رەسۇلۇللاھ ئائىشە ئانىمىزنىڭ تىزىغا بېشىنى قويۇپ قۇرئان ئوقۇيتتى

ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«رەسۇلۇللاھ ئائىشە ئانىمىزنىڭ تىزىغا بېشىنى قويۇپ قۇرئان ئوقۇيتتى.»(بۇخارى 7549؛ مۇسلىم 301)وقد روى البخاري (7549) ومسلم (301) أن النبي صلى الله عليه وسلم كان يتكئ في حجر عائشة ويقرأ القرآن .


ئايەتتە مۇنداق كەلگەن: «ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ اﷲ نى ئەسلەپ تۇرىدۇ»(سۈرە ئالى ئىمران 191-ئايەت) قۇرئان ئوقۇش ئاللاھنى ئەسلەش-زىكىر قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىبادەتتىن بىرى بولۇپ، ئايەتتىكى ھالەتلەردە قۇرئان ئوقۇش ۋە ئاڭلاش تامامەن دۇرۇس.
 ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:«رەسۇلۇللاھ ئائىشە ئانىمىزنىڭ تىزىغا بېشىنى قويۇپ قۇرئان ئوقۇيتتى.»(بۇخارى 7549؛ مۇسلىم 301)وقد روى البخاري (7549) ومسلم (301) أن النبي صلى الله عليه وسلم كان يتكئ في حجر عائشة ويقرأ القرآن . بۇمۇ يېتىپ تۇرۇپ قۇرئان ئوقۇشنىڭ دۇرۇسلىقىغا دەلىل.
ئەمدى، باشقا ئىش قىلىۋېتىپ قۇرئان ئوقۇشقا كەلسەك. مەسىلەن، ئېتىزدا كەتمەن چېپىۋېتىپ، رىباتتا تۇرۇۋېتىپ، چېنىقىۋېتىپ، يۈگرەۋېتىپ، مېنىڭۋېتىپ.... جۈملىدىن، جۇنۇبلۇق ھالىتى بولمىغان ھالال بولغان ھەر قانداق ھالدا قۇرئان ئوقۇش دۇرۇس. قۇرئاننى ھېچ ئىش قىلماي تۇرۇپ ئوقۇش كېرەك دېگەنگە شەرئىي دەلىل يوق. ئەدەب نۇقتىسىدىن، قۇرئان ئوقۇشتا بەزى مۇستەھەبلەر بار بولۇپ، شارائىت يار بەرسە قىبلىگە يۈز كەلتۈرۈش، تاھارەت ئېلىش... دېگەندەكلەر بەجا كەلتۈرۈلسە تېخى ياخشى، كەلتۈرۈمىسىمۇ بەرىبىر دۇرۇس.
سەھىھ ھەدىستە «قۇرئاننى ئاشكارا ئوقۇغۇچى ئاشكارا سەدىقە بەرگۈچىگە ئوخشاش؛ قۇرئاننى مەخپىي ئوقۇغۇچى مەخپىي سەدىقە پەرگۈچىگە ئوخشاش» دەپ كەلگەن.(بۇ ھەدىسنىڭ ئەلبانى سەھىھ جامىسىدا ۋە باشقا ھەدىس توپلاملىرى چىقىدىغىنى ئېسىمدە) بۇ ئېنىق سەھىھ ھەدىس.
ئەمدى، بىر سورۇنغا يىغىلغاننىڭ ھەمىسى غوڭۇشۇپ ئۆز ئالدىغا قۇرئان ئوقۇش -قۇرئان يادلاش، قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىنىش نىيىتىدە بولمىسىلا- دۇرۇس ئەمەس. بۇنداق قىلىش «قۇرئان ئوقۇلغاندا جىم تۇرۇپ تىڭشاڭلار» دېگەن مەزمۇندىكى ئايەتكە خىلاپ.
باشقىلار ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان، ناماز ئوقۇۋاتقان بولسا، ئۈنلۈك قۇرئان ئوقۇش دۇرۇس ئەمەس. بولۇپمۇ، براۋ ناماز ئوقۇۋاتسا ئۇ ئاڭلىغۇدەك ئۈنلۈك قۇرئان ئوقۇش قارشى تەرەپنىڭ نامازدىكى خۇشۇئسىنى بۇزۇپ، نامازنى توغرا ئوقۇشىغا تەھدىت سالىدىغانلىقى ئۈچۈن ھارام. ئەھلى ئىلىم بۇ ھەقتە مۇشۇلارنى ئېيتىدۇ.

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر