ناچار قىلمىشلار بايان قىلىنغان ھەدىسلەر

ناچار قىلمىشلار بايان قىلىنغان ھەدىسلەر
(ھەدىسلەر كۈنسېرى كۆپىيىپ ماڭىدۇ ئىنشائاللاھ)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بەرگەن ھەدىيەسىدىن يېنىۋالغان كىشى ئۆزىنىڭ قۇسۇقىنى يېگەن ئىتقا ئوخشاش.» (بۇخارى 2622؛ مۇسلىم 1622)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ ۋە ئاللاھقا ھېچنېمىنى شېرىك قوشمىغان ھەر بىر بەندە مەغفىرەت قىلىنىدۇ. بىراق دىنىي قېرىندىشى بىلەن ئارىسىدا دۈشمەنلىك-ئاداۋەت بولغانلار مەغفىرەت قىلىنمايدۇ. ئاللاھ ئۇلار توغرىسىدا پەرىشتىلەرگە شۇنداق دەيدۇ: بۇ ئىككىسىنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىنى يارىشىپ قالغانغا قەدەر كېچىكتۈرۈڭلار.» (مۇسلىم 4652)

Yorumlar