ئائىشە ئانىمىزنىڭ ئاددىي ساددىلىقى


ئابدۇلۋاھىد ئىبنى ئەيمەن مۇنداق دەيدۇ: دادام ماڭا شۇنداق دېدى:
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا (ئانىمىزنىڭ) يېنىغا كىردىم. ئۇچىسىدا بەش دىرھەم قىممىتىدىكى، قېلىن كۆڭلەك بار ئىدى. ماڭا «بېشىڭنى كۆتۈرۈپ خىزمەتكارىمغا قارا. ئۇ بۇ كىيىمىنى (ئاددىي چاغلاپ) ئۆيدە كىيىشتىن نومۇس قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم) ھايات چاغدا مېنىڭ مۇشۇنىڭدەك كۆڭلىكىم بار ئىدى. مەدىنىدە (توي ئۈچۈن) زىننەتلەنگەن ھەممە ئاياللار بۇ كۆڭلۈكىمنى ئارىيەت ئېلىش ئۈچۈن خەۋەر ئەۋەتەتتى.»(سەھىھۇل بۇخارى2628-نومۇرلۇق ھەدىس)
    ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقالانىي رەھىمەھۇللاھ «فەتھۇل بارى» دا بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن:
ئىمام ئىبنى جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ بۇ سۆزى ئارقىلىق دېمەكچى بولغىنى مۇنداق: مۇسۇلمانلار دەسلەپكى چاغلاردا قىيىنچىلىق ئىچىدە ئىدى. كېيىنكى دەۋىردىكى مۇسۇلمانلار ئەرزىمەس ھېسابلىغان نەرسىلەر دەسلەپكى چاغلاردا تولىمۇ قىممەتلىك ھېسابلىناتتى.
بۇ ھەدىستىن يەنە ئائىشە ئانىمىزنىڭ خىزمەتچىلىرىگە يۇمشاق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى تەنقىدلىگەن چاغلاردىمۇ ئاچچىق گەپلەرنى قىلمايدىغانلىقى ئايان بولماقتا.(فەتھۇل بارى شەرھى سەھىھۇلبۇخارىدىن ئېلىندى)

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر