ئەڭ ياخشىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلىرىڭلاردۇر-بۇخارى5027
ئوسمان
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن :«(خَيرُكُم
مَنْ تَعَلَّمَ القُرْآنَ وَعَلَّمَهُ) سىلەردىن ئەڭ
ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلەردۇر.»(بۇخارى 5027-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئەڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلىرىڭلاردۇر-
ھەدىسىنىڭ شەرھى
«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئوسمان
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مۇنداق دېگەن :«(خَيرُكُم
مَنْ تَعَلَّمَ القُرْآنَ وَعَلَّمَهُ) سىلەردىن ئەڭ
ياخشىلىرىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەنلەردۇر.»(بۇخارى 5027-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئىمام ئىبنى
ھەجەر رەھىمەھۇللاھ بۇخارىنىڭ شەرھى «فەتھۇلبارى» ناملىق ئەسىرى (10-جىلد،
313-بەتتە) يۇقارقى ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن:
ھەدىستىكى
خەيرلىك (ياخشى) بولۇش سۈپىتى قۇرئاننى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئۆگىنىشتىن
ئاۋۋال
كېلىدۇ. قۇرئاننى باشقىلارغا ئۆگەتكەن كىشى پەقەتلا ئەمەل قىلىش بىلەنلا
چەكلەنگەن كىشىنىڭ ئەكسىچە، ئەتراپىدىكىلەرنى مەنپەتلەندۈرىدۇ. ھەتتا،
ئەمەللەرنىڭ ئەڭ
ئەۋزىلى باشقىلارغا (ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە ئېلىپ بارىدىغان ياخشىلىقنى)
ئۆگىتىشتۇر. باشقىلارغا بىر نەرسە ئۆگەتمەكچى بولغان كىشى، ئۆگەتمەكچى
بولغان
نەرسىنى ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى ئۆگەنگەن بولۇشى كېرەك. باشقىلارغا (ياخشىلىقنى)
ئۆگىتىش ئەمەل
جۈملىسىدىن بولۇپ، ئەتىراپىدىكىلەرگە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ھەرىكەت
ھېسابلىنىدۇ.
خەيىرلىك
(ياخشى) بولۇش باشقىلارغا (شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالدا) پايدا ئېلىپ كېلىشنى شەرت
قىلىدۇ، باشقىلارغا ھەر قانچە نەرسە ئۆگەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۆگەتكىنى پايدىلىق
ئىلىم بولمىسا، ئۇ ھالدا بۇنداق كىشى ئۆگەتكەن نەرسە بۇ ھەدىسنىڭ دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. چۈنكى، قۇرئان ئىلىمى
ئىلىملەرنىڭ ئەڭ شەرەپلىكىدۇر. بۇ سەۋەبلىك، قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە باشقىلارغا ئۆگەتكەن
كىشىنىڭ پەزىلىتى قۇرئاندىن باشقا بىر نەرسە ئۆگىنىپ، ئۇنى باشقىلارغا ئۆگەتكەن
كىشىگە قارىغاندا ئۈستۈن بولىدۇ.
ھەم
قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۇنى باشقىلارغا ئۆگەتكەن كىشى ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ
كامالەتكە يېتەكلىگەن بولىدۇ. بۇنداق كىشى ئۆزىگە پايدا يەتكۈزۈشتىن ئېشىپ،
باشقىلارغىمۇ پايدا يەتكۈزگەن كىشى بولغانلىقتىن، ئەڭ پەزىلەتلىك كىشى
ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىشى ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەنىڭ مۇنۇ ئايىتىدە بايان قىلغان
كىشىلەرنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:«ئىنسانلارنى
ئاللاھنىڭ دىنىغا چاقىرغان، ياخشى ئىش قىلغان ۋە ‹مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن› دېگەن كىشىدىنمۇ ياخشى سۆزلۈك ئادەم بارمۇ؟» (41-سۈرە فۇسسىلەت، 33-ئايەت) ئاللاھقا
دەئۋەت قىلىش ھەر خىل شەكىللەردە بولىدۇ. قۇرئاننى ئۆگىتىشمۇ ئاللاھقا دەئۋەت
قىلىش جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ. ھەتتا، قۇرئان ئۆگىتىش ئاللاھقا دەئۋەت قىلىشنىڭ
ئەڭ پەزىلەتلىكىدۇر. ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەسكىسى بولسا، باشقىلارنىڭ مۇسۇلمان
بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلغان كىشىدۇر. ئاللاھ ئەززە ۋە جەللە مۇنداق دەيدۇ:«ئاللاھنىڭ
ئايەتلىرىنى يالغانغا چىقىرىپ، ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرىگەن كىشىدىنمۇ زالىم كىشى
بارمۇ؟»(6-سۈرە
ئەنئام، 157-بەت)
يۇقىرىدا
ئېيتقانلىرىمىزغا ئاساسلىنىپ، قارىي فەقىھتىنمۇ پەزىلەتلىك ئىكەن، دەپ قالغانلارغا
مۇنداق دەيمىز: بۇ چۈشەنچە توغرا ئەمەس. چۈنكى، بۇ ھەدىسنىڭ (ئەڭ ئاۋۋال)
سۆزلەنگۈچىلىرى بولغان ساھابىلەر تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە فەقىھ ئىدى. چۈنكى،
ئۇلار قۇرئان نازىل بولغان ئەرەب تىلىنى ياخشى بىلەتتى. ساھابىلەر پەزىلىتى
سەۋەبلىك قۇرئاننىڭ مەنىسىنى ئۆزىدىن كېيىن كەلگەنلەرگە قارىغاندا ياخشى
چۈشىنەتتى. فىقىھ ئۇلار ئۈچۈن بىر خاراكتېرگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى (يەنى ئۇلارنىڭ
فىقىھنى بىلمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، فىقىھنى بەش قولىنى بىلگەندەك ياخشى
بىلەتتى.) ساھابىلەرنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان كىشىلەر ئۇلار بىلەن
ئوخشاش تەبىقىگە تەۋەدۇر. ئەمما، ئوقۇغان ۋە ئوقۇتقان ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى
چۈشەنمەيدىغان قارى ياكى قۇرئان ئۆگەتكۈچىلەر، قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەسلىكى ۋە باشقىلارغا قۇرئاننىڭ مەنىسىنى ئۆگىتەلمەسلىكى
سەۋەبلىك، ھەدىستىكى ياخشىلار تەبىقىسىگە تەۋە ئەمەس.
قارىي
جىھاد، رابات (ئىسلام چېگرالىرىنى دۈشمەندىن قوغداش) قاتارلىق ئەمەللەرگە
قاتنىشىش، كىشىلەرنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش قاتارلىق
ئەمەللەردە
چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق ئىسلامغا كۆپ خىزمەت قىلىش بىلەن پەزىلەتلىك كىشىلەردىن
بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. قانائىتىمىزگە كۆرە، كىمنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك
بولىدىغانلىقى
ئەتراپىدىكىلەرگە ئېلىپ كەلگەن مەنپەئەتى ئارقىلىق ئۆلچىنىدۇ. كىم
ئەتىراپىدىكىلەرنى (مۇسۇلمانلارنى) ھەممىدىن بەك مەن مەنپەئەتلەندۈرگەن
بولسا،
ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى دەرىجىسى ھەممىدىن بەك ئۈستۈن بولىدۇ.
[ئىمام
ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ بۇخارىنىڭ شەرھى «فەتھۇلبارى» ناملىق ئەسىرى (10-جىلد،
313-بەت)] (فۇرقان دەئۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى)
Yorumlar
Yorum Gönder