21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس
كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى كەئب (بۇ زات كەئب رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىچىدىن كەئبنى
يېتىلەپ يۈرىدىغان بالىسى ئىدى) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن كەئب رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن (يەنى ئاتامدىن) ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە تەبۇك غازىتىغا چىقمىغانلىقى
ھەققىدىكى قىسسىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.
كەئب مۇنداق دەيدۇ: مەن تەبۇك غازىتىدىن باشقا ھېچ بىر غازاتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
بىلەن بىللە چىقماي قالغىنىم يوق. بىراق بەدرى غازىتىغا چىقمىغانلىقىمغا كەلسەك، بۇ غازاتقا
چىقمىغان بىرەر ئادەممۇ ئەيىبلەنگەن ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەدرى ئۇرۇشى
ئۈچۈن مەدىنىدىن چىققاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ مەقسىتى قۇرەيش كارۋىنىنى توسۇش ئىدى. نەتىجىدە،
الله مۇسۇلمانلار بىلەن دۈشمەنلەرنى كۆزلىمىگەن بىر جايدا ئۇچراشتۇرۇپ قويدى. بىز ئەقەبە
كېچىسى ئىسلام دىنىنى قوغداش ئۈچۈن ئەھدە قىلىشقان ۋاقتىمىزدا، مەنمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
بىلەن بىللە ئىدىم. گەرچە خەلق ئارىسىدا بەدرى ئۇرۇشى مەشھۇر بولسىمۇ، لېكىن مەن ئەقەبە
كېچىسىنى بەدرى ئۇرۇشىدىن تۆۋەن چاغلىمايمەن. تەبۇك ئۇرۇشىدا مېنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئۇرۇشقا چىقماي قېلىشىمغا كەلسەك، مەن شۇ چاغدىكىدىنمۇ كۈچلۈك ھەم ئىقتىدارلىق بولۇپ باققان ئەمەس. الله نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ھېچقاچان بۇ ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ئۇرۇشلارغا ئىككى ئۇلاغ تەييارلىمىغان ئىدىم (يەنى تەبۇك ئۇرۇشىغا ئىككى ئۇلاغ تەييارلىغان ئىدىم). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاچان بىر ئۇرۇشنى ئىرادە قىلسا، باشقا بىر ئۇرۇشنى ئېلان قىلىپ، ئەسلى قىلماقچى بولغان ئۇرۇشنى مەخپىي تۇتاتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئۇرۇشقا ناھايىتى ئىسسىق ۋاقتىدا يۈرۈش قىلدى. سەپەر ئۇزۇن
بولۇپ، يولدا چوڭ باياۋان بار ئىدى، دۈشمەنمۇ كۆپ ئىدى. شۇڭا بۇ قېتىم مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇرۇشقا
پۇختا تەييارلىق قىلىشى ئۈچۈن، بارىدىغان جاينى ئوچۇق ئېلان قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدىغان مۇسۇلمانلار كۆپ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ سانىنى ئېلىپ بولۇش ناھايىتى تەس
ئىدى. ئۇرۇشقا چىقماي قېلىپ قالماقچى بولغان ئاز ساندىكى كىشىلەرمۇ: الله دىن ۋەھىي كېلىپلا
قالمىسا، ئۇرۇشقا چىقمىغىنىم بىلىنمەيدىغۇ،- دەپ ئويلايتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئۇرۇشقا يۈرۈش قىلغاندا، مېۋىلەر تازا پىشىپ ۋايىغا يەتكەن، سايىلار
تاشلانغان ۋاقىت ئىدى. شۇڭلاشقا مېنىڭ مەيلىم ئۇنىڭغا تارتىپ تۇراتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
بىلەن ساھابىلار تەييارلىققا كىرىشىپ كەتتى. مەنمۇ ھەر ئەتىگىنى ئۆيۈمدىن تەييارلىق قىلىش
نىيىتىدە چىقاتتىم، كەچتە تەييارلىق قىلالماي قايتىپ كېلەتتىم ۋە كۆڭلۈمدە: ئەگەر مەن بۇ غازاتقا
تەييارلىق قىلاي دېسەم، ئۇنى پۈتتۈرۈشكە ھەرزامان قادىرغۇ،- دەيتتىم. مەن شۇ خىيالدا ئۆتىۋەردىم.
كىشىلەرنىڭ تەييارلىقى رەسمى پۈتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى سەھەردە مۇسۇلمانلار بىلەن
سەپەرگە ئاتلاندى. مەن بولسام، ھېچبىر تەييارلىقسىز ئىدىم. شۇ كۈنى سەھەردە تەييارلىق قىلىش
ئۈچۈن چىقىپمۇ كەچتە ھېچبىر تەييارلىقسىز قايتىپ كەلدىم. مەن ئۇلارنىڭ كەينىدىن يېتىشىۋالىمەن
دېگەن خىيالدا يۈرىۋەردىم. كىشىلەر يولغا چىقىپ يىراقلاپ كەتتى. ھەتتا غازاتقا چىقىش ۋاقتىمۇ
ئۆتۈپ كەتتى.
مەن ئەسلىدە سەپەرگە ئاتلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يېتىشىۋالاي دېگەن خىيالدا بولغان
ئىدىم. شۇنداق قىلغان بولسامچۇ كاشكى، بۇ ماڭا نېسىپ بولمىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەتكەندىن
كېيىن كوچىلارغا چىقسام، كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ قالاتتى. چۈنكى مەن كوچىلاردا مۇناپىقلارنى ياكى
جىھادقا چىقىشقا پۈتۈنلەي ئاجىز كەلگەن كىشىلەردىن باشقا ئۆزەمنىڭ چىقمىغانلىقىغا ئۈلگە بولغۇدەك
بىرەر كىشىنى ئۇچراتمىدىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇكقا يېتىپ بارغىچە، مېنى ئېسىگە ئالماپتۇ. تەبۇكقا بارغاندىن
كېيىن دەم ئېلىش ئۈچۈن ئادەملەر بىلەن ئولتۇرغىنىدا: «كەئب ئىبنى مالىكقا نېمە بولدى؟» دەپ
سوراپتۇ. بەنى سەلەمە جەمەتىدىن بولغان بىر كىشى: ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! كەئبنى تونىنى
كىيىپ (ئۆزىدىن پەخىرلىنىپ) ئىككى يانغا بېقىشلىرى ئۇنى ئۇرۇشقا كەلگىلى قويمىغاندۇ؟- دەپتۇ.
مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: بۇرادەر! سەن يامان سۆز قىلدىڭ. ئى الله نىڭ
پەيغەمبىرى! الله نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بىز كەئبىنىڭ پەقەت ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنىلا
بىلىمىز،- دەپتۇ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گەپ قىلماپتۇ. ئۇ شۇنداق تۇرغان بىر پەيتتە، يىراقتىكى توپا - چاڭ
ئارىسىدىن ئاق تونلۇق بىر كىشىنى كۆرۈپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن ئەبۇخەيسەمە بولۇپ
قالغىدىڭ» دەپتۇ. دەرۋەقە، ئۇ ئادەم ئەبۇخەيسەمە ئەنسارى بولۇپ چىقىپتۇ. بۇ، ھېلىقى بىر سا (2.75 كىلوگرامغا تەڭ) خورمىنى سەدىقە بەرگەنلىكى ئۈچۈن مۇناپىقلار تەرىپىدىن زاڭلىق قىلىنغان كىشى ئىدى.
كەئب مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەبۇكتىن قايتىپ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، مېنىڭ غېمىم باشلاندى. مەن يالغاننى ئويلاشقا باشلىدىم. كۆڭلۈمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ غەزىپىدىن قانداق قۇتۇلۇشنى ئويلايتتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلەمدىكىلەردىنمۇ پىكىر ئېلىپ باقتىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىنلاشقانلىق خەۋىرى يەتكەندە، مەندىكى بۇزۇق ئىدىيە بىردىنلا يوققا چىقتى. مەن ئۇنىڭدىن ھەر قانداق يالغانچىلىق بىلەن قۇتۇلالمايدىغانلىقىمنى چۈشىنىپ يەتتىم. ئاخىرىدا راست سۆزلەش
نىيىتىگە كەلدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە رەسمىي يېتىپ كەلدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قانداق بىر سەپەردىن قايتىپ كەلسە، ئالدى بىلەن مەسچىتكە
كىرىپ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، ئاندىن كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئولتۇراتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇرۇشقا چىقمىغانلار قەسەميادلار
بىلەن ئۆزرىلىرىنى بايان قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار 80 نەچچە ئادەم ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ئۇلارنىڭ ئاشكارا كۆرسەتكەن ئۆزرىلىرىنى قوبۇل قىلدى، بەيئەتلىرىنى ئالدى ۋە ئۇلارغا مەغپىرەت
تىلىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى الله غا قويدى. شۇ قاتاردا مەنمۇ كېلىپ، ئۇنىڭغا سالام بەردىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاچچىقلانغان ئادەمنىڭ كۈلكىسىدەك كۈلۈمسىرەپ قويدى، ئاندىن: «كەل»
دېدى.
مەن ئاستا كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا ئولتۇردۇم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ماڭا: «سېنى ئۇرۇشتىن نېمە توسۇپ قويدى؟ سەن ئۇرۇش ئۈچۈن ئۇلاغ سېتىۋالغان ئەمەسمىدىڭ؟»
دېدى. مەن: ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! مەن الله نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر دۇنيا
ئەھلىدىن سەندىن باشقا بىرەر كىشىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان بولسام، ئۇنىڭ غەزىپىدىن بىرەر باھانە
بىلەن ئۆتۈپ كېتەلەيتتىم. مەندە بۇنچىلىك سۆز ئىقتىدارى بار. لېكىن مەن شۇنى بىلىپ يەتتىمكى،
ئەگەر مەن بۈگۈن سېنى رازى قىلىدىغان بىر يالغاننى سۆزلىگىنىم بىلەن، پات ئارىدا الله ۋەھىي
ئارقىلىق سېنى ماڭا غەزەپلەندۈرىدۇ. ئەگەر ساڭا راست سۆزلىسەم، مەندىن خاپا بولىسەن. مەن
ھەقىقەتەن راست سۆزۈم بىلەن الله تائالادىن كېلىدىغان ياخشى ئاقىۋەتنى ئۈمىد قىلىمەن. الله
نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مېنىڭ ئۇرۇشقا چىقماسلىققا ھېچقانداق ئۆزرەم يوق ئىدى. مەن سەن
بىلەن ئۇرۇشقا چىقمىغان چېغىمدىكىدىنمۇ كۈچلۈك ھەم ئىقتىدارلىق بولۇپ باققان ئەمەس ئىدىم،-
دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سەن ھەقىقەتەن راست سۆزلىدىڭ. سەن تاكى الله سەن
توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارغىچە كۈتۈپ تۇرغىن» دېدى.
مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىدىن قايتىپ چىقتىم. بەنى سەلەمەدىن بولغان بىر
مۇنچە كىشىلەر ماڭا ئەگىشىۋېلىپ: الله نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، سېنىڭ بۇندىن ئىلگىرى
گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىڭنى بىلمەيمىز، سەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا باشقىلار ئۆزرە ئېيتقاندەك، ئۆزرە
ئېيتىشقىمۇ ئاجىزلىق قىلدىڭ، ئۆزرە ئېيتقان بولساڭ، سېنىڭ گۇناھىڭغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
(سەن ئۈچۈن) تىلىگەن مەغپىرىتى كۇپايە قىلاتتى ئەمەسمۇ؟- دېيىشتى.
الله نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار مېنى ئەيىبلەۋەرگەچكە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ
قېشىغا بېرىپ يالغان ئېيتىشقا تاسلا قالدىم. ئاندىن مەن ئۇلارغا: ماڭا ئوخشاش مۇشۇنداق ئەھۋالغا
يولۇققان باشقا بىرى بارمۇ؟- دېدىم.
ئۇلار: ھەئە، ساڭا ئوخشاش يەنە ئىككى كىشى بار. ئۇلارمۇ سەن ئېيتقان سۆزلەرنى ئېيتتى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ئۇلارغا ساڭا ئېيتقان سۆزلەرنى ئېيتتى،- دېدى. مەن: ئۇلار كىم؟- دەپ
سورىدىم. ئۇلار: مۇرارە ئىبنى رەبىئۇلئەمرى بىلەن ھىلال ئىبنى ئۇمەييە ۋاقىفى،- دېدى. ئۇلار بەدرى
ئۇرۇشىغا قاتناشقان بۇ ئىككى ئۈلگىلىك، ياخشى ئادەمنى تىلغا ئالدى. بۇنى ئاڭلاپ، ئىلگىرى
قىلغان راست سۆزۈمدە تۇرىۋەردىم.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى جەڭگە چىقمىغانلارنىڭ ئارىسىدىن پەقەت بىز ئۈچەيلەن بىلەن سۆزلىشىشتىن چەكلىدى. شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر بىزدىن يىراقلاشتى ۋە ياكى بىزگە بولغان
مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتتى. ھەتتا زېمىن ماڭا بۇرۇن تونۇشلۇق بولغان زېمىن ئەمەستەك يات تۇيۇلدى.
بىز مۇشۇ ئەھۋالدا 50 كۈننى ئۆتكۈزدۇق.
بۇ جەرياندا مېنىڭ ئىككى بۇرادىرىم ئۆيلىرىگە بېكىنىۋېلىپ، يىغلىشىپ ئولتۇرۇشتى. ئەمما مەن
بولسام ئۇ ئىككىسىدىن ياشراق، غەيرەتلىكرەك ئىدىم. مەن سىرتلارغا چىقاتتىم، نامازغا مەسچىتلەرگە
باراتتىم، كوچىلاردا ئايلىنىپ يۈرەتتىم. لېكىن ھېچكىم ماڭا گەپ قىلمايتتى. نامازدىن كېيىن،
مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا سالام قىلاتتىم ۋە ئىچىمدە: پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام سالام قايتۇرۇش ئۈچۈن لەۋلىرىنى مىدىرلاتتىمۇ؟ـ يوق، دەيتتىم.
مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن يەردە ناماز ئوقۇيتتۇم ۋە ئۇنىڭغا ئوغرىلىقچە قارايتتىم.
مەن نامىزىم بىلەن بولۇپ كەتسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا قارايتتى. مەن ئۇ تەرەپكە قارىسام،
يۈزىنى مەندىن بۇرىۋالاتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ماڭا بولغان سوغۇق مۇئامىلىسى داۋاملىشىۋەردى. بىر
كۈنى مەن تاغامنىڭ ئوغلى ئەبۇ قەتادەنىڭ بېغىنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشتۈم. ئۇ ماڭا كىشىلەرنىڭ
ئىچىدىكى ئەڭ يېقىن ئادەم ئىدى. مەن ئۇنىڭغا سالام بەرسەم، ئۇ سالام قايتۇرمىدى. مەن ئۇنىڭغا:
ئى ئەبۇقەتادە! الله نىڭ نامى بىلەن سورايكى، سەن مېنىڭ الله ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنى قانچىلىك
ياخشى كۆرىدىغانلىغىمنى بىلەمسەن؟- دېدىم. ئۇ گەپ قىلمىدى. مەن يەنە شۇ گەپنى تەكرارلاپ
ئۆتۈنۈپ سورىدىم، ئۇ يەنە گەپ قىلمىدى. مەن يەنە قايتا ئۆتۈنۈپ سورىۋىدىم. ئۇ: الله ۋە الله
نىڭ پەيغەمبىرى بىلگۈچىدۇر،- دېدى.
شۇنىڭ بىلەن، كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلدى، مەن تامدىن ئارتىلىپ قايتىپ چىقتىم. مەدىنە
بازىرىدا مېڭىپ يۈرسەم، مەدىنىگە ئاشلىق ساتقىلى كىرگەن شام دېھقانلىرىدىن بىرى: كىم ماڭا
كەئب ئىبنى مالىكنى كۆرسىتىپ قويىدۇ؟- دېدى. كىشىلەر ئۇنىڭغا مېنى كۆرسىتىپ ئىشارەت قىلدى.
ئۇ كېلىپ غەسسان پادىشاھىنىڭ بىر پارچە خېتىنى ماڭا بەردى. مەن خەت يېزىشنى ھەم ئوقۇشنى
بىلەتتىم. مەن خەتنى ئوقۇدۇم. خەتتە مۇنداق يېزىلغان ئىكەن: “مەقسەتكە كەلسەك، بىزگە سېنىڭ
بۇرادىرىڭنىڭ ساڭا باشقىچە مۇئامىلىدە بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرى يەتتى. الله سېنى خار
زېمىندا قەدىرسىز ياشاشقا مەجبۇرلىغان ئەمەس، بىزگە قوشۇلغىن، بىز ساڭا ياخشىلىق قىلىمىز”.
خەتنى ئوقۇپ بولۇپ: بۇمۇ بىر سىناق بولسا كېرەك،- دەپ ئويلىدىم. شۇنىڭ بىلەن، خەتنى تونۇرغا
سېلىپ كۆيدۈرىۋەتتىم.
بىز الله تائالانىڭ ھۆكمىنى كۈتۈپ ئۆتكۈزگەن 50كۈننىڭ 40 - كۈنى ئۆتۈپ بولغان بولسىمۇ،
بىزنىڭ ھەققىمىزدە ۋەھىي چۈشمىدى. شۇ كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىسى كېلىپ
ماڭا: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سېنى ئايالىڭدىن ئايرىلىپ تۇرسۇن دەيدۇ،- دېدى. مەن ئۇنىڭغا:
تالاق قىلامدىكەنمەن ياكى قانداق قىلىدىكەنمەن؟- دېدىم. ئەلچى: بۇنى بىلمەيمەن، لېكىن
ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ تۇرغىن، ئۇنىڭغا يېقىنلاشمىغىن،- دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ
ئىككى ھەمراھىمغىمۇ مۇشۇ يوسۇندا ئەلچى ئەۋەتىپتۇ. مەن ئايالىمغا: مۇشۇ ئىش توغرىسىدا الله
ھۆكۈم چىقارغىچە، سەن ئاتا ـ ئاناڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، شۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تۇر،- دېدىم.
ھىلال ئىبنى ئۇمەييەنىڭ ئايالى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كېلىپ: ئى الله نىڭ
پەيغەمبىرى! ھىلال ئىبنى ئۇمەييە بولسا ئاجىز، قېرى كىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەتچىسىمۇ يوق.
مەن ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلسام، خاپا بولامسەن؟- دەپتۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق، لېكىن
ئۇ ساڭا يېقىنلاشمىسۇن» دەپتۇ. ئۇ ئايال: الله نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ ھېچ
قانداق نەرسىگە رايى يوق. الله نىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ مۇشۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن
تا بۈگۈنگە قەدەر يىغلاپلا كېلىۋاتىدۇ،- دەپتۇ.
مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەردىنمۇ بەزىلىرى: سەنمۇ ئايالىڭ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن
رۇخسەت سوراپ باقساڭ بولمامدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىلال ئىبنى ئۇمەييەنىڭ ئايالىغا (ئۇنىڭ
خىزمىتىنى قىلىشقا) رۇخسەت قىلىپتىغۇ؟- دېيىشتى. مەن: بۇ توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن
ئىزنى سورىمايمەن. مەن ياش تۇرۇقلۇق بۇ توغرىدا ئىزنى سورىسام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمە
دەپ قالىدۇ؟- دېدىم.
شۇ ھالەتتە يەنە ئون كۈننى ئۆتكۈزدۈم. شۇنداق قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنى
كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىشتىن چەكلىگەن كۈندىن تارتىپ، تولۇق 50 كۈن تاماملاندى. 50 - كۈنى
سەھەردە بامدات نامىزىنى ئۆيۈمنىڭ ئۆگزىسىدە ئوقۇدۇم. شۇ چاغدا، مەن الله تائالا بىز توغرۇلۇق
قۇرئاندا تىلغا ئالغىنىدەك نەپسىم سىقىلىپ، زېمىن ماڭا تار كەلگەندەك ھالەتتە ئولتۇراتتىم. تۇيۇقسىز
بىرسىنىڭ سەلئى دېگەن تاغ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ئى كەئب ئىبنى مالىك!
خۇش بېشارەت ئالغىن،- دەپ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلىدىم. شۇئان سەجدىگە باش قويدۇم. ئازادىلىكنىڭ
كەلگەنلىكىنى بىلدىم. ئەسلىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام الله نىڭ بىزگە تەۋبە ئاتا قىلغانلىقىنى
(بامدات نامىزىدا) كىشىلەرگە ئېلان قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر بىزگە خۇش بېشارەت بېرىشكە
مېڭىپتۇ. مېنىڭ ئىككى بۇرادىرىمگىمۇ كىشىلەر خەۋەر قىلغىلى كېتىپتۇ.
بىر كىشى مەن تەرەپكە ئات چاپتۇرۇپ مېڭىپتۇ. ئەسلەم قەبىلىسىدىن يەنە بىر كىشى شاتىرنىڭ
مېڭىشىدا يۈگۈرەپتۇ، ئۇ ئاۋاز ئاتتىنمۇ تېز دەپ ئويلاپ، تاغقا چىقىپ ۋارقىراپتۇ. ماڭا ئاۋازى ئارقىلىق
خۇش بېشارەت بەرگەن ئادەم يېنىمغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ بەرگەن خۇش بېشارىتى ئۈچۈن،
ئۇچامدىكى ئىككى كىيىمنى ئۇنىڭغا كىيدۈرۈپ قويدۇم. الله نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، بۇ
كۈنلەردە مېنىڭ قولۇمدا بۇ ئىككى كىيىمدىن باشقا بىر نەرسە يوق ئىدى. مەن يەنە ئىككى كىيىمنى
ئارىيەتكە ئېلىپ كىيىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا چاپتىم. يول بويى كىشىلەر ماڭا توپ ـ
توپ ئۇچرىشىپ، ماڭا تەۋبە ئاتا قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلىشىپ: الله ساڭا تەۋبە ئاتا قىلىپتۇ، مۇبارەك
بولغاي!- دېيىشتى.
مەن مەسچىتكە كىرسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەتراپىدا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئولتۇرغان
ئىكەن. تەلھە ئىبنى ئۇبەيدۇللا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە مەن بىلەن قول ئېلىشىپ
كۆرۈشۈپ مۇبارەكلىدى. الله نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مۇھاجىرلارنىڭ ئىچىدىن تەلھەدىن باشقىسى
ئورنىدىن تۇرمىدى. مەن تەلھەنىڭ قىلغىنىنى ھەرگىز ئۇنتالمايمەن.
مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سالام بېرىۋىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇشاللانغانلىقىدىن
يۈزلىرى نۇرلانغان ھالدا: «سەن ئاناڭدىن تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆتكەن كۈنلىرىڭنىڭ ئىچىدىكى
ئەڭ خۇشاللىق بىر كۈندىن خۇش بېشارەت ئالغىن» دېدى. مەن: ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! بۇ
بېشارەت سەن تەرەپتىنمۇ ياكى الله تەرىپىدىنمۇ؟- دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ الله تائالا
تەرىپىدىندۇر» دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر قاچان خۇشال بولسا، يۈزلىرى نۇرلىنىپ گوياكى تولۇن ئايدەك
بولۇپ كېتەتتى، بىز بۇنى بىلەتتۇق. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ بولغاندىن
كېيىن: ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! تەۋبەمنىڭ قوبۇل بولغانلىقى شەرىپىگە مېنىڭ بارلىق نەرسىلىرىم
الله ۋە الله نىڭ رەسۇلى ئۈچۈن سەدىقە بولسۇن،- دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر قىسىم
ماللىرىڭنى ئۆزەڭگە قالدۇرۇپ قويغىنىڭ ياخشى» دېدى. مەن: خەيبەردىكى نېسىۋەمنى قالدۇرۇپ
قوياي،- دېدىم. مەن يەنە: ئى الله نىڭ پەيغەمبىرى! الله مېنى راستچىللىقىم بىلەن نىجاتلىققا
ئېرىشتۈردى. ھاياتلا بولسام، راست سۆزلەش مېنىڭ تەۋبەمنىڭ قاتارىدىن بولغاي،- دېدىم.
الله نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن بۇ گەپنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دېگەندىن باشلاپ
بۈگۈنگە قەدەر الله تائالانىڭ مۇسۇلمانلاردىن بىرەر كىشىنى راستچىللىقتا مېنى سىنىغاندىن ياخشىراق
سىنىغانلىقىنى بىلمەيمەن، الله نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا شۇ سۆزنى
قىلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بىرەر يالغاننى ئويلاپمۇ باقمىدىم. بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىمدىمۇ
الله نىڭ مېنى يالغاندىن ساقلىشىنى تىلەيمەن.
الله تائالا بۇ ئايەتلەرنى بىزنىڭ ھەققىمىزدە نازىل قىلدى: ﴿الله ھەقىقەتەن پەيغەمبەرنىڭ
ۋە ئۇنىڭغا قىيىنچىلىق پەيتىدە ئەگەشكەن مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى.
(ئەينى زاماندا) ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ دىللىرى ھەقتىن بۇرۇلۇپ كېتىشكە
تاس قالغاندىن كېيىن، الله ئۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلدى. الله ئۇلارغا تولىمۇ مەرھەمەتلىك،
ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئىشى كېچىكتۈرۈلگەن ئۈچ كىشىنىڭ تەۋبىسىنىمۇ الله قوبۇل قىلدى.
شۇنچە كەڭ زېمىن ئۇلارغا تار تۇيۇلغان، ئۇلارنىڭ جانلىرى سىقىلغان، ئۇلار الله غا تەۋبە قىلماي
تۇرۇپ الله نىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ تەۋبە
قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈچۈن، الله ئۇلارنى تەۋبىگە مۇۋەپپەق قىلدى. الله تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل
قىلغۇچىدۇر. (بەندىلەرگە) ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئى مۆمىنلەر! الله دىن قورقۇڭلار، راستچىللار.
بىلەن بىللە بولۇڭلار﴾
كەئب مۇنداق دەيدۇ: الله نىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئۆز كۆڭلۈمدە: الله تائالا
مېنى ئىسلامغا باشلىغاندىن كېيىن، مېنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يالغان ئېيتماي، راستچىل
بولغىنىمدىنمۇ ئارتۇق نېمەت بەرمىدى،- دەپ ئويلىدىم. ئۇنداق بولمىغاندا باشقا يالغانچىلار ھالاك
بولغاندەك ھالاك بولۇپ كېتەتتىم.
الله تائالا ۋەھىي چۈشۈرگەن چاغدا، يالغان ئېيتقانلارغا ھېچ كىشىگە دەپ باقمىغان يامان
سۆزنى قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: ﴿ئۇلار (يەنى مۇناپىقلار) نىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىڭلاردا ئۇلار
سىلەرنىڭ ئۇلارنى ئەيىپلىمەسلىكىڭلار ئۈچۈن (يالغان ئۆزرىلەر بايان قىلىپ) الله بىلەن قەسەم
قىلىدۇ. ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈڭلار (يەنى ئۇلار بىلەن سۆزلەشمەڭلار ۋە سالاملاشماڭلار)، ئۇلار ھەقىقەتەن نىجىستۇر. قىلمىشلىرىنىڭ جازاسى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى جەھەننەمدۇر. سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلار سىلەرگە قەسەم ئىچىپ بېرىدۇ. سىلەر ئۇلاردىن رازى بولساڭلار.
(بۇ ئۇلارغا پايدا بەرمەيدۇ)، چۈنكى الله پاسىق قەۋمدىن رازى بولمايدۇ﴾
كەئب مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇرۇشقا چىقماي قالغانلارنىڭ قەسەم ئىچىپ
تۇرۇپ ئېيتقان ئۆزرىسى ۋە بەيئىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلغاندا، بىز ئۈچ
كىشىنى الله تائالانىڭ ھۆكۈم چىقىرىشىغا قالدۇرۇپ قويغان ئىدى. الله تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿ئىشى كېچىكتۈرۈلگەن ئۈچ كىشى...﴾. لېكىن بۇ ئايەتتە دېيىلىۋاتقان “كېچىكتۈرۈلگەن” دېگەن
سۆز ھەرگىزمۇ بىزنىڭ غازاتتىن قالغانلىقىمىزنى كۆرسەتمەيدۇ. بەلكى ئۇ، الله نىڭ قالدۇرۇشى
ۋە الله نىڭ پەيغەمبىرىنىڭ بىزنىڭ ئىشىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا قەسەم ئىچىپ ئۆزرە
ئېيتقان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزرىلىرىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەردىن قالدۇرۇپ قويۇشى ئىدى.
[بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].
يەنە بىر رىۋايەتتە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇك ئۇرۇشىغا پەيشەنبە كۈنى چىقتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پەيشەنبە كۈنى ئۇرۇشقا چىقىشنى ياخشى كۆرەتتى، دېيىلگەن.
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېيىلگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپەردىن ھەرۋاقىت چاشكا ۋاقتىدا قايتىپ كېلەتتى، كەلگەندىمۇ ئالدى بىلەن مەسجىدكە كىرىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى، ئاندىن مەسجىدتە ئولتۇراتتى.
Yorumlar
Yorum Gönder