سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مەرتلىكى ۋە ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋفنىڭ ئىپپىتى-بۇخارى 3780

ئىبراھىم ئىبنى سەئد دادىسىدىن، ئۇ چوڭ دادىسىدىن مۇنداق ھەدىس بايان قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەدىنىگە كەلگەندە ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف بىلەن سەئد ئىبنى رابىئەنى قېرىنداش قىلىپ قويدى. سەئىد ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «مەن ئەنسارىلار ئارىسىدا ئەڭ مالدار ئادەممەن. مېلىمنى ئىككىگە بۆلۈپ (يېرىمىنى ساڭا بېرىمەن)؛ ئىككى ئايالىم بار. قارىغىن، قايسىسىنى بەك ياقتۇرساڭ ماڭا دېگەن، مەن ئۇنى تالاق قىلاي. ئىددىتى توشقاندا ئۇنى نىكاھلاپ ئالساڭ بولىدۇ» دېدى.
ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف «ئاللاھ ئائىلەڭگىمۇ، مېلىڭغىمۇ بەرىكەت بەرسۇن. بازىرىڭلار نەدە؟» دېدى.
ئۇنىڭغا بەى قەينۇقانىڭ بازىرىنى كۆرسىتىپ قويدى. ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف بازاردىن بىر ئاز پىشلاق ۋە ياغ بىلەن قايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بازارغا ئەتىگە بېرىشنى داۋاملاشتۇردى. كۈنلەردىن بىرىدە ئۇچىسىدا زەفران ئىزى بولغان ھالەتتە (رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا) كەلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «نېمە ئىش بولدى؟» دېۋىدى، ئابدۇرراھمان «ئۆيلەندىم» دېدى. رەسۇلۇللاھ «ئايالىڭغا قانچىلىك مەھر ھەققى بەردىڭ» دەپ سورىۋىدى، ئابدۇرراھمان «بىر چېكەتكىچىلىك كېلىدىغان ئالتۇن» (ياكى چېكەتكە ئېغىرلىقىچىلىك كېلىدىغان ئالتۇن) دېدى.(راۋىي ئىبراھىم ھەدىس بايان قىلغان بۇ جەھەتتە ئىككىلىنىپ قالدى.) (بۇخارى 3780)
[فەتھۇلبارى: سەئد ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوھۇد كۈنى شەھىد بولدى.]

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر