ۋىتىر نامىزى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر
ۋىتىر نامىزى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
نۇقتىلىق سۆزلەر: ۋىتىر نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؛ ۋىتىر نامىزىنى بىر رەكئەت ئوقۇش دۇرۇسمۇ؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىتىر نامىزى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەممۇنداق دېگەن: «ۋىتىر كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئوقۇلىدىغان بىر رەكئەتلىك نامازدۇر.»(مۇسلىم 752-753) * ۋىتىر نامىزىنى بىر رەكئەتلا ئوقۇش دۇرۇس. ۋىتىر نامىزى ئەڭ كامىدا بىر رەكئەتتۇر.(فىقھۇل مۇيەسسەر)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق بايان قىلغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. بۇلارنى قانچىلىك دەرىجىدە مۇكەممەل، قانچىلىك دەرىجىدە ئۇزۇن ئوقۇغانلىقىنى سورىمايلا قوي. ئاندىن يەنە تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. بۇلارنى قانچىلىك دەرىجىدە مۇكەممەل، قانچىلىك دەرىجىدە ئۇزۇن ئوقۇغانلىقىنى سورىمايلا قوي. ئاندىن يەنە ئۈچ رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى.(مۇسلىم 738)
* ۋىتىر نامىزىنى ئۈچ رەكئەت ئوقۇش دۇرۇس.(فىقھۇل مۇيەسسەر)
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما (ۋىتىر نامىزىدا) ئىككى رەكئەتنىڭ ئاخىرىدا سالام بېرەتتى. ھەتتا (سالامدىن كېيىن) (ئائىلىسىدىكىلەرنى )بەزى ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن بۇيرۇيتتى.(بۇخارى 991) * ئۈچ رەكئەت ۋىتىر نامىزىنى ئىككى سالام بىلەن ئوقۇش دۇرۇس.(فىقھۇل مۇيەسسەر)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئانىمىزدىن كەلگەن ھەدىستە: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۈچ رەكئەت ۋىتىر ئوقۇيتتى، پەقەت ئاخىرقى رەكئەتتىلا (تەشەھھۇد ئۈچۈن) ئولتۇراتتى. (نەسەئىي 3-324؛ ھاكىم 1-304؛ بەيھەقى 3-28؛ ئىمام ھاكىم بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ دېگەن، ئىمام زەھەبى بۇ باھاغا قوشۇلغان. ئىمام نەۋەۋى ‹بۇ ھەدىسنى نەسەئىي ھەسەن سەنەد بىلەن، بەيھەقى سەھىھ سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلغان› دېگەن. ئەلمەجمۇئ 4-17،18) * ئۈچ رەكئەت ۋىتىر نامىزىنى بىرلا تەشەھھۇد ۋە بىرلا سالام بىلەنلا ئوقۇشمۇ دۇرۇس.(فىقھۇل مۇيەسسەر)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «لَا تُوتِرُوا بِثَلَاثٍ تُشَبِّهُوا بِالْمَغْرِبِ»«ئۈچ رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇماڭلار.»(داراقۇتنى 2-24،25؛ ھاكىم 1-304؛ بەيھەقى 3-28؛ بۇ ھەدىسنىڭ لەۋزى بەيھەقىنىڭ. ھاكىم بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ دېگەن؛ زەھەبىمۇ بۇ باھاغا قوشۇلغان. ئىبنى ھەجەر ‹فەتھۇل بارى› 2-558 دا ‹بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى بۇخارى ۋە مۇسلىم شەرتىگە ئاساسەن سەھىھ› دېگەن) * ئۈچ رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزىنى ئىككى تەشەھھۇد ۋە بىر سالام بىلەن ئوقۇشقا بولمايدۇ. ئۈچ رەكئەتلىك ۋىتىر نامىزى بۇ شەكىلدە ئوقۇلسا شام نامىزىغا ئوخشاپ قالىدۇ. ھالبۇكى، ۋىتىر نامىزىنى شام نامىزىغا ئوخشاش ئوقۇش چەكلەنگەن.(فىقھۇل مۇيەسسەر)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم كېچىدە ئون ئۈچ رەكئەت ناماز ئوقۇيتتى. بۇلارنىڭ بەش رەكئىتىنى ۋىتىر سۈپىتىدە ئوقۇپ، پەقەت ئەڭ ئاخىرقى رەكئەتتىلا تەشەھھۇدتا ئولتۇراتتى. (مۇسلىم 737)
ياكى بەش رەكئەت ئوقۇشمۇ دۇرۇس.(فىقھۇل مۇيەسسەر)
ئائىشە
رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋىتىرنىڭ
ئىككىنجى رەكئىتىدىن كېيىن سالام بەرمەيتتى.
يەنە بىر
رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋىتىر نامىزىنى
ئۈچ رەكئەت ئوقۇيتتى، پەقەت ئاخىرقى رەكئەتتىلا تەشەھھۇد ئۈچۈن ئولتۇراتتى.
(نەسائىي 3-234؛ بەيھەقى 3-31؛ ئىمام نەۋەۋىي «ئەلمەجمۇئ» تا: بۇ ھەدىسنى نەسائىي
ھەسەن ئىسناد بىلەن، بەيھەقى سەھىھ ئىسناد بىلەن رىۋايەت قىلغان، دېگەن) عائشة رضي الله عنها قالت : " كان النبي صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ لا يسلّم في ركعتي الوتر " ، وفي لفظ " كان يوتر بثلاث لا يقعد إلا في آخرهن " رواه النسائي (3/234) والبيهقي (3/31) قال النووي في المجموع (4/7) رواه النسائي بإسناد حسن ، والبيهقي بإسناد صحيح
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ تائالا سىلەرگە بىر ناماز بىلەن ياردەم قىلدى. ئۇ بولسىمۇ ۋىتىر نامىزىدۇر. ۋىتىر نامىزىنىڭ ۋاقتى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن باشلىنىپ، تاڭ يورۇغىچە داۋاملىشىدۇ.»(تىرمىزى 425؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
لقوله
صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ«إِنَّ اللَّهَ قَدْ أَمَدَّكُمْ بِصَلاةٍ وهي الْوِتْرُ جَعَلَهُ
اللَّهُ لَكُمْ فِيمَا
بَيْنَ صَلاةِ الْعِشَاءِ إِلَى أَنْ يَطْلُعَ الْفَجْرُ .» [رواه الترمذي
(425) وصححه الألباني في صحيح الترمذي]پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ تائالا سىلەرگە بىر ناماز بىلەن ياردەم قىلدى. ئۇ بولسىمۇ ۋىتىر نامىزىدۇر. ۋىتىر نامىزىنىڭ ۋاقتى خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن باشلىنىپ، تاڭ يورۇغىچە داۋاملىشىدۇ.»(تىرمىزى 425؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كېچىنىڭ نامىزى ئىككى رەكئەتتىن،
ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ. بىرىڭلار تاڭ يورۇپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە (ۋىتىرنى) بىر
رەكئەت ئوقۇش بىلەن (ئىككى رەكئەتتىن) ئوقۇغىنىنى تاق قىلسۇن.»(بۇخارى 911؛ مۇسلىم
749) (صَلاةُ اللَّيْلِ مَثْنَى مَثْنَى فَإِذَا خَشِيَ أَحَدُكُمْ الصُّبْحَ صَلَّى رَكْعَةً وَاحِدَةً تُوتِرُ لَهُ مَا قَدْ صَلَّى ) رواه البخاري (911) ومسلم (749)
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كېچىدە
ئوقۇلىدىغان (نەپلە) ناماز ئىككى
رەكئەت-ئىككى رەكئەتتىن
بولىدۇ. تاڭ كىرىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن كىشى، بۇ نامازنى بىر رەكئەت ئوقۇۋالسۇن.» (بۇخارى
472، مۇسلىم 749)
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كېچىنىڭ ئاخىرىدىكى ۋىتىر نامىزى بىر
رەكئەتتۇر.» (مۇسلىم 752) لقول النبي صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ : ( الْوِتْرُ رَكْعَةٌ مِنْ آخِرِ اللَّيْلِ ) رواه مسلم (752)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر كېچىدە ئىككى ۋىتىر
يوق» (تىرمىزى 432؛ بىن باز نەقىل قىلغان)
Yorumlar
Yorum Gönder