بۇخارى 189: تاھارەتتىن ئاشقان سۇ پاك
تاھارەت ئالغان ۋە غۇسل قىلغان كىشىنىڭ ئەزالىرىدىن ئايرىلغان سۇ قاتارلىق
تاھارەت ئۈچۈن قوللىنىلغان سۇ ـــ سەھىھ قاراشقا ئاساسەن ـــ ھەم پاك، ھەم
باشقىسىنى پاكلىغۇچىدۇر. بۇ خىل سۇنىڭ پۇرىقى، تەمى ۋە رەڭگىدىن ئىبارەت ئۈچ
خۇسۇسىيىتىنىڭ قايسى بىرى ئۆزگەرمىگەن ئەھۋالدا، بۇنداق سۇ بىلەن پاسكىنىچىلىق ۋە
نىجاسەت يوق قىلىنىدۇ.
بۇنداق سۇنىڭ پاك ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى مۇنۇ ھەدىستۇر: (أن النبي صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ
كان إذا توضأ كادوا يقتتلون على وضوئه)«پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تاھارەت ئالغاندا ساھابىلەر ئۇ زاتنىڭ تاھارەت
سۈيىنى تالىشىپ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشقۇدەك ھالغا كېلەتتى.»(بۇخارى 189) شۇنداقلا، (ولأنه
صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ صبَّ على جابر من وضوئه إذ كان مريضاً.)پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاغرىپ قالغان جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا ئۆزىنىڭ
تاھارەت سۈيىنى تۆككەن.(بۇخارى 5651؛ مۇسلىم 1616) ئەگەر تاھارەت ئۈچۈن
ئىشلىتىلگەن سۇ ناپاك بولغان بولسا، بۇنداق قىلىش دۇرۇس بولمىغان بولاتتى. چۈنكى،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم، ساھابىلىرى ۋە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرى چوڭ
داسلاردىن، كۈپلەردە تاھارەت ئالاتتى ۋە بۇ ئەسۋالاردىن ئالغان سۇ بىلەن غۇسل قىلاتتى. بۇنداق ئەسۋابلاردىكى سۇغا
تاھارەت مەقسىدى بىلەن ئىشلەتكەن سۇدىن بىر نەرسىنىڭ چاچراپ كەتمەسلىكىدىن
ساقلانغىلى بولمايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
جۇنۇب بولۇپ قالغان ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا (إن المؤمن لا ينجس)«شۈبھىسىزكى،
مۇئمىن نىجىس بولمايدۇ» دېگەن.(مۇسلىم 371) ئەھۋال بۇنداق ئىكەن،
سۇغا (تەننىڭ) تېگىشىشى بىلەنمۇ سۇ پاكلىق ھالىتىنى يوقاتمايدۇ.(فىقھۇل مۇيەسسەردىن)
Yorumlar
Yorum Gönder