ئەبۇ داۋۇد 75: مۈشۈك يەپ قويغان يېمەكلىك نىجىس بولمايدۇ
شۇنداقلا، ئۇ زاتتىن چېلەكتىن سۇ ئىچكەن مۈشۈك توغرىسىدا سورالغاندا مۇنداق
دېدى: (وقوله صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ في
الهرة وقد شربت من الإناء: «إنها ليست بنجس، إنما هي من الطوافين عليكم والطوافات»)«مۈشۈك نىجىس ئەمەس. مۈشۈك دائىم يېنىڭلارغا كىرىپ
چىقىدۇ.»(مۇسنەد ئىمام ئەھمەد
5-296؛ ئەبۇ داۋۇد 75؛ تىرمىزى 92؛ تىرمىزى بۇ ھەدىسنى ‹ھەسەن سەھىھ› دېگەن.
ئەلبانى ‹ئىرۋائۇل غەلىل› دە ‹سەھىھ› دېگەن)
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئادەتتە
مۈشۈكنىڭ سۈيىمىزنى ئىچىۋېلىشىدىن ساقلىنىش تولىمۇ مۈشكۈل. ئەگەر بىز مۈشۈكتىن
ئاشقان سۇ نىجىس دەپ، شۇ سۇ قاچىلانغان ئەسۋابنىڭ يۇيۇلۇشى كېرەكلىكىنى قوبۇل
قىلساق، شۈبھىسىزكى بۇ ھال بىزگە مۇشەققەت ئېلىپ كېلىدۇ. ھالبۇكى، مۇشەققەت بۇ
ئۈممەتتىن كۆتۈرۈۋېتىلگەن. (فىقھۇل مۇيەسسەردىن)
Yorumlar
Yorum Gönder