سەھىھۇل بۇخارى-ئۇيغۇرچە
سەھىھۇل بۇخارىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
ئابدۇللاھ تارىمى تەرجىمە قىلدى
(ھەدىسلەر بارغانچە موللىشىپ ماڭىدۇ)
ۋەھىي
كىتابى
[1-7]
[3-نومۇرلۇق
ھەدىس]
مۇئمىنلەرنىڭ
ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە
ۋەھىينىڭ باشلىنىشى ئۇيقۇدىكى ياخشى چۈشلەر بولدى. كۆرگەن ھەر بىر چۈشى تاڭ نۇرىدەك
ئۆز پېتى يۈز بېرەتتى. كېيىن ئۇنىڭغا يالغۇزلۇق ياخشى كۆرسىتىلدى. ئاندىن، ھىرا
غارىغا بېرىپ يالغۇز ئىستىقامەت قىلىدىغان بولدى،
ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەنگە قەدەر بىر نەچچە كېچە غاردا ئىبادەت قىلاتتى ۋە
(ئائىلىسىگە قايتىپ بىر مەزگىندىن كېيىن) يەنە ئوزۇق ئېلىپ غارغا كېلەتتى. ئاندىن
يەنە خەدىچە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نىڭ يېنىغا قايتىپ، ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك ئوزۇقلۇق
ئالاتتى.
ئاقىۋەتتە،
بىر كۈنى ئۇ ھىرا غارىدىكى چاغدا ئۇ زاتقا ھەق (ۋەھىي) كەلدى. پەرىشتە (جىبرىل) ئۇ
زاتقا كېلىپ «ئوقۇ» دېدى. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى «ئوقۇشنى بىلمەيمەن» دېدى. پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن ئىدى:«ئۇ چاغدا پەرىشتە مېنى
تۇتۇپ تاقىتىم قالمىغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق سىقتى. ئاندىن قويۇۋېتىپ «ئوقۇ!» دېدى.
مەن يەنە ئۇنىڭغا «ئوقۇشنى بىلمەيمەن» دېدىم. مېنى ئىككىنچى رەت يەنە تاقىتىم
قالمىغۇدەك دەرىجىدە قاتتىق سىقتى. ئاندىن مېنى قويۇۋېتىپ يەنە «ئوقۇ!» دېدى. مەن
يەنە «ئوقۇشنى بىلمەيمەن» دېدىم. مېنى تۇتۇپ ئۈچىنچى قېتىم سىقتى، ئاىندىم مېنى
قويۇۋېتىپ:{ياراتقان رەببىڭنىڭ نامى بىلەن ئوقۇغىن. ئۇ ئىنساننى لەختە قاندىن
ياراتتى. ئوقۇم، ھەقىقەتەن رەببىڭ بەك كېرەملىكتۇر. ئۇ قەلەم بىلەن (خەت يېزىشنى)
ئۆگەتتى. ئىنسانغا بىلمىگەن نەرسىلەرنى ئۆگەتتى»(سۈرە ئەلەق،1-ئايەتتىن 5-ئايەتكىچە)
دېدى.
شۇنداق
قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۈرىكى سالغان، قورققان ھالدا قايتتى ۋە ئايالى خەدىچە
بىنتى خۇۋەيلىد (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نىڭ يېنىغا كېلىپ «مېنى يۆگەپ قويۇڭلار، مېنى
يۆگەپ قويۇڭلار!» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى قورقۇنچى كەتكۈچە
مۇددەت يۆگەپ قويدى. ئاندىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بېشىدىن كەچكەنلەرنى
خەدىچە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) غا ئېيتىپ بېرىپ «ئۆزۈمدىن قورقۇپ قېلىۋاتىمەن» دېدى.
خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇنىڭغا جاۋابەن: ئۇنداق دېمىسىلە، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى،
ئاللاھ سىلىنى ھەرگىز رەسۋا قىلمايدۇ. چۈنكى، سىلى ئۇرۇق تۇغقانلارغا ياخشىلىق
قىلىلا، ئاجىز-بىچارىلەرگە ياردەم قىلىلا، يوقسۇللارغا كۆڭۈل بۆلۈلا، مېھماننى ھۆرمەتلەيلا،
پالاكەتكە ئۇچرىغانغا ياردەم قىلىلا،-دېدى. ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى
تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋەرەقە ئىبنى نەفۋەل ئىبنى ئەسەد ئىبنى ئابدۇلئۇززانىڭ يېنىغا ئېلىپ
باردى. بۇ كىشى جاھىلىيەت زامانىدا خىرىستىيان بولغان كىشى ئىدى، ئىبرانىچە بىلەتتە
ۋە ئىنجىلدىن بەزى نەرسىلەرنى ئىبرانىيچە ئوقۇيتتى ۋە يازاتتى. كېيىنكى چاغلاردا ۋەرەقە
ئىككى كۆزى قارىغۇ بولۇپ قالغان، قېرىپ كەتكەن ئىدى. خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋەرەقەگە
«ئى تاغامنىڭ ئوغلى! قېرىندىشىڭنىڭ ئوغلىنىڭ بېشىغا كەلگەنلەرنى ئاڭلاپ باققىن» دېدى.
ۋەرەقە «ئى قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى، نېمىلەرنى كۆردۈڭ؟» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم بېشىغا كەلگەن ۋەقەلىكنى سۆزلەپ بەردى.
بۇنىڭ بىلەن
ۋەرەقە مۇنداق دېدى:
ـــ كۆرگەنلىرىڭ
ئاللاھنىڭ ھەزىرتى مۇساغا ئەۋەتكەن پەرىشتىدۇر. كاشكى، سېنىڭ دەئۋەت زامانىڭدا ياش
بولغان بولسام! قەۋمىڭ سېنى بۇ شەھەردىن چىقىرىۋەتكەندە ھايات بولغان بولسام!
بۇنىڭ بىلەن
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇلار مېنى بۇ شەھەردىن چىقىرىۋېتەمدۇ؟»
دەپ سورىدى. ۋاراقە مۇنداق دېدى: «شۇنداق، سېنى چىقىرىۋېتىدۇ. سەن ئېلىپ كەلگەن بۇ
داۋانى قىلغان ھەر قانداق (پەيغەمبەر) دۈشمەنلىككە ئۇچرىغان. سېنىڭ پەيغەمبەرلىك
زامانىڭدا ھاياتلا بولسام، پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ساڭا ياردەمدە بولىمەن.»
بىراق، ئۇزۇن
ئۆتمەي ۋاراقە ئالەمدىن كەتتى ۋە ئۇ چاغلاردا ۋەھىي بىر زامان توختاپ قالدى. (بۇخارى
3)
[6-نومۇرلۇق
ھەدىس]
عَنِ ابْنِ عَبَّاسٍ، قَالَ كَانَ
رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم أَجْوَدَ النَّاسِ، وَكَانَ أَجْوَدُ مَا
يَكُونُ فِي رَمَضَانَ حِينَ يَلْقَاهُ جِبْرِيلُ، وَكَانَ يَلْقَاهُ فِي كُلِّ
لَيْلَةٍ مِنْ رَمَضَانَ فَيُدَارِسُهُ الْقُرْآنَ، فَلَرَسُولُ اللَّهِ صلى الله
عليه وسلم أَجْوَدُ بِالْخَيْرِ مِنَ الرِّيحِ الْمُرْسَلَةِ.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق
رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كىشىلەرنىڭ ئەڭ سېخيسى
ئىدى. ئۇ زات رامزاندا جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقىنىدا سېخىيلىقى ئەڭ
يۇقىرى چەككە يېتەتتى. جىبرىل ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ھەر كېچىسى پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كېلىپ ئۇ زاتقا قۇرئاننى ئۆگۈتەتتى. بۇ چاغلاردا
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇچقۇر شامالدىنمۇ بەك سېخىيلىشىپ
كېتەتتى. (بۇخارى 6)
ئىيمان
كىتابى [8~ 58]
[8-نومۇرلۇق ھەدىس]
عَنِ ابْنِ
عُمَرَ رضى الله عنهما قَالَ قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم " بُنِيَ
الإِسْلاَمُ عَلَى خَمْسٍ شَهَادَةِ أَنْ لاَ إِلَهَ
إِلاَّ اللَّهُ وَأَنَّ مُحَمَّدًا رَسُولُ
اللَّهِ، وَإِقَامِ الصَّلاَةِ، وَإِيتَاءِ الزَّكَاةِ، وَالْحَجِّ،
وَصَوْمِ رَمَضَانَ ".
ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىسلام لائىلاھە ئىللەللاھ،
مۇھەممەدەر رەسۇلۇللاھ دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، نامازنى بەرپا قىلىش، زاكات بېرىش، ھەج
قىلىش ۋە رامزان روزىسىنى تۇتۇشتىن ئىبارەت بەش ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان.» (بۇخارى
8)
[9-نومۇرلۇق ھەدىس]
عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ ـ رضى الله عنه ـ عَنِ
النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ " الإِيمَانُ بِضْعٌ وَسِتُّونَ شُعْبَةً، وَالْحَيَاءُ شُعْبَةٌ
مِنَ الإِيمَانِ ".
ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىمان ئاتمىش نەچچە شاخچىدىن تەركىپ تاپقان، ھايا ئىمان
شاخچىلىرىدىن بىر شاخچىدۇر.» (بۇخارى 9)
[10-نومۇرلۇق ھەدىس]
عن
عبد الله بن عمرو رضي الله عنهما عن النبي صلى الله عليه وسلم قال المسلم
من سلم المسلمون من لسانه ويده والمهاجر من هجر ما نهى الله عنه
ئابدۇللاھ
ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«مۇسۇلمان دېگەن – باشقا مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىلى ۋە قولىنىڭ
زىيىنىدىن ساقلىنىپ قالغان كىشىدۇر. مۇھاجىر دېگەن ئاللاھ چەكلىگەن نەرسىنى تەرك ئەتكەن
كىشىدۇر.» (بۇخارى 10؛ مۇسلىم 40)
[11-نومۇرلۇق ھەدىس]
عَنْ
أَبِي مُوسَى رضى الله عنه قَالَ قَالُوا يَا رَسُولَ اللَّهِ أَىُّ الإِسْلاَمِ
أَفْضَلُ قَالَ " مَنْ سَلِمَ الْمُسْلِمُونَ مِنْ لِسَانِهِ وَيَدِهِ
".
ئەبۇ مۇسا
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بەزى كىشىلەر:
ـــ ئى
ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مۇسۇلمانلارنىڭ قايسىسى ئەۋزەلدۇر؟- دەپ سورىدى. پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:
ـــ مۇسۇلمانلار
تىلى ۋە قولىنىڭ زىيىنىدىن سالامەت قالغان (كىشى ئەۋزەلدۇر)،- دېدى. (بۇخارى 11)
[12-نومۇرلۇق
ھەدىس]
عَنْ
عَبْدِ اللَّهِ بْنِ عَمْرٍو رضى الله عنهما أَنَّ رَجُلاً، سَأَلَ النَّبِيَّ
صلى الله عليه وسلم أَىُّ الإِسْلاَمِ خَيْرٌ قَالَ " تُطْعِمُ الطَّعَامَ، وَتَقْرَأُ السَّلاَمَ عَلَى مَنْ عَرَفْتَ
وَمَنْ لَمْ تَعْرِفْ ".
ئابدۇللاھ
ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن:
ـــ
ئىسلامنىڭ ياخشى خىسلەتلىرى قايسىلار؟- دەپ سورىغانىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم:
ـــ (پېقىر-مىسكىنلەرنىڭ
قورسىقىنى) تويغۇزۇش ۋە تونىغان-تونىمىغان ھەممىسىگە ئوخشاش سالام بېرىش،- دېدى.
(بۇخارى 12)
[13-نومۇرلۇق ھەدىس]
عَنْ أَنَسٍ، عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه
وسلم قَالَ " لا يُؤْمِنُ
أَحَدُكُمْ حَتَّى يُحِبَّ لأَخِيهِ مَا يُحِبُّ لِنَفْسِهِ ".
ئەنەس رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«سىلەردىن ھېچكىم ئۆزىگە ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتقان
بولمايدۇ.» (بۇخارى 13)
[14-نومۇرلۇق ھەدىس]
عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رضى الله عنه أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم قَالَ
" فَوَالَّذِي
نَفْسِي بِيَدِهِ لاَ يُؤْمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى أَكُونَ أَحَبَّ إِلَيْهِ مِنْ
وَالِدِهِ وَوَلَدِهِ ".
ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جېنىم قولى ئىلىكىدە بولغان ئاللاھ بىلەن قەسەمكى،
سىلەردىن ھېچكىم تاكى مېنى دادىسىدىن ۋە بالىلىرىدىنمۇ بەك ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان
ئېيتقان بولمايدۇ.» (بۇخارى 14)
[15-نومۇرلۇق ھەدىس]
عَنْ أَنَسٍ، قَالَ قَالَ النَّبِيُّ صلى الله
عليه وسلم " لاَ
يُؤْمِنُ أَحَدُكُمْ حَتَّى أَكُونَ أَحَبَّ إِلَيْهِ مِنْ وَالِدِهِ وَوَلَدِهِ
وَالنَّاسِ أَجْمَعِينَ ".
ئەنەس رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«سىلەردىن ھېچكىم مېنى ئۆزىنىڭ دادىسى، بالا-ۋاقىسى ۋە جىمى ئىنسانلاردىن ئارتۇق
ياخشى كۆرمىگۈچە ئىمان ئېيتقان بولمايدۇ.» (بۇخارى 15)
[16-نومۇرلۇق
ھەدىس]
عَنْ أَنَسٍ، عَنِ
النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ " ثَلاَثٌ مَنْ كُنَّ
فِيهِ وَجَدَ
حَلاَوَةَ الإِيمَانِ أَنْ يَكُونَ اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَحَبَّ إِلَيْهِ مِمَّا سِوَاهُمَا، وَأَنْ يُحِبَّ الْمَرْءَ لاَ
يُحِبُّهُ إِلاَّ
لِلَّهِ، وَأَنْ يَكْرَهَ أَنْ يَعُودَ فِي الْكُفْرِ كَمَا يَكْرَهُ أَنْ يُقْذَفَ فِي النَّارِ ".
ئەنەس
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن:«كىمدە مۇنۇ ئۈچ خىسلەت بولسا ئىماننىڭ لەززىتىنى تېتيىدۇ: ئۇنىڭغا
ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھەممە نەرسىدىن قەدىرلىك بولسا؛ بىر كىشىنى ياخشى
كۆرسە پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈنلا ياخشى كۆرسە؛ كۇفرىغا يېنىپ كېتىشنى ئوتقا
تاشلانغاندىمۇ بەك يامان كۆرسە.» (بۇخارى 16)
[17-نومۇرلۇق
ھەدىس]
عَنْ أَنَسٍ، عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ " آيَةُ الإِيمَانِ حُبُّ الأَنْصَارِ، وَآيَةُ النِّفَاقِ بُغْضُ
الأَنْصَارِ ".
ئەنەس
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن:«ئىماننىڭ ئالامىتى ئەنسارىلارنى (دىنغا ياردەم بەرگۈچىلەرنى) ياخشى
كۆرۈشتۇر، مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى ئەنسارىلارنى يامان كۆرۈشتۇر.» (بۇخارى 17)
[19-نومۇرلۇق
ھەدىس]
عَنْ أَبِي سَعِيدٍ الْخُدْرِيِّ، أَنَّهُ قَالَ
قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم " يُوشِكُ أَنْ يَكُونَ خَيْرَ مَالِ الْمُسْلِمِ غَنَمٌ يَتْبَعُ
بِهَا شَعَفَ الْجِبَالِ وَمَوَاقِعَ الْقَطْرِ، يَفِرُّ بِدِينِهِ مِنَ
الْفِتَنِ ".
ئەبۇ سەئد
خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلماننىڭ مېلىنىڭ ئەڭ ياخشىسى قوي بولىدىغان، ئۇ
مۇسۇلمان دىنىنىڭ پىتنىگە چۈشۈشىدىن قېچىپ قويىنى ئېلىپ تاغ چوقىلىرىدا ۋە
يامغۇرلۇق جىلغىلاردا ياشايدىغان زامان يېقىنلاشتى.» (بۇخارى 19)
[20-نومۇرلۇق
ھەدىس]
ئائىشە
رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم ساھابىلىرىگە ئۇلارغا ئاسان توختايدىغان ئەمەللەرنى بۇيرۇيتتى. ئۇلار
«ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز سىلىگە ئوخشىمايمىز. ئاللاھ سىلىنىڭ ئۆتمۈشتىكى ۋە
كەلگۈسىدىكى بارلىق گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىۋەتكەن» دېيىشتى. بۇ سۆزدىن
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم غەزەپلەندى. ئۇ زاتنىڭ غەزەپلەنگەنلىكى
يۈزىدىن بىلنەشتى. ئۇ زات مۇنداق دېدى:«مەن سىلەرنىڭ ئەڭ تەقۋارىڭلار، مەن
ئاللاھنى ھەممىڭلاردىن بەك تونۇيمەن.» (بۇخارى 20)
[34-نومۇرلۇق ھەدىس]
قال
النبي صلى الله عليه وسلم : ( أَرْبَعٌ مَنْ كُنَّ فِيهِ كَانَ مُنَافِقًا
خَالِصًا ، وَمَنْ كَانَتْ فِيهِ خَصْلَةٌ مِنْهُنَّ كَانَتْ فِيهِ خَصْلَةٌ مِنْ
النِّفَاقِ حَتَّى يَدَعَهَا : إِذَا اؤْتُمِنَ خَانَ ، وَإِذَا حَدَّثَ كَذَبَ ،
وَإِذَا عَاهَدَ غَدَرَ ، وَإِذَا خَاصَمَ فَجَرَ ) رواه البخاري (34) ، ومسلم
(58)
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تۆت يامان خىسلەت بولۇپ، كىمدە بۇ يامان خىسلەتنىڭ ھەممىسى تېپىلسا ئۇ سېپى
ئۆزىدىن مۇناپىقتۇر. كىمدە بۇ تۆت يامان خىسلەتنىڭ بىرى بولسا، ئۇنىڭدا مۇناپىقلىق
خىسلەتلىرىدىن بىرى بولغان بولىدۇ. (بۇ تۆت يامان خىسلەت شۇكى) ئۇنىڭغا ئامانەت
قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ، سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا ۋاپا قىلمايدۇ،
جاڭجاللىشىپ قالسا ئاغزىنى بۇزىدۇ.» (بۇخارى 34؛ مۇسلىم 58)
[55-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ مەسئۇد
ئەل بەدىرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر كىشى ئاللاھتىن ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ ئائىلىسى
(ئاتا-ئانا، خوتۇن بالىلىرى) ئۈچۈن خىراجەت قىلسا، قىلغان شۇ خىراجىتى ئۇنىڭ ئۈچۈن
سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.» (بۇخارى 55؛ مۇسلىم 1002)
ئىلىم
كىتابى [9-134]
[69-نومۇرلۇق
ھەدىس]
ئەنەس ئىبنى
مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن:
«دىننى كىشىلەرگە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىڭلار، قىيىنلاشتۇرماڭلار. خۇش
بېشارەت بېرىپ جەلىپ قىلىڭلار، قاچۇرۇۋەتمەڭلار.» (بۇخارى 69)
بۇ ھەدىسنىڭ
شەرھى:«فەتھۇلبارى» 1\219-بەتتە.
[71-نومۇرلۇق
ھەدىس]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇنى دىننى
بىلىدىغان قىلىدۇ.»(بۇخارى 71؛ مۇسلىم 1037؛ ئىبنى ماجە 221؛ مۇسنەد ئمام ئەھمەد
4\93؛ مۇۋەتتائ مالىك 1667؛ دارىمىي 226)
ئىمام ئىبنى
ھەجەر فەتھۇلبارىدا بۇ ھەدىس توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن:
بۇ ھەدىستىن
مۇنۇ چۈشەنچىلەر ئايدىڭلىشىدۇ: دىننى
بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمىغان، يەنى ئىسلامنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى ۋە بۇنىڭغا
مۇناسىۋەتلىك فىقھى ۋە ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگەنمىگەن كىشىلەرنىڭ خەيردىن
(ياخشىلىقتىن) مەھرۇم قالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرت، ئالىملارنىڭ باشقا ئىنسانلارغا قارىغاندا ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى؛ دىندا
چوڭقۇر فىقھى بىلىمگە ئىگە بولۇشنىڭ باشقا ئىلىملەردە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشتىن كۆپ
ئەۋزەللىك سانىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
[98] وعن
عبد الله بن عمرو بن العاص رضي الله عنهما قال: سمعت رسول
الله صلى الله عليه وسلم يقول: «إن الله
لا يقبض العلم انتزاعًا ينتزعه من الناس ولكن يقبض العلم بقبض العلماء حتى
إذا لم يبقِ عالمًا، اتخذ الناس رءوسًا جهالا، فسئلوا فأفتوا بغير علم،
فضلوا وأضلوا.»
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن
مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەنلىكىنى
ئاڭلىدىم:«ئاللاھ تائالا ئىلىمنى ئىنسانلارنىڭ
كاللىسىدىن تارتىۋېلىش بىلەن ئېلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ئالىملارنىڭ ۋاپاتى ئارقىلىق
ئېلىپ كېتىدۇ. ئالىم قالمىغان چاغدا، كىشىلەر جاھىل داموللاملارنى باشچى
قىلۋالىدۇ. ئۇ جاھىل داموللاملاردىن پەتىۋا سورالسا ئىلىمسىز ھالدا پەتىۋا بېرىپ،
ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ.» (بۇخارى 98؛ مۇسلىم 4828؛ ياخشىلار
باغچىسى 1392؛ تىرمىزى 2652؛ ئىبنى ماجە)
[99-نومۇرلۇق
ھەدىس]
ئەبۇ ھۇرەيرە
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن:
ـــ ئى رەسۇلۇللاھ!
قىيامەت كۈنى سېنىڭ شاپائىتىڭدىن كىم بەھرىمەن بولىدۇ؟ ـــ دەپ سورىۋىدىم، پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:
ـــ ئى ئەبۇ
ھۇرەيرە! سېنىڭ ھەدىسكە بولغان ھېرىسمەنلىكىڭگە قاراپ، ھېچكىم بۇ مەسىلىنى ئەبۇ ھۇرەيرەدىن
بۇرۇن سورىمايدىغۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. قىيامەت كۈنى مېنىڭ شاپائىتىمدىن بەھرىمەن
بولىدىغانلار چىن قەلبىدىن «لائىلاھە ئىللەللاھ (ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر)»
دېگەن كىشىلەردۇر،ـــ دەپ جاۋاب بەردى.(بۇخارى 99)
[113-نومۇرلۇق
ھەدىس]
ئەبۇ ھۇرەيرە
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئابدۇللاھ
ئىبنى ئەمردىن باشقا ھېچبىر ساھابىسى مەندىن كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلالمايدۇ. چۈنكى،
ئۇ يازاتتى، مەن يازمايتتىم. (بۇخارى 113)
1950-عَنْ أَبِي سَلَمَةَ، قَالَ سَمِعْتُ
عَائِشَةَ ـ رضى الله عنها ـ تَقُولُ كَانَ يَكُونُ عَلَىَّ الصَّوْمُ
مِنْ رَمَضَانَ، فَمَا أَسْتَطِيعُ أَنْ أَقْضِيَ إِلاَّ فِي شَعْبَانَ.
قَالَ يَحْيَى الشُّغْلُ مِنَ النَّبِيِّ أَوْ بِالنَّبِيِّ صلى
الله عليه وسلم.
[1950] ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق
دەيدۇ:«رامزاندا تۇتالماي قالغان قازا روزىلىرىم بولاتتى. تۇتالماي قالغان
روزىلىرىمنى پەقەتلا شەئبان ئېيىدا تولۇقلاپ تۇتۇۋالالايتتىم.» بۇ ھەدىس راۋىيلىرىدىن
يەھيا مۇنداق دەيدۇ: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى
بۇنداق كېچىكتۈرۈشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن مەشغۇل
بولغانلىقى (يەنى ئۇ زاتقا خىزمەت قىلغانلىقى) سەۋەبلىك بولاتتى. (بۇخارى 1950؛
مۇسلىم 1146؛ ئەبۇ داۋۇد 2399؛ تىرمىزى؛ نەسائىي؛ ئىبنى ماجە 1669؛ ئىمام ئەھمەد
6-188)
ئىزدىنىشىمگە
ئاساسەن، ئالىملارنىڭ بۇ بۇ ھەدىس ھەققىدە چىقارغان ئەڭ ئۇيغۇن ھۆكمى مۇنداق ئىكەن:
رامزان روزىسىنىڭ بىر قىسىمىنى تۇتالمىغان كىشىنىڭ شەرئىي ئۆزرىسى سەۋەبلىك رامزان
روزىسىنىڭ قازاسىنى شەئبان ئېيىغىچە (يەنى ئون بىر ئاي) كېچىكتۈرۈشى دۇرۇس. ئائىشە
ئانىمىز ئەسلى ۋەسلىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئېھتىياجىنى بىلەن
مەشغۇل بولۇشقا ئاتىغانلىقىدىن قازا روزىسىنى پەقەتلا كىلەر يىلىدىكى شەئبان ئېيىدا
رامزاندىن ئاۋۋال تۇتۇۋېلىشقا قادىر بولالىغان. ھەدىسنىڭ ئەرەبچىسى بۇنىڭغا دالالەت
قىلماقتا. ئۆزۈرسىز ھالدا رامزان روزىسىنىڭ قازاسىنى كىلەر يىلىنىڭ شەئبان ئېيىغىچە
كېچىكتۈرۈش ئالىملار ئارىسىدا ياخشى كۆرۈلمەيدىكەن.
رەسۇلۇللاھنىڭ
سۈننىتىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈشنىڭ بۇيرۇلغانلىقى ۋە رەسۇلۇللاھ نامىدا يالغان
سۆزلىگۈچىنىڭ دوزىخى بولىدىغانلىقىنىڭ بايانى
[3202-نومۇرلۇق
ھەدىس]ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق
دېگەن:«مەندىن بىر
ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار. بەنى ئىسرائىلدىنمۇ رىۋايەت قىلساڭلار بولىدۇ.
بۇنىڭدا ھېچ ھەرەج يوق. كىم بىلىپ تۇرۇپ مېنىڭ نامىمدىن يالغاننى توقۇسا،
جەھەننەمگە ھازىرلانسۇن.» (بۇخارى 3202)
ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ
مۇنداق دېگەن: «مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۈڭلار.» بۇ «مەن دېگەن، مەن قىلغان
بارلىق سۈننىتىمنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈڭلار» دېگەنلىكتۇر. ھەدىستىكى «بولسىمۇ»
قوشۇمچىسى يەتكۈزلىدىغان نەرسىنىڭ ئازلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى ھېچكىم «مەن بۈيۈك
ئالىم بولمىغۇچە تەبلىغدە بولمايمەن» دەپ بىلگىگىنى يۇتۇۋەتمىسۇن. بۇ توغرا ئەمەس.
ئىنسان بىلگىنى بىر ئايەت، بىر ھەدىس بولغان تەقدىردىمۇ بىلگىنىنى باشقىلارغا
يەتكۈزۈشى كېرەك. بۇنىڭ بىر شەرتى باركى، يەتكۈزمەكچى بولغان ھەدىسنىڭ پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن كەلگەن سەھىھ ھەدىس ئىكەنلىكىدە، يەنى
يەتكۈزمەكچى بولغان ھەدىسنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۆزى
ئىكەنلىكىدە شۈبھە بولمىغان بولۇشى كېرەك. ھەدىستىكى «ھازىرلانسۇن» كەلىمىسى
بۇنداق كىشىنىڭ- يەنى رەسۇلۇللاھ نامىدا يالغان سۆزلىگەن كىشىنىڭ دوزاختىكى يېرى
ھازىرلانغانلىقى ياكى دوزاخ ئەھلى بولۇشقا لايىق بولغانلىقىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىدىن يالغان سۆزلەش، ئادەتتىكى بىرىنىڭ نامىدا
يالغان سۆزلىگەنگە ئوخشىمايدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىدىن
يالغان سۆزلەش، ئاللاھنىڭ نامىدىن يالغان سۆزلەش دېمەكتۇر، ئىسلام شەرىئىتىگە
يالغاننى قوشۇش دېمەكتۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ
ھەدىسلىرى ۋەھىي جۈملىسىدىن بولۇپ، ۋەھىيگە تايانغان ئىشلار ئاللاھنىڭ
شەرىئىتىدىندۇر....(ئىبنى ئۇسەيمىن «ياخشىلار باغچىسى شەرھى» 4-513)
[4425] پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{لن يفلح قوم
ولوا أمرهم امرأة}«ئاياللارنى باشچى قىلىۋالغان قەۋم ھەرگىز بەخىتكە
ئېرىشەلمەيدۇ.»(بۇخارى 4425؛ تىرمىزى 2262؛ نەسائىي 5388؛ مۇسنەد ئەھمەد 5-45)
[5096] پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{ ما تركت بعدي فتنة أضر على الرجال من النساء}«مەندىن
كېيىن (ئۈممىتىم ئىچىدىكى) ئەرلەرگە ئاياللاردىنمۇ زىيانلىق پىتنە قالمىدى.»
(بۇخارى 5096؛ مۇسلىم 2741؛ تىرمىزى 2780؛ ئىبنى ماجە 2998؛ مۇسنەد ئەھمەد 5-210)
Yorumlar
Yorum Gönder