پەرز نامازدا كاپىرغا بەددۇئا قىلىش توغرىلىق ئۈچ سەھىھ ھەدىس
پەرز
نامازدا كاپىرغا بەددۇئا قىلىش توغرىلىق ئۈچ سەھىھ ھەدىس
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
ئىمام بۇخارى ئەبۇ ھۇرەيرە
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خۇپتەن نامىزى (نىڭ
ئاخىرقى رەكئىتى) دە ‹سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە› دەپ رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە سەجدىگە
بېرىشتىن ئاۋۋال ‹ئى ئاللاھ! ئەيياش ئىبنى رابىئەنى قۇتقازغىن! ئى ئاللاھ، سەلەمە
ئىبنى ھىشامنى قۇتقازغىن! ئى ئاللاھ، ۋالىد ئىبنى ۋالىدنى قۇتقازغىن! ئى ئاللاھ،
ئاجىز مۆمىنلەرنى قۇتقۇزغىن! مۇزار قەبىلىسىنى جازالىغىن، ئۇلارغا يۈسۈپ (ئەلەيھىسسالامنىڭ)
زامانىدىكى قەھەتچىلىكنى ئەۋەتكىن! دەيتتى.» ( أخرجه أحمد 2 / 239، 255، 470، 502، 521، والبخاري
برقم ( 804، 1006، 2932، 3386، 4560، 4598، 6200، 6393، 6940 )، ومسلم 1 / 467
برقم (675)، وأبو داود 2 / 142 برقــــم ( 1442)، والنسائي 2 / 201 - 202 برقم
(1073، 1074 ) وابن حبان 5 / 323 برقم (1986).)
ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام
مۇسلىم ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ مۇنداق رىۋايەت قىلغان (ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ
جامائەتكە):«مەن سىلەرگە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى
ۋەسسەللەمنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ بېرىمەن دېدى. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پېشىن،
خۇپتەن ۋە مابدات نامىزىنىڭ ئاخىرقى رەكئىتىدە ‹سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە› دەپ رۇكۇدۇن
تۇرۇپ قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇدى. دۇئادا ئاللاھتىن مۇسۇلمانلارغا ياردەم، كاپىرلارغا لەنەت
تىلىدى.»( أخرجه أحمد 2 / 255، 337، 470، والبخاري 1 /
193، ومسلم 1 / 468برقم (676)، وأبو داود 2 / 141 برقم (1440)، والنسائي 2 / 202
برقم 1075، والبيهقي 2 / 198.)
ئىمام ئەھمەد ۋە ئەبۇ
داۋۇد ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم پېشىن، ئەسىر، شام،
خۇپتەن ۋە بامدات نامىزىدا بىر ئاي قۇنۇت ئوقۇدى. قۇنۇتنى ‹سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدە›
دەپ رۇكۇدىن تۇرغاندىن كېيىن ئوقۇدى. دۇئاسىدا بەنۇ سۇلەيم، رىئل ۋە زەكۋان قەبىلىلىرىگە
(ھالاكەت تىلەپ) بەددۇئا ئوقۇدى. (رەسۇلۇللاھنىڭ دۇئاسىغا) جامائەت ‹ئامىن› دېدى.»(أخرجه أحمد 1 / 301 -302، وأبو داود 2 / 143
برقم (1443) .)
Yorumlar
Yorum Gönder