ناخشا-مۇزىكىغا توغرىسىدىكى بەزى ھەدىسلەر

ناخشا-مۇزىكىغا ئالاقىدار بەزى ھەدىسلەر

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى


ئەبۇ مالىك ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:( لَيَشْرَبَنَّ نَاسٌ مِنْ أُمَّتِي الْخَمْرَ يُسَمُّونَهَا بِغَيْرِ اسْمِهَا يُعْزَفُ عَلَى رُءُوسِهِمْ بِالْمَعَازِفِ وَالْمُغَنِّيَاتِ يَخْسِفُ اللَّهُ بِهِمُ الأَرْضَ وَيَجْعَلُ مِنْهُمُ الْقِرَدَةَ وَالْخَنَازِيرَ)«ئۈممىتىمدىن بىر بۆلۈك كىشى ھاراققا باشقا ئىسىم قويۇۋېلىپ ئۇنى ئىچىدۇ؛ ئۇلارنىڭ سورۇنىدا چالغۇلار چېلىنىدۇ، ناخشىچى قىزلار ناخشا ئېيتىدۇ. ئاللاھ بۇنداقلارنى زېمىنغا يۇتقۇزىۋېتىدۇ، ئۇلارنى چوشقىغا ۋە مايمۇنغا ئايلاندۇرىۋېتىدۇ.»(ئىبنى ماجە 4020-ھەدىس؛ بۇ ھەدىسنى ئىبنى تەيمىييە بايان ئەددەلىل ناملىق ئەسىرىدە سەھىھ دېگەن؛ ئىغاسەتۇللەھفەن ناملىق ئەسىرىدە سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجەدە سەھىھ دېگەن؛ ئىمام قۇرتۇبى ئەتتەزكىرە ناملىق ئەسىرىدە نەقىل قىلىپ سەھىھ دېگەن)
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ «ئەدەب ئەلمۇفرەد» ناملىق ھەدىس كىتابىدا ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلغان: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ {وَمِنَ النَّاسِ مَنْ يَشْتَرِي لَهْوَ الْحَدِيثِ لقمان}{بەزى كىشىلەر بىلىمسىزلىكتىن، (كىشىلەرنى) اﷲ نىڭ يولىدىن ئازدۇرۇش ئۈچۈن بىھۇدە گەپلەرنى سېتىۋالىدۇ}(لوقمان سۈرىسى،6-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) دېگەن ئايەتنى ناخشا ۋە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغانلار ئۈچۈن نازىل بولغان دەپ تەپسىرلىگەن.(سەھىھ ھەدىس؛ ئەلبانى: سەھىھ ئەدەب ئەلمۇفرەد،603)
ئابدۇللاھ ئىبنى دىينار رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: (خرجْتُ مع عَبْدِ اللهِ بنِ عمرَ إلى السُّوقِ فمرَّ على جَارِيَةٍ صَغِيرَةٍ تُغَنِّي فقال إِنَّ الشيطانَ لَوْ تركَ أحدًا لَتركَ هَذِهِ) مەن ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىلەن كوچىغا چىقتىم. ئۇ زات ناخشا ئېيتىۋاتقان كىچىك دېدەك قىزنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ:«ئەگەر شەيتان بۇ يەردە بىر نەرسە قويۇپ قويغان بولسا، چوقۇمكى مۇشۇ ناخشا ئېيتىۋاتقان قىزنى قويۇپ قويدى» دېدى.(ئىمام بۇخارى «ئەدەب ئەلمۇفرەد» 784-ھەدىس؛ ئەلبانى ھەسەن دېگەن)
ئۇممۇ ئەلقەمەدىن مۇنداق دەيدۇ: (أَنَّ أُمَّ عَلْقَمَةَ أَخْبَرَتْهُ، أَنَّ بَنَاتَ أَخِي عَائِشَةَ اخْتُتِنَّ، فَقِيلَ لِعَائِشَةَ‏:‏ أَلاَ نَدْعُو لَهُنَّ مَنْ يُلْهِيهِنَّ‏؟‏ قَالَتْ‏:‏ بَلَى‏.‏ فَأَرْسَلْتُ إِلَى عَدِيٍّ فَأَتَاهُنَّ، فَمَرَّتْ عَائِشَةُ فِي الْبَيْتِ فَرَأَتْهُ يَتَغَنَّى وَيُحَرِّكُ رَأْسَهُ طَرَبًا، وَكَانَ ذَا شَعْرٍ كَثِيرٍ، فَقَالَتْ‏:‏ أُفٍّ، شَيْطَانٌ، أَخْرِجُوهُ، أَخْرِجُوهُ‏) مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ئىنىسىنىڭ قىزىنىڭ خەتمىسى قىلىنغاندا، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «ئۇلارنى خۇش قىلىدىغان بىرەرسىنى چاقىرساق بولامدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «بولىدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەدىي دېگەن كىشى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كەلتۈرۈلدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاچ قويۇق چاچلىق ئەدىينىڭ مەجنۇنلارچە بېشىنى چايقاپ ناخشا توۋلاۋاتقىنىنى كۆرۈپ «(ئۇ) شەيتان (ئىكەن) . ئۇنى چىقىرىۋېتىڭلار! ئۇنى چىقىرىۋېتىڭلار» دەپ بۇيرۇدى. (بۇخارى «ئەدەب ئەلمۇفرەد» 1247؛ ئەلبانى ھەسەن دېگەن)

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر