنىدا بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈشى ھالال ئەمەس. ئۇ ئىككىسىدىن ئەڭ ياخشىسى ئاۋۋال سالام بەرگىنىدۇر.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
شەرھ: «ئۈچ كۈندىن ئارتۇق تەرك ئېتىشى» بىر مۆمىننىڭ يەنە بىر مۆمىن بىلەن ئۇچراشقىنىدا گەپلەشمەي بىر-بىرىدىن يۈز ئۆرۈشى دېمەكتۇر.

[«بۇلۇغۇلمەرام» 1462-نومۇرلۇق ھەدىس]
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ھەر قانداق ياخشىلىق سەدىقىدۇر.» (بۇخارى)
شەرھ: ھەدىستىكى «مەرفۇئ» ياخشىلىق جۈملىسىدىن سانىلىدىغان ھەممە ئىش-ھەرىكەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۆۋەندىكى ھەدىس شۇ ياخشىلىقتىن بىرىنى ئىپادە قىلىدۇ.

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ھەر قانداق ياخشىلىقنى كىچىك كۆرمىگىن، دىنىي قېرىندىشىڭنىڭ يۈزىگە كۈلۈپ قاراشمۇ شۇ ياخشىلىقنىڭ ئىچىدە.» (مۇسلىم)

[«بۇلۇغۇلمەرام» 1464-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«شورپا سالساڭ سۈيىنى جىق قىلىپ قوشنىلىرىڭغىمۇ سۇن.» (مۇسلىم)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«كىم بىر مۇسۇلماننىڭ دۇنيادىكى قىيىنچىلىقىدىن بىرىنى راۋا قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى قىيىنچىلىقلىرىنى يوق قىلىدۇ. كىم قىيىنچىلىقتا قالغان بىرى كىشىنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرسا، ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. كىم بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىبىنى ياپسا، ئاللاھ ئاللاھمۇ ئۇنىڭ ئەيىبىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياپىدۇ. بەندە دىنىي قېرىندىشىغا ياردەم قىلغانلىكى مۇددەتتە، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم قىلىدۇ.» (مۇسلىم)

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر