ئاياللارنىڭ يۈز يېپىشى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر


ئاياللارنىڭ يۈز يېپىشى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر

فۇرقان دەئۋەت مەركىزى تەييارلىدى

ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن:«بىز نامەھرەم ئەرلەرنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى ياپاتتۇق.»(سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 4-203، ھاكىم ‹مۇستەدرەك› 1-جىلد،624-بەت؛ ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن، ئىمام زەھەبى بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھلىكىگە قوشۇلغان. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانى ‹جىلبابۇل مەرئەتىل مۇسلىمە› دە ناملىق ئەسەردە سەھىھ دېگەن)

فاتىمە بىتنى مۇنزىر رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:«بىز ھەجگە ئىھرام باغلاپ يۈزىمىزنى ياپاتتۇق. ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكر بىز بىلەن بىللە ئىدى.»(ھاكىم مۇستەدرەك 1\454؛ ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس دېگەن؛ ئەلبانى ۋە باشقا مۇھەددىسلەر سەھىھ دېگەن؛ ئىمام مالىك بۇ ھەدىسنى «مۇۋەتتا مالىك» نىڭ ھەج كىتابىدا نەقىل قىلغان، ئىمام مالىكنىڭ نەزىرىدە ئىسنادى شەكسىز سەھىھ)رواه مالك عن فاطمة بنت المنذر قالت: كنا نخمر وجوهنا ونحن محرمات، ونحن مع أسماء بنت أبي بكر، وهذا الحديث صححه الألباني وغيره، وإسناده صحيح بلا شك عند مالك

ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە يۈزىمىزنى قوڭۇر رەڭ نىقابتا ياپاتتۇق.»(ئەبۇ داۋۇد311؛ تىرمىزى 139؛ بۇ ھەدىسنى ئەلبانى سەھىھ تىرمىزىدا ھەسەن سەھىھ دېگەن؛ ئىبنى ماجە 536؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجەدە ھەسەن سەھىھ دېگەن؛ ئىمام زەھەبى تەنھىقۇل تەھققىق‹1\91› دە سەنەدى ياخشى دېگەن) (كانت النفساءُ تَجْلِسُ على عهدِ رسولِ اللهِ صلى الله عليه وسلم أربعين يومًا ، فكنا نُطْلِي وجوهَنا بالوَرْسِ مِن الكَلَفِ)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشى ئەۋرەتتۇر، ئەگەر ئۇ سىرتقا چىقسا شەيتان ئۇنى كۈتۈۋالىدۇ.» (تىرمىزى 1173؛ سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 3-93؛ ئىبنى ھىببان 2-412؛ تەبرانى ‹ئەلكەبىر› 10115؛ تەبرانى ‹ئەلئەۋسەت› 8096؛ ئىبنى ئەدىي ‹ئەل كامىل› 3-423؛ سۇيۇتى‹جامىئۇسسەغىر› دە سەھىھ دېگەن؛ ئەلبانى «سەھىھۇل جامىئ» تا سەھىھ دېگەن)

خەيبەر فەتھىدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەفىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى نىكاھلاپ ئالدى. كىشىلەر توي زىياپىتىدىن كېيىن «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ چوكاننى نىكاھلاپ ئالغانمىدۇ ياكى دېدىكى قىلغانمىدۇ؟ ئەگەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ يۈزىنى ياپسا، نىكاھلاپ ئالغان بولىدۇ. يۈزىنى ياپمىسا، دېدىكى قىلغان بولىدۇ» دېيىشتى.
    
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلاغقا مىنىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈزىنى ياپتى، ئۇ چوكان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئارقىسىغا مىنگەشتى. كىشىلەر بۇنىڭدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇ چوكاننى نىكاھلاپ ئالغانلىقىنى ئۇقتى. مەدىنىگە يېقىنلاشقاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆگىنى چاپتۇردى، بىزمۇ ھەم چاپتۇردۇق. توساتتىن تۆگە تېيىلىپ كېتىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئايالى بىلەن بىرگە تۆگىدىن يىقىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئايالىنىڭ يۈزىنى ياپتى. ئاياللار بۇ ئىشنى كۆرۈپ «ئاللاھ بۇ يەھۇدىي خوتۇننى (بىزدىن) يىراق قىلغاي!» دېيىتشى. (مۇسلىم 1365-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇ ھەدىسنىڭ باش قىسىمى بۇخارى 2235-نومۇرلۇق ھەدىستىمۇ بايان قىلىنغان)

ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەجگە ئېھرام باغلىغان ئايال نىقاب ۋە پەلەي كەيمىسۇن.»(بۇخارى-ھەج كىتابىدا؛ مۇسلىم-ھەج كىتابىدا؛ ئەبۇ داۋۇد-ھەج كىتابىدا؛ مالىك-ھەج كىتابىدا نەقىل قىلغان)
 ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەجگە ئېھرام باغلىغان ئايالنىڭ يۈزىگە نىقاب تاقىشىنىڭ، قولىغا پەلەي كىيىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى سەھىھ ھەدىستە ئىسپاتلانغان.
يۇقارقى ھەدىستىن ھەجگە ئېھرام باغلىمىغانلىكى ھۆر مۆمىنە ئاياللارنىڭ ھەجدىن سىرتقى چاغلاردا نىقاب ۋە پەلەي كىيىدىغانلىقى (رەسۇلۇللاھنىڭ تىلى بىلەن) ئوچۇق مەلۇملۇق، بۇنىڭدىن (پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدىلا) ئاياللارنىڭ ئادەتتە نىقاب ۋە پەلەي كىيىدىغانلىقى ئومۇملاشقانلىقى ئېنىق. بۇ ھەدىستىن يەنە، ئۇلارنىڭ يۈزى ۋە قولىنى ياپىدىغانلىقى بىلنىشىگلىك.(ئىمام ئىبنى تەيمىييە «مەجمۇئۇل پەتىۋا» 15-جىلد، 371-، 372-بەتلەر)
بۇ ھەدىس پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىپ، قولىغا پەلەي كىيىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا، ئاياللار ھەجدە نامەھرەملەر ئالدىدا يۈزىنى ئېچىۋېتەمدۇ؟ ياق، ئوخشاشلا ياپىدۇ.
تۆۋەندىكى ھەدىس بۇنىڭغا دەلىلدۇر:

مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە ئېھرامدىكى چېغىمىزدا يولۇچىلار يېنىمىزدىن ئۆتەتتى. ئۇلار يېقىنلاپ كەلگەندە بىز جىلبابىمىزنى چۈشۈرۈپ يۈزىمىزنى يېپىۋالاتتۇق. ئۇلار ئۆتۈپ كەتكەندە يۈزىمىزنى ئاچاتتۇق. (ئەبۇ داۋۇد 1833؛ ئىبنى ماجە 2935؛ بۇ ھەدىسنى ئىمام ئىبنى خۇزەيمە ‹سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە› 4-203 تە سەھىھ دېگەن، ئەلبانى ‹جىلبابۇل مەرئەتىل مۇسلىمە› دە سەھىھ دېگەن) (بۇ ھەدىستىن مەلۇمكى، ساھابە ئانىلىرىمىز ھەجدىمۇ نامەھرەم بار يەردە يۈزىنى يېپىۋېلىپ، نامەھرەم بولمىسا يۈزىنى ئاچقان. ئادەتتىكى چاغلاردا يۇقارقى ھەدىسلەردىكىدەك يۈزىنى ياپقان.)


مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«ئاللاھ دەسلەپكى مۇھاجىر ئايال ساھابىلەرگە رەھمەت قىلسۇن. {لېچىكىنى ياقىسىدىن چۈشۈرسۇن}(24:31) دېگەن ئايەت نازىل بولغاندا، ئۇلار كىيىمى (نىڭ پۇچقىقى) نى يىرتىپ، (فاختمرن بھا) شۇنىڭ بىلەن ئۈستى-بېشىنى ئورىدى.»(بۇخارى 3458)


يەنە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«{لېچىكىنى ياقىسىدىن چۈشۈرسۇن}(24:31) ئايىتى نازىل بولغاندا، ئاياللار كىيىمىنىڭ پۇچقىقىنى يىرتتى ۋە (فاختمرن بھا) ئۇنىڭ بىلەن ئۈستى-بېشىنى ئورىدى.»(بۇخارى 4759)
مۇھەددىسلەر پېشىۋاسى ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇخارىنىڭ شەرھى فەتھۇلبارى (9-439) دا ھىجاب ئايىتى شەرىھلەپ مۇنداق دېگەن: (اختمەرن)«ئىختەمەرنە» نىڭ مەنىسى ـــ ‹ئاياللار يۈزىنى ياپتى› دېگەنلىكتۇر.

    ئىمام ئەبۇ داۋۇد «سۇنەن ئەبۇ داۋۇد» ناملىق ئەسىرىدە مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: (عَنْ أُمِّ سَلَمَةَ قَالَتْ : لَمَّا نَزَلَتْ يُدْنِينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَابِيبِهِنَّ خَرَجَ نِسَاءُ الْأَنْصَارِ كَأَنَّ عَلَى رُءُوسِهِنَّ الْغِرْبَانَ مِنْ الْأَكْسِيَةِ) «‹...جىلبابلىرى بىلەن بەدىنىنى ئورىسۇن...›(سۈرە ئەھزاب، 59-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى) ئايىتى نازىل بولغاندا، ئەنسارىيلارنىڭ خانىم-قىزلىرى بەئەينى بېشىدا قاغا باردەك ھالەتتە كىيىنىپ چىقىشتى.»(سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 4101-ھەدىس؛ ئەلبانى ۋە باشقىلار سەھىھ دېگەن)
«سۇنەن ئەۋبۇ داۋۇدنىڭ شەرھى ئەۋنۇل مەئبۇد» دېگەن ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇلارنىڭ پۈركەنجىلىرىنىڭ قاغىغا ئوخشىتىلىشىدىكى سەۋەب، پۈركەنجىلىرىنىڭ رەڭگىنىڭ قارا بولغانلىقىدىندۇر
 پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى مۇنداق دېگەن: بۇ ھەدىستىن ساھابە خانىم-قىزلارنىڭ قارا رەڭلىك كىيىم كىيگەنلىكى بىلىنىدۇ. (پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى 17\110)
  پەتىۋا كومېتىتى ئالىملىرى بۇ ھەقتە يەنە مۇنداق دېگەن: مۇسۇلمان ئايالنىڭ لىباسىنىڭ قارا رەڭدە بولۇشى شەرت ئەمەس. مۇسۇلمان خانىم-قىزلارغا ماس بولمىغان رەڭدە بولماسلىق، يات ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماسلىقى ۋە پىتنىگە سەۋەب بولماسلىقى شەرتى بىلەن، خالىغان رەڭدىكى كىيىمنى كىيسە بولىدۇ. كۈنىمىزدە كۆپلىگەن مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ قارا رەڭلىك كىيىمنى تاللاپ كىيىشىدىكى سەۋەب، قارا رەڭدە كىيىشنىڭ شەرت بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ خىل كىيىملەرنىڭ زىننەتلەردىن يىراق بولغانلىقىدىندۇر. ساھابە خانىم-قىزلارنىڭ قاراڭ رەڭلىك كىيىم كىيگەنلىكى بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەر مەۋجۇتتۇر. (پەتىۋا كومېتىتى بۇ سۆزىگە يۇقاردا بىز بايان قىلغان، ئەبۇ داۋۇدنىڭ 4101-ھەدىسىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن.) (پەتىۋ كومېتىتى پەتىۋالىرى 17\109)
   زامانىمىزنىڭ مەشھۇر مۇپتىلىرىدىن پەزىلەتلىك شەيخ مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئايال كىشىنىڭ ھىجابىنىڭ رەڭگىنىڭ قارا رەڭلىك بولۇشى شەرت ئەمەس. بىراق، (بەدەننى) يېپىشتا قارا رەڭ ئەڭ ياخشىدۇر.(ئىسلام-سوئال جاۋابلىرى پەتىۋا تورىنىڭ 898-نومۇرلۇق پەتىۋاسىنىڭ بىر قىسىمى)


ئىمام بۇخارى «سەھىھۇل بۇخارى» ناملىق ئەسىرىنىڭ تەپسىر بۆلۈمىدە، ئائىشە ئانىمىزغا بۆھتان چاپلىنىش ۋەقەسى توغرىسىدىكى ھەدىسنى ئائىشە ئانىمىزدىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ھەدىسنىڭ باش قىسىمىدا ئائىشە ئانىمىزنىڭ تىلىدىن «ھىجاب ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە سەپەرگە چىقتىم» دەپ كەلگەن. ئائىشە ئانىمىز بۇ ئۇزۇن ھەدىسنىڭ بىر بۆلىكىدە مۇنداق دېگەن:
«... قوشۇن قوزغالغاندىن كېيىن مۇنچىقىمنى تاپتىم ۋە ئەسكەرلەر چۈشكۈن قىلغان جايغان قايتىپ كەلدىم. بىراق، ئەمدىلىكتە بۇ يەردە ھېچكىم قالمىغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى ئۆزۈم قوشۇن بىلەن چۈشكەن ئورۇنغا قاراپ ماڭدىم. قوشۇن مېنى ئالماستىن كېتىپ قالغىنىنى بىلىپ قايتىپ كېلىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇيقۇم كېلىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن. سەفۋان ئىبنى مۇئەتتەل سۇلەمى ـــ كېيىن ئەززەۋكانى دەپ ئاتالغان ـــ ئادەتتە قوشۇننىڭ ئارقىسىدىن كېلەتتى. سەفۋان كېچىچە يول يۈرۈپتۇ، تاڭ سەھەردە مەن بار جايغا يېتىپ كەپتۇ. ئۇخلاۋاتقان بىرىنىڭ قارىسىنى يىراقتىن كۆرۈپتۇ. ئاندىن، يېقىنلاپ كېلىپ مېنى كۆرۈپ تونۇپتۇ. ئۇنىڭ مېنى كۆرۈپ تونۇيالىشىدىكى سەۋەب، ئۇ ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى مېنى كۆرگەن ئىدى. ئۇ مېنى تونۇپ «ئىننە لىللاھى ۋەئىننە ئىلەيھى راجىئۇن» دېيىشى بىلەن مەن ئويغىنىپ كېتىپ،(فخمرت وجهي بجلبابي) جىلبابىم بىلەن يۈزۈمنى يېپىۋالدىم. ئاللاھقا قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ مەن بىلەن بىر ئېغىزمۇ پاراڭلاشمىدى. مەن (شۇ ۋاقىتتىن تاكى قوشۇنغا يېتىشكۈچە) ئۇنىڭدىن ‹ئىننە لىللاھى ۋەئىننە ئىلەيھى راجىئۇن› دېگىنىدىن باشقا گەپنى ئاڭلىمىدىم. سەفۋان تۆگىنى چۆكتۈرۈپ، تۆگىنىڭ ئالدى پۇتىغا دەسسەپ تۇردى. مەن تۆگىگە مىندىم. (ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ رىۋايىتىدە:‹سەفۋان ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرىدى. ئاندىن، تۆگىسىنى ئۇنىڭغا يېقىنلاشتۇردى.›) (ئائىشە ئانىمىز سۆزىنى داۋام قىلىپ شۇنداق دەيدۇ:) سەفۋان ئالدىمدا تۆگىنى يېتىلەپ ماڭدى. چىقچى چۈش بولغاندا، كۈننىڭ ھارارىتى سەۋەبلىك ئارام ئالغىلى چۈشكەن قوشۇنغا يېتىشتۇق. مانا مۇشۇ چاغدا ھالاك بولغانلار ھالال بولدى. بەتنامنىڭ باشچىسى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي، ئىبنى سەلۇل ئىدى...»(سەھىھۇل بۇخارى 4750-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ بىر قىسىمى)
مۇھەددىس-فەقىھ ئىمام ئىبنى ھەجەر سەھىھۇل بۇخارىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق تەپسىرى ھېسابلانغان «فەتھۇلبارى» دا بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن:
بۇ ھادىسە (يەنى ئائىشە ئانىمىزغا بۆھتان چاپلىنىش ۋەقەسى) ئاللاھ تائالانىڭ ھىجاب بۇيرۇقىدىن كېيىن يۈز بەرگەن. «ھىجابلىنىش»(ئورىنىش) تىن مەقسەد ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىشىدۇر. ھىجاب ئايىتىدىن ئىلگىرى ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ قېلىشىدىن ساقلانمايتتى.
ئىبنى ھەجەر يەنە مۇنداق دېگەن: ئاياللار ھىجابنىڭ ئىچىدە بولغان تەقدىردە، ئەرلەر ئۇلارغا خىزمەت قىلسا بولىدۇ.(بۇنى دېيىشتە ئائىشە ئانىمىزنىڭ تۆت ئەتراپى پۈتۈنلەي لاتا بىلەن قورشالغان چىمىدلىق ئىچىدە تۆگە ئۈستىدە سەپەر قىلغانلىقىنى، بىر تۈركۈم ساھابىلەرنىڭ چىمىلدىقنى كۆتۈرۈپ تۆگە ئۈستىگە قويۇپ، ئائىشە ئانىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتماقتا.)
ئىبنى ھەجەر يەنە مۇندا مۇنداق دېگەن: نامەھرەم بىرى ئۆزىگە قارىغان (قاراش ئېھتىماللىقى بولغان) ئەھۋالدا ئايال كىشى يۈزىنى يېپىشى كېرەك.
ئىبنى ھەجەر يەنە بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن: ھىجاب ئايىتى ئەبۇ ئۇبەيدە ۋە بىر بۆلۈك مۇپەسسىرلەرنىڭ نەزىرىدە ھىجىرىيەنىڭ ئۈچىنچى يىلى، زۇلقەئدە ئېيىدا نازىل بولغان.

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«بىرىڭلار بىرەر ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى جەلپ قىلىدىغان تەرەپلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولغان تەقدىردە، ئۇنى كۆرۈشكە تىرىشسۇن!» دېدى. مەن بىر قىزنى نىكاھىمغا ئالماقچى بولدۇم ۋە يۇشۇرىۋېلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ۋە نىكاھىمغا ئېلىشقا تۈرۈتكە بولغان تەرەپلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن (ئۇنى) نىكاھمىغا ئالدىم. (ئەبۇ داۋۇد:2082؛ ئەلبانى ‹ھەسەن› دېگەن؛ جەمئۇلفەۋائىد 4104-نومۇرلۇق ھەدىس)
بۇ ھەدىستىنمۇ ئوخشاشلا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە قىز ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپىدىغانلىقى ئېنىقلىشىدۇ. چۈنكى، ئەگەر قىز ئاياللار يۈزىنى ياپمايدىغان بولسا جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆزى ئالماقچى بولغان قىزنى مۆكۈپ تۇرۇپ كۆرۈۋېلىشىغا ئورۇن قالمىغان، بەلكى ئوچۇق ئاشكارا كۆرگەن بولاتتى.

ئادەتتە يۈزىنى ياپىدىغان مۇئمىنە قىز ئاياللار نامەھرەملەر بولۇشى ئېھتىمالى يوق جايلاردا يۈزىنى ئېچىۋېتىدۇ. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئالماقچى بولغان قىزمۇ نامەھرەم يوق دەپ قاراپ يۈزىنى ئېچىۋېتىپ يۈرگەن بىر ھالەتتە مۆكۈپ تۇرۇپ چاندۇرماستىن ئۇ قىزنى كۆرۈۋالغان. نامەھرەم بار جايدىمۇ يۈزىنى ئېچىۋېتىدىغان بولسا، يوشۇرۇنۇپ تۇرۇپ كۆرۈۋېلىشقا ھاجەت قالمىغان بولاتتى.


ھىجرەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا ـــ ھىجاب ئايىتى نازىل بولۇشتىن ئىلگىرى ـــ ئاياللارنىڭ يۈزىنى ياپمايدىغانلىقى، ئەرلەرنىڭ ئۇلارغا قارايدىغانلىقىغا دەلىل:

ئىبراھىم ئىبنى سەئد دادىسىدىن، ئۇ چوڭ دادىسىدىن مۇنداق ھەدىس بايان قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەدىنىگە كەلگەندە ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف بىلەن سەئد ئىبنى رابىئەنى قېرىنداش قىلىپ قويدى. سەئىد ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «مەن ئەنسارىلار ئارىسىدا ئەڭ مالدار ئادەممەن. مېلىمنى ئىككىگە بۆلۈپ (يېرىمىنى ساڭا بېرىمەن)؛ ئىككى ئايالىم بار. قارىغىن، قايسىسىنى بەك ياقتۇرساڭ ماڭا دېگەن، مەن ئۇنى تالاق قىلاي. ئىددىتى توشقاندا ئۇنى نىكاھلاپ ئالساڭ بولىدۇ» دېدى.
ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف «ئاللاھ ئائىلەڭگىمۇ، مېلىڭغىمۇ بەرىكەت بەرسۇن. بازىرىڭلار نەدە؟» دېدى.
ئۇنىڭغا بەى قەينۇقانىڭ بازىرىنى كۆرسىتىپ قويدى. ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف بازاردىن بىر ئاز پىشلاق ۋە ياغ بىلەن قايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بازارغا ئەتىگە بېرىشنى داۋاملاشتۇردى. كۈنلەردىن بىرىدە ئۇچىسىدا زەفران ئىزى بولغان ھالەتتە (رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا) كەلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «نېمە ئىش بولدى؟» دېۋىدى، ئابدۇرراھمان «ئۆيلەندىم» دېدى. رەسۇلۇللاھ «ئايالىڭغا قانچىلىك مەھر ھەققى بەردىڭ» دەپ سورىۋىدى، ئابدۇرراھمان «بىر چېكەتكىچىلىك كېلىدىغان ئالتۇن» (ياكى چېكەتكە ئېغىرلىقىچىلىك كېلىدىغان ئالتۇن) دېدى.(راۋىي ئىبراھىم ھەدىس بايان قىلغان بۇ جەھەتتە ئىككىلىنىپ قالدى.) (بۇخارى 3780) [فەتھۇلبارى: سەئد ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوھۇد كۈنى شەھىد بولدى.]
ھەدىستە، سەئىد ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ«... ئىككى ئايالىم بار. قارىغىن، قايسىسىنى بەك ياقتۇرساڭ ماڭا دېگىن، مەن ئۇنى تالاق قىلاي. ئىددىتى توشقاندا ئۇنى نىكاھلاپ ئالساڭ بولىدۇ» دېگەن ئابدۇرراھمان ئەۋفكە ئايالىغا قاراشنى تەۋسىيە قىلغان. ھەم، قاراشتىكى مەقسەدنىڭ ياقتۇرۇش ئۈچۈن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ھەدىستىكى بۇ ۋەقەلىك رەسۇلۇللاھ مەدىنىگە يېڭى ھىجرەت قىلغان چاغ ئىدى. بۇ دەۋردە مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ھېچبىرى يۈزىنى ياپمايتتى. بۇ ھەدىس ھىجرەتتىن ئىلگىرى ئاياللارنىڭ  يۈزىنى ياپمايدىغانلىقىغا ئېنىق دەلىل بولىدىۇ. ئۈستىدىكى باشقا ھەدىسلەر بولسا ھىجاب ئايىتى نازىل بولغاندىن كېيىن ھۆر مۆمىنە ئاياللارنىڭ بىردەك يۈزىنى ياپقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.. بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھىجاب ئايىتىدىن كېيىن تولۇق ھىجابلىنىش، يۈزنى قوشۇپ يېپىش پەرز بولغان. ھىجاب ئايىتى ھىجرەتنىڭ ئۈچىنچى يىلى نازىل بولغان.
ئايال كىشىنىڭ يۈزى ئوچۇقلىقىنى ئېنىق كۆرسەتكەن ھەر قانداق سەھىھ ھەدىس ھىجاب ئايىتىدىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.




ئايال كىشىنىڭ نامەھرەم بار يەردە يۈزىنى ۋە قولىنى ئېچىشى ھارام

 پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 10118-نومۇرلۇق پەتىۋاسى





    ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئەرلەر ئالدىدا يۈزى ۋە قولىنى يېپىشى پەرز. ئاياللارنىڭ نامەھرەم ئالدىدا يۈزى ۋە قولىنى ئېچىشى ھارام. [ تغطية المرأة وجهها وكفيها عن الرجال الأجانب واجب، ويحرم عليها كشفهما لغير محارمهاوبالله التوفيق، وصلى الله على نبينا محمد وآله وصحبه وسلم.](پەتىۋا كومېتىتىنىڭ 10178-نومۇرلۇق پەتىۋاسى)[پەتىۋا بەرگۈچى ئالىملار: ئىككى ھەرەمنىڭ ئۇستازى، پازىل ئۆلىما ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز (ۋاپاتى: ھ-1420، م-1999)؛ ئابدۇررازاق ئەفىفىي؛ ئابدۇللاھ ئىبنى غۇدەييان.]


ئاياللارنىڭ يۈز ۋە قولىنىڭ ئەۋرەت ئەمەسلىكىگە ئىشارەت قىلغان ھەدىس بەك زەئىپ

سوئال: «قىز بالا بويىغا يەتسە، ئۇنىڭ يۈزى بىلەن قولىدىن باشقا يېرىنىڭ (نامەھرەم بار يەردە) ئوچۇق بولۇشى دۇرۇس ئەمەس» دېگەن ھەدىس سەھىھمۇ يوق؟
جاۋاب: بۇ ھەقتىكى ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد (4104) ۋەلىدتىن، ئۇ سەئىد ئىبنى بەشىردىن، ئۇ قەتادەدىن، ئۇ خالىد ئىبنى دۇرەيكتىن، ئۇ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان بولۇپ: ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھا نېپىز كىيىم بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كىرىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرۈۋېلىپ «ئى ئەسما! قىز بالا بالاغەتكە يەتسە بۇنىڭ بىلەن بۇنى (نامەھرەمگە) كۆرسىتىشى دۇرۇس ئەمەس» دەپ يۈزى بىلەن قولىغا ئىشارەت قىلىدۇ. (ئەبۇداۋۇد 4104)[عن الْوَلِيدُ عَنْ سَعِيدِ بْنِ بَشِيرٍ عَنْ قَتَادَةَ عَنْ خَالِد بْنِ دُرَيْكٍ عَنْ عَائِشَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهَا أَنَّ أَسْمَاءَ بِنْتَ أَبِي بَكْرٍ دَخَلَتْ عَلَى رَسُولِ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَعَلَيْهَا ثِيَابٌ رِقَاقٌ فَأَعْرَضَ عَنْهَا رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَقَالَ : يَا أَسْمَاءُ إِنَّ الْمَرْأَةَ إِذَا بَلَغَتْ الْمَحِيضَ لَمْ تَصْلُحْ أَنْ يُرَى مِنْهَا إِلا هَذَا وَهَذَا - وَأَشَارَ إِلَى وَجْهِهِ وَكَفَّيْهِ.- رواه أبو داوود (4104)]
ئىمام ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ ئارقىسىدىن: بۇ ھەدىس مۇرسەل. ھەدىس راۋىيسى خالىد ئىبنى دۇرەيك ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆرمىگەن، دېگەن.
بۇ ھەدىس زەئىپتۇر، دەلىلگە يارىمايدۇ. ھەدىسنىڭ زەئىپلىك سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە:
(1) ھەدىسنىڭ ئىسنادى ئۈزۈك (يەنى بۇ ھەدىس مۇنقەتىئ). ئىمام ئەبۇ داۋۇد «بۇ ھەدىس مۇرسەل. ھەدىس راۋىيسى خالىد ئىبنى دۇرەيك ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى كۆرمىگەن» دېگەن.
(2) بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە سەئىد ئىبنى بەشىر ئەل ئەزدى ـــ ئەبۇ ئابدۇرراھمان بار. بەزى ھەدىس ئالىملىرى ئۇنى ئىشەنچىلىك دېگەن بولسىمۇ. ئىمام ئەھمەد، ئىبنى مەئىن، ئىبنى مەدىنىي، نەسائىي، ھاكىم ۋە ئەبۇ داۋۇد قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى ئۇنىڭدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىسلەرنى زەئىپ دېگەن.
مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى نۇمەير ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ ھەدىسى ئىنكار قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ھەدىسلىرى ھېچنېمىگە يارىمايدۇ، ھەدىس رىۋايىتىدە ئىنشەچىلىك ئەمەس. ئۇ قەتادەدىن مۇنكەر رىۋايەتلەرنى نەقىل قىلغان.
ئىمام ئىبنى ھىببان ئۇ توغرۇلۇق مۇنداق دېگەن: ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ناچار، رىۋايىتىدە چوڭ خاتالىقلارنى سادىر قىلىدۇ.
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئۇنى «زەئىپ» دېگەن.
(3) بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە (يۇقارقىدە زەئىپ راۋىيلاردىن باشقا) يەنە قەتادە بولۇپ، ئۇ مۇدەللەستۇر. ئۇ بۇ ھەدىسنى باشقىسىدىن ئاڭلىغانلىقى توغرۇلۇق ئېنىق سۆز قىلمىغان. بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە يەنە ۋەلىد ئىبنى مۇسلىم بار. ئۇ توغرۇلۇق ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: ئۇ ئىشنەنچىلىك، ئەمما ئوخشاشلا مۇدەللەس. ئۇ بۇ ھەدىسنى باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىقىنى ئېنىق بايان قىلمىغان.
ھەدىس سەنەدىدە مانا مۇشۇنداق نەچچىلىگەن ئىللەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەدىس زەئىپ ھەدىستۇر.(انظر فتاوى اللجنة الدائمة ( مجلة البحوث 21/68))
ئائىشە ئانىمىزنىڭ سۆزلىگەنلىكىگە نىسبەت بېرىلگەن يۇقارقى زەئىپ ھەدىس توغرىسىدا ئىمام ئىبنى مۇنزىر مۇنداق دېگەن: شۇنداقلا بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرىدىن سەئىد ئىبنى بەشىر ئەبۇ ئابدۇراھمان بۇسرى ھەققىدە بىردىن كۆپ سەلبىي باھا مەۋجۇت.[ قال ابن القطان : ومع هذا فخالد مجهول الحال ، قال المنذري : وفيه أيضا سعيد بن بشير أبو عبد الرحمن البصري نزيل دمشق مولى بني نضر ، تكلم فيه غير واحد-][نصب الراية في تخريج أحاديث الهداية-412]
شەيخ بىن باز بۇ ھەدىسنى بىر نەچچە جەھەتتىن بەك زەئىپ دەپ باھالىغان.[ وأنه ضعيف جداً من وجوه كثيرة...]بىن بازنىڭ بۇ ھەدىسكە پەتىۋاسى: https://www.binbaz.org.sa/noor/2684

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر