قۇرئان توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر

قۇرئاننىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
(خير الدواء القرآن)«شىپالىقنىڭ ئەڭ نوچىسى قۇرئاندۇر.»
(ئىبنى ماجە 3533-سەھىھ)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قۇرئاننى ئوقۇڭلار. ھەقىقەتەن قۇرئان قىيامەت كۈنى ئۆز ھەمراھى (يەنى ئۇنى ئوقۇغۇچى ۋە ئەمەل قىلغۇچى) ئۈچۈن شاپائەتچى بولۇپ كېلىدۇ.» (مۇسلىم 804؛ ئەھمەد 5-249)


ئەبى ئۇمامە ئەلباھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «قۇرئان ئوقۇڭلار، شۈبھىسىزكى، ئۇ قىيامەت كۈنى ئۆزىنى تىلاۋەت قىلغان كىشىلەرگە شاپائەت قىلغان ھالەتتە كېلىدۇ. بەقەرە سۈرىسى بىلەن ئال- ئىمران سۈرىسىنى ئوقۇڭلار، ھەقىقەتەن بۇ ئىككى سۈرە قىيامەت كۈنى ئىككى بۇلۇت ياكى ئىككى قانىتىنى كەرىگەن قۇشتەك كېلىدۇ ۋە ئۇ ئۆزىنى ئوقۇغان كىشىلەرنى ئاقلايدۇ. بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇڭلار، بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇش بەرىكەت، ئوقۇماي تەرك قىلىش ھەسىرەتتۇر. بەقەرە سۈرىسىنى ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرغان كىشىگە (ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن) سېھرى تەسىر قىلمايدۇ.» [مۇسلىم رىۋايىتى 804-ھەدىس].


ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان كەرىمنى ياد ئالغان ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بىلەن ياشىغان قارىغا: قۇرئاننى خۇددى دۇنيادا چىرايلىق ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇغىنىڭدەك تەرتىل بىلەن ئوقۇ ۋە ئۆرلە. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ دەرىجەڭ، سەن تىلاۋەتتىن توختىغان ئايەتكە قەدەر بولىدۇ، دېيىلىدۇ.» [شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 5-توم 281-بەت، 2240-نومۇرلۇق ھەدىستە كەلتۈرگەن].


پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۆمىن پۇراقلىق لىمۇنغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، تەمى تاتلىقتۇر.قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۆمىن خورمىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى يوق، لېكىن تەمى تاتلىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرىدىغان مۇناپىق رەيھانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقى خۇشبۇي، لېكىن تەمى ئاچچىقتۇر. قۇرئان ئوقۇپ تۇرمايدىغان مۇناپىق ياۋا خەمەككە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ پۇرىقىمۇ يوق، تەمىمى يوقتۇر.» [بۇخارى رىۋايىتى 5020-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 797-ھەدىس. بۇ ھەدىس يەنە مۇسنەد ئەھمەدتە ۋە تۆت كىتابتىمۇ نەقىل قىلىنغان]

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدى نرىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: قەلبىدە قۇرئان كەرىمدىن ھېچنەرسە بولمىغان كىشى خۇددى خارابى ئۆيگە ئوخشايدۇ. [تىرمىزىي رىۋايىتى2913-ھەدىس. بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەلبانىي رەھىمەھۇللاھ تىرمىزىينىڭ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدا كەلتۈرگەن].

قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ : ( إِنَّ الَّذِي لَيْسَ فِي جَوْفِهِ شَيْءٌ مِنَ القُرْآنِ كَالبَيْتِ الخَرِبِ ) رواه الترمذي (2913) وقال : حسن صحيح . وصححه الألباني في " صحيح الترمذي "

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قۇرئاننى ئۈچ كۈندىن ئاز مۇددەتتە تامام قىلغان كىشى ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ.»(تىرمىزى 2873؛ ئەبۇ داۋۇد 1182؛ ئىمام ئەھمەد 6546)

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر