نىكاھلىنىشقا ئالاقىدار ھەدىسلەر
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
(ھەدىسلەر كۈنسېرى موللىشىپ ماڭىدۇ)
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر-بىرىڭلارنىڭ
سودىسى ئۈستىگە سودا قىلماڭلار. دىنىي قېرىندىشىڭلار ئەلچى ئەۋەتكەن قىزنىڭ ئۈستىگە
ئەلچى ئەۋەتمەڭلار. پەقەت، باشتا ئەلچى بولغان دىنىي قېرىندىشى ئۇنىڭ (ئەلچى ئەۋەتىشىگە)
رازىلىق بەرگەندىلا (ئەلچى ئەۋەتىشى) رۇخسەت.»(بۇخارى 5142؛ مۇسلىم1412؛
رىيازۇس سالىھىن 17880)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (تُنْكَحُ الْمَرْأَةُ لِأَرْبَعٍ : لِمَالِهَا ، وَلِحَسَبِهَا ، وَلِجَمَالِهَا ، وَلِدِينِهَا ، فَاظْفَرْ بِذَاتِ الدِّينِ تَرِبَتْ يَدَاكَ)«ئايال كىشى تۆت نەرسىسى سەۋەبلىك نىكاھلاندۇرۇلىدۇ: مال-مۈلۈكى، نەسەبى، گۈزەللىكى ياكى دىنى. قولۇڭ توپىغا مىلەنگەن تەقدىردىمۇ دىندار ئايالنى تاللىغىن.»(بۇخارى 4802؛ مۇسلىم 1466)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر كىشى بىر ئايالغا (نىكاھلىنىپ) ئۇنىڭغا بىر چاڭگال يېمەكلىكنى مەھر ھېسابىدا بەرسە، ئايال كىشى ئۇ ئەرنىڭ ھالال خوتۇنى بولىدۇ.»(ئەھمەد 3\355؛ داراقۇتنىي 2\243؛ خاتىپ-تارىخۇل باغداد-6\365؛ بەيھەقى 7\238؛ سەھىھ ھەدىس)[تەپسىلاتى-كومېتىت-19\80]
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«بىرىڭلار بىرەر ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى جەلپ قىلىدىغان تەرەپلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولغان تەقدىردە، ئۇنى كۆرۈشكە تىرىشسۇن!» دېدى. مەن بىر قىزنى نىكاھىمغا ئالماقچى بولدۇم ۋە يۇشۇرىۋېلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ۋە نىكاھىمغا ئېلىشقا تۈرۈتكە بولغان تەرەپلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن (ئۇنى) نىكاھمىغا ئالدىم. (ئەبۇ داۋۇد:2082؛ ئەلبانى ‹ھەسەن› دېگەن؛ جەمئۇلفەۋائىد 4104-نومۇرلۇق ھەدىس)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار بىرەر ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى جەلپ قىلىدىغان تەرەپلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولغان تەقدىردە، ئۇنى كۆرۈشكە تىرىشسۇن!» دېدى. (بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ) مەن بىر قىزنى نىكاھىمغا ئالماقچى بولدۇم ۋە يۇشۇرىۋېلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ۋە نىكاھىمغا ئېلىشقا تۈرۈتكە بولغان تەرەپلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن (ئۇنى) نىكاھمىغا ئالدىم. (ئەبۇ داۋۇد:2082؛ ئەلبانى ‹ھەسەن› دېگەن؛ جەمئۇلفەۋائىد 4104-نومۇرلۇق ھەدىس)

خەيبەر فەتھىدىن كېيىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەفىيە (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) نى نىكاھلاپ ئالدى. كىشىلەر توي زىياپىتىدىن كېيىن «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ چوكاننى نىكاھلاپ ئالغانمىدۇ ياكى دېدىكى قىلغانمىدۇ؟ ئەگەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭ يۈزىنى ياپسا، نىكاھلاپ ئالغان بولىدۇ. يۈزىنى ياپمىسا، دېدىكى قىلغان بولىدۇ» دېيىشتى.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلاغقا مىنىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈزىنى ياپتى، ئۇ چوكان پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئارقىسىغا مىنگەشتى. كىشىلەر بۇنىڭدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇ چوكاننى نىكاھلاپ ئالغانلىقىنى ئۇقتى. مەدىنىگە يېقىنلاشقاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆگىنى چاپتۇردى، بىزمۇ ھەم چاپتۇردۇق. توساتتىن تۆگە تېيىلىپ كېتىپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئايالى بىلەن بىرگە تۆگىدىن يىقىلغانىدى، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئايالىنىڭ يۈزىنى ياپتى. ئاياللار بۇ ئىشنى كۆرۈپ «ئاللاھ بۇ يەھۇدىي خوتۇننى (بىزدىن) يىراق قىلغاي!» دېيىتشى. (مۇسلىم 1365-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇ ھەدىسنىڭ باش قىسىمى بۇخارى 2235-نومۇرلۇق ھەدىستىمۇ بايان قىلىنغان)
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«بىرىڭلار بىرەر ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى جەلپ قىلىدىغان تەرەپلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولغان تەقدىردە، ئۇنى كۆرۈشكە تىرىشسۇن!» دېدى. مەن بىر قىزنى نىكاھىمغا ئالماقچى بولدۇم ۋە يۇشۇرىۋېلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ۋە نىكاھىمغا ئېلىشقا تۈرۈتكە بولغان تەرەپلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن (ئۇنى) نىكاھمىغا ئالدىم. (ئەبۇ داۋۇد:2082؛ ئەلبانى ‹ھەسەن› دېگەن؛ جەمئۇلفەۋائىد 4104-نومۇرلۇق ھەدىس)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«توي قىلىپ باقمىغان قىزنىڭ رازىلىقىسىز نىكاھى قىلىنمايدۇ؛ چوكانغا مەسلىھەت سېلىنماستىن نىكاھى قىلىنمايدۇ.»(بۇخارى 6969)
47-ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«چوكاننىڭ مەسلىھەتى ئېلىنمىغۇچە ئۇنى نىكاھلاشقا بولمايدۇ. توي قىلمىغان قىزنىڭ رازىلىقى ئېلىنمىغۇچە ئۇنى نىكاھلاشقا بولمايدۇ» دېدى. ساھابىلەر «توي قىلمىغان قىزنىڭ رازىلىقى قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇنىڭ رازىلىقى سۈكۈت قىلىشىدۇر» دېدى. (بۇخارى 6970)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىرىڭلار بىرەر ئايالغا ئۆيلەنمەكچى بولسا، ئۇ ئايالنىڭ ئۆزىنى جەلپ قىلىدىغان تەرەپلىرىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولغان تەقدىردە، ئۇنى كۆرۈشكە تىرىشسۇن!» دېدى. (بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغان جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ) مەن بىر قىزنى نىكاھىمغا ئالماقچى بولدۇم ۋە يۇشۇرىۋېلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ۋە نىكاھىمغا ئېلىشقا تۈرۈتكە بولغان تەرەپلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن (ئۇنى) نىكاھمىغا ئالدىم. (ئەبۇ داۋۇد:2082؛ ئەلبانى ‹ھەسەن› دېگەن؛ جەمئۇلفەۋائىد 4104-نومۇرلۇق ھەدىس)
سەھل ئىبنى
سەئد ئەسسائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: مەن بىر بۆلەك كىشىلەر بىلەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ
ھوزۇرىدا ئېدىم، تۇيۇقسىز بىر ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ
ئايال ئۆزىنى سىلىگە تەقدىم قىلدى، سىلى قانداق قارايلا؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام
ئۇ ئايالغا ھېچنەرسە دېمىدى. ئاندىن ئۇ ئايال: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ ئايال ئۆزىنى
سىلىگە تەقدىم قىلدى، سىلى قانداق قارايلا؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ
ئايالغا ھېچنەرسە دېمىدى. ئۈچىنچى قېتىم ئۇ ئايال يەنە: ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بۇ
ئايال ئۆزىنى سىلىگە تەقدىم قىلدى، سىلى قانداق قارايلا؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام
ئۇ ئايالغا ھېچنەرسە دېمىدى. جامائەت ئارىسىدىن بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ: ئى
ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئۇ ئايالنى ماڭا نىكاھلاپ قويسىلا؟، دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام
ئۇ كىشىدىن: سېنىڭ توي قىلغۇدەك بىرەر نەرسەڭ بارمۇ؟ دەپ سورىدى، ئۇ: ياق دېدى. پەيغەمبەر
ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: سەن بېرىپ ئىزدەپ باققىن، تۆمۈر ئۈزۈك چاغلىق بىر نەرسە
بولسىمۇ تېپىپ كەلگىن دېدى. ئۇ كىشى قايتىپ كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ھېچنەرسە
تاپالمىدىم، ھەتتا تۆمۈر ئۈزۈكمۇ تاپالمىدىم دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن:
قۇرئاندىن قانچىلىك بىلىسەن؟ دەپ دورىدى. ئۇ كىشى: مەن پالانى، پالانى سۈرىلەرنى
بىلىمەن دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: بارغىن، مەن ئۇ ئايالنى سەن بىلگەن قۇرئان
ئايەتلىرى بەدىلىگە نىكاھ قىلىپ قويدۇم، دېدى. [بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىي "قۇرئان
كەرىم بەدىلىگە نىكاھلىنىش" دېگەن بۆلۈمدە 5149-نومۇرلۇق ھەدىستە بايان
قىلغان. مۇسلىم رىۋايىتى 1425-ھەدىس].
ھاپىز ئىبنى
ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: قازىي ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ھەدىستىكى
«مەن ئۇ ئايالنى، سەن بىلگەن قۇرئان ئايەتلىرى بەدىلىگە نىكاھ قىلىپ قويدۇم،» دېگەن
سۆزنىڭ ئىككى خىل ئېھتىماللىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئوچۇقراقى: سەن ئۇ ئايالغا قۇرئان كەرىمدىن
بىلگەن سۈرە-ئايەتلىرىڭدىن ئۈگۈتۈپ قويغىن، ياكى مەلۇم مىقداردا ئۈگۈتۈپ قويغىن، بۇ
ئاشۇ ئايالنىڭ تويلۇق مېھرى بولىدۇ، دېگەنلىكتۇر. ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھمۇ بۇ ھەدىسنى
مۇشۇنداق چۈشەندۈرگەن.بۇ ھەدىسنىڭ بەزى سەھىھ ئىسنادلىرى بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ،
سەھىھ رىۋايەتتە: ئۇ ئايالغا سەن بىلگەن سۈرىلەرنى ئۆگەتكىن، دەپ كەلگەن. يەنى قۇرئان
كەرىم ئايەتلىرىدىن سەن بىلگەننى ئۇنىڭغا ئۆگىتىش ئارقىلىق، ئۇنى ئىززەت قىلغىن، چۈنكى
ئۇ ئايال ساڭا قارى ياكى قۇرئاننىڭ بەزىسىنى ياد بىلىدۇ دەپ تويلۇق مېھرى
ئالماستىن ساڭا ياتلىق بولغان دېگەنلىكتۇر.
ئۇممۇ سۈلەيم
بىلەن ئەبۇ تەلھەنىڭ توي قىلىش ۋەقەلىكىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئىمام نەسەئىي رەھىمەھۇللاھ
سەھىھ ئىسناد بىلەن جەئپەر ئىبنى سۇلايماندىن ئۇ كىشى سابىتدىن ئۇ كىشى ئەنەس رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇدىن كەلتۈرگەن ھەدىستە مۇنداق دېيىلىدۇ: ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۈلەيم بىلەن توي
قىلىشنى تەلەپ قىلدى، ئۇممۇ سۈلەيم ئۇنىڭغا: ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ساڭا
ئوخشاش كىشىلەرنىڭ تەلىپى رەت قىلىنمايدۇ، لېكىن سەن كاپىر، مەن مۇسۇلمان، مېنىڭ سەن
بىلەن توي قىلىشىم توغرا بولمايدۇ، ئەگەر ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولساڭ، بۇ مېنىڭ
تويلۇق مېھرىم بولسۇن، سەندىن باشقا نەرسە تەلەپ قىلمايمەن، دەيدۇ. ئەبۇ تەلھە مۇسۇلمان
بولدى، ئەبۇ تەلھەنىڭ ئىسلامغا كىرىشى ئۇممۇ سۇلەيمنىڭ تويلۇق مېھرى بولدى.
ئىمام نەسەئىي
رەھىمەھۇللاھ ئابدۇللاھ ئىبنى ئۈبەيدۇللاھ ئىبنى ئەبى تەلھەدىن ئۇ كىشى ئەنەس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن
كەلتۈرگەن ھەدىستە: ئەبۇ تەلھە ئۇممۇ سۈلەيم بىلەن توي قىلغاندا، ئۇلار ئارىسىدىكى
تويلۇق مېھرى ئىسلام بولغان، دەيدۇ. ئىمام نەسەئىي بۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ،
ئاخىرىدا ئەبۇ تەلھەنىڭ مۇسۇلمان بولىشى، ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدىكى تويلۇق مېھرى
بولغان دەيدۇ.
ئىمام نەسەئىي
رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى: ئىسلامغا كېرىش بەدىلىگە نىكاھلىنىش دەپ چۈشەندۈرگەن. سەھەل
ئىبنى سەئىد ئەسسائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى بولسا: قۇرئان كەرىم
ئايىتىگە ئاساسەن توي قىلىش، دەپ چۈشەندۈرگەن. ئىمام نەسەئىي رەھىمەھۇللاھ
ئىككىنچى ئېھتىماللىقنى كۈچلاندۈرۈشقا مايىل بولغان. [پەتھۇل بارىي 9-توم 212-213-بەتلەرگە
مۇراجىئەت قىلىنسۇن).
Yorumlar
Yorum Gönder