رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلىشتىن يېنىشقا ئائىت ئۈچ ھەدىس


ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلغۇچىغا قارشى تۇرۇشى ۋە رەسۇلۇللاھ داىندا قىلمىغان ئىشنى قىلىشتىن قاتتىق قېچىشى
    
 سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ جۇمۇئە نامىزى بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: ھۇسەيىندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشر ئىبنى مەرۋاننىڭ مىنبەردە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ: ئاللاھ بۇ خەتىبنىڭ قولىنى قۇرۇتۇۋەتسۇن! مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ قولى بىلەن مۇشۇنداق قىلغىنىدىن باشقىنى كۆرمىدىم دەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلدى. (سەھىھۇل مۇسلىم 873؛ ئۇيغۇرچە: مىشكات مەسابىھ1417؛ سۇنەن ئەبۇداۋۇد 1104-ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ سۇنەن نەسائىي 1413؛ جامىئۇت تىرمىزىي 515؛ ).- وَحَدَّثَنَا أَبُو بَكْرِ بْنُ أَبِي شَيْبَةَ، حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ بْنُ إِدْرِيسَ، عَنْ حُصَيْنٍ، عَنْ عُمَارَةَ، بْنِ رُؤَيْبَةَ قَالَ رَأَى بِشْرَ بْنَ مَرْوَانَ عَلَى الْمِنْبَرِ رَافِعًا يَدَيْهِ فَقَالَ قَبَّحَ اللَّهُ هَاتَيْنِ الْيَدَيْنِ لَقَدْ رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم مَا يَزِيدُ عَلَى أَنْ يَقُولَ بِيَدِهِ هَكَذَا ‏.‏ وَأَشَارَ بِإِصْبَعِهِ الْمُسَبِّحَةِ ‏.‏(رواە المسلم)

ھەدىستىن شۇ ئايدىڭ بولىدۇكى: ساھابە ئۇمەرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشىر ئىبنى مەرۋاننى ئۇ مۇنبەردە قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقى ئۈچۈن «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ بۇنداق قىلغىنىنى كۆرمىدىم» دەپ ئۇنىڭ قىلمىشىنى ئىنكار قىلدى ۋە رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى نېمىشقا قىلىسەن دەپ نارازى بولۇپ «ئاللاھ ئىككى قولۇڭنى قۇرۇتۇۋەتسۇن» دېگەن ناھايىتى ئېغىر سۆزنى قىلدى.
بۇ رەسۇلۇللاھ دىن نامىدا قىلمىغان ئىشنى قىلغۇچىنىڭ ئەيىبلىنىپ، قارغىشقا قالىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلەيدىغان كۈچلۈك سەھىھ ھەدىس. رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشلارنى چەكلىمە بولمىغاندىكىن دەپ قىلىۋېرىدىغان كىشىلەر بۇ ھەدىستىن قاتتىق ئىبرەت ئېلىشى كېرەك. ساھابىلەر رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلغۇچىغا مانا مۇشۇنداق قاتتىق قارشىلىق بىلدۈرەتتى. ئەگەر رەسۇلۇللاھ ياكى راشىد خەلىپىلەر دىندا قىلمىغان ئىشنى باشقا بىرىنىڭ قىلىشى توغرا بولىدىغان بولسا، يۇقارقى ساھابە ھاكىمغا قارشى چىقماي جىم تۇرسا بولماسمىدى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىشىر ئىبنى مەرۋانمۇ باشقا ئىش قىلماي پەقەت خۇتبىدە قوللىرىنى كۆتۈرۈپلا قويۇپتىغۇ؟ خۇتبىدە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان باشلىقنى «قولۇڭ قۇرۇپ كەتسۇن» دەپ قارغىغان ساھابىنى «دىندا ئىختىلاپ تېرىدى، كىچىك ئىشنى يوغىنىتىپ مۇسۇلمانلار جامائىتىنىڭ ئارىسىنى بۆلدى، ئۇششاق ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىپ بىرلىكنى بۇزدى» دېيىش كېرەكمۇ؟ ئەپسۇسكى، بىزنىڭ دەۋرىمىزدە كۆپچىلىك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىدئەتكە قارشى تۇرغۇچىنى ئىختىلاپ تېرىدىڭ دەۋاتماقتا. ئىختىلاپ تېرىغۇچىنىڭ بىدئەتكە قارشى تۇرغۇچى ئەمەس، دىندا بىدئەت سادىر قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئۇلار ئاڭقىرالمايۋاتماقتا. ئەگەر رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلغۇچىغا قارشى تۇرۇش دىندا ئىختىلاپ تېرىش بولغان بولسا، ساھابە ئۇمەرە ئىبنى رۇۋەيبە بىشىر ئىبنى مەرۋانغا ئۇنچىۋالا شىددەتلىك قارشى تۇرمىغان بولاتتى، ئۇمەرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خاتالىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ، شۇ مەسجىدتىكى باشقا ساھابىلەر ۋە تابىئىنلار ئۇمەرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى تۇرغان بولاتتى. ھالبۇكى، دىندا رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى قىلغۇچى بىشىر ئىبنى مەرۋانغا ئۇمەرە ئىبنى رۇۋەيبە قارشى چىققاندا، شۇ مەسجىدتىكى ساھابە تابىئىنلار ئۇمەرە ئىبنى رۇۋەيبەنىڭ قىلمىشىنى قوللىغانلىقتىن ئۇنىڭغا قارشى چىقمىغان.
    
 ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىنىڭ «كىتاب ۋە سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىش» بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىكنى بايان قىلغان:
ئەبۇ ۋائىل مۇنداق دېگەن: مەن بۇ مەسجىدتە (يەنى ھەرەم مەسجىدىدە) شەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئولتۇرغان ئىدىم. شەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا «سەن ئولتۇرغان بۇ يەردە ئۆمەر مەن بىلەن بىللە ئولتۇردى، ئاندىن ‹كەئبىدىكى ئالتۇن-كۆمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى مۇسۇلمانلارغا تارقىتىۋېتىشنى ئويلاشتىم› دېدى. مەن ئۆمەرگە ‹بۇنداق قىلالمايسەن› دېدىم. ئۆمەر ‹نېمىشقا؟› دېۋىدى، مەن:‹چۈنكى سېنىڭ ئىككى ھەمراھىڭ (يەنى رەسۇلۇللاھ بىلەن ئەبۇ بەكرى سىددىق) بۇنى قىلمىدى› دېدىم. ئۆمەر ‹ئۇ ئىككەيلەن ئەگىشىش كېرەك بولغان ئۆرنەك شەخىسلەردۇر›دېدى (ۋە ئويىدىن ياندى.)»(سەھىھۇل بۇخارى 7275-نومۇرلۇق ھەدىس)[ عَنْ أَبِي وَائِلٍ، قَالَ جَلَسْتُ إِلَى شَيْبَةَ فِي هَذَا الْمَسْجِدِ قَالَ جَلَسَ إِلَىَّ عُمَرُ فِي مَجْلِسِكَ هَذَا فَقَالَ هَمَمْتُ أَنْ لاَ أَدَعَ فِيهَا صَفْرَاءَ وَلاَ بَيْضَاءَ إِلاَّ قَسَمْتُهَا بَيْنَ الْمُسْلِمِينَ‏.‏ قُلْتُ مَا أَنْتَ بِفَاعِلٍ‏.‏ قَالَ لِمَ‏.‏ قُلْتُ لَمْ يَفْعَلْهُ صَاحِبَاكَ قَالَ هُمَا الْمَرْآنِ يُقْتَدَى بِهِمَا‏- المحدث:البخاري المصدر:صحيح البخاري الجزء أو الصفحة:7275 حكم المحدث: صحيح]

ساھابىلەرنىڭ ئەقىدىسى شۇنداق ئىدىكى: رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان بىر ئىشنى باشقا ھەر قانداق بىرى قىلىدىغانلا بولسا، ئۇنداق ئىشنى ساھابىلەر بىدئەت، ھارام، رەت قىلىنىدىغان مۇنكەر ئەمەل بىلىپ قارشى تۇراتتى.

ئىمام ئەھمەد مۇسنەد ئەھمەدتە مۇنۇ ۋەقەلىكنى نەقىل قىلغان: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرلىكتە كەئبىنى تاۋاپ قىلدى. مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تاۋاپ جەريانىدا كەئبىنىڭ ئەتراپىدىكى رۇكنلەرنىڭ ھەممىسىنى سىلىدى. شۇ ۋەجىدىن ئىبنى ئابباس ئۇنىڭغا «نېمىشقا (ئەسلىدە سىلىشقا تېگىشلىك ئىككى رۇكنغا قوشۇپ) بۇ ئىككى رۇكىننىمۇ سىلايسەن، رەسۇلۇللاھ بۇ ئىككى رۇكىننى سىلىمىغان تۇرسا؟» دېۋىدى، مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «بەيتۇللاھتىن ھېچ نەرسىنى كام قويۇلمايدۇ» دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «رەسۇلۇللاھ سىلەرگە ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر» دېگەن ئايەتنى ئوقۇدى. مۇئاۋىيە «توغرا ئېيتتىڭ» دېدى.(مۇسنەد ئەھمەد 1877؛ سۇنەن تىرمىزى 858 ؛ بۇ ھەدىسنى شەيخ ئەھمەد شاكىر سەھىھ دېگەن؛ ئىمام بەغەۋىي شەرھۇس سۇننە ناملىق ئەسىرىدە ھەسەن دېگەن؛) [عن ابن عباس ، أنه طاف مع معاوية بالبيت، فجعل معاوية يستلم الأركان كلها، فقال له ابن عباس : لم تستلم هذين الركنين، ولم يكن رسول الله صلى الله عليه وسلم يستلمهما ؟ فقال معاوية : ليس شيء من البيت مهجورا، فقال ابن عباس : { لقد كان لكم في رسول الله أسوة حسنة }، فقال معاوية : صدقت.مسند احمد 1877؛ أحمد شاكر المصدر:مسند أحمد الجزء أو الصفحة:3/266 حكم المحدث:إسناده صحيح؛ وسنن الترمذي858 حسن؛ المحدث:البغوي المصدر:شرح السنة الجزء أو الصفحة:4/77 حكم المحدث:حسن]
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قارشى چىقىشىمۇ دىندا رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ھەر قانداق ئىشنىڭ رەت قىلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ. بۇخارىدا ئىبنى ئابباسنىڭ باشقا بىرىگە «مۇئاۋىيە فەقىھتۇر» دېگەنلىكى نەقىل قىلىنغان. مەيلى ئۇمە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسۇن، مەيلى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسۇن رەسۇلۇللاھ قىلمىغان ئىشنى قىلماسلىقنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىش جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئوچۇق بىلگەن. شۇڭا، باشقا ساھابىلەر ئۇلارغا «رەسۇلۇللاھ بۇنى قىلمىغان» دېيىش بىلەنلا، دەرھال قىلمىشىدىن يانغان. ساھابىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق ئەقىدىسى مۇشۇ ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالمايتتى. ئەھلى بىدئەت تائىپىلىرىدەك «رەسۇلۇللاھ قىلمىغان بىلەن بۇ ياخشى ئىش» دەپ ئۆز كۆڭلىنى خوش قىلىپ كېتىۋېرىشتىن، ئاۋام مۇسۇلمانلارنى ئازدۇرۇشتىن ساھابىلەر يىراق ئىدى. ھالبۇكى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدا سادىر بولۇۋاتقان بىدئەتلەرگە «رەسۇلۇللاھ بۇنى قىلمىغان» دەپ رەددىيە بېرىلسە، كۆپ ساندىكى كىشىلەر يۇقارقى كاتتا ساھابىلەردەك دەرھال قىلمىشىدىن يانماستىن، «بۇ ئىختىلاپىي مەسىلە، ئۇششاق ئىشتا بۆلگۈنچىلىك سېلىش دۇرۇس ئەمەس» دېگەن شەيتانىي گەپ بىلەن ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ يۈرمەكتە. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى كىمنىڭ كۆزىگە كىچىك كۆرۈنىدىكەن، ئۇ ئەنە شۇنداق ئازىدۇ، رەسۇلۇللاھنىڭ يولىدىن چەك ئايرىپ، دوزاخ يولىغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. ئاللاھ ھەممەيلەننى ھەق يولغا ھىدايەت قىلسۇن.
     يۇقارقى ئۈچ ھەدىس  رەسۇلۇللاھقا قانداق ئەگىشىشتە بارچە مۇسۇلمانلارنىڭ ساھابىلەرگە ئوخشاش مەيداندا بولۇشىنى دەلىللەيدۇ. رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولى بەندىنى جەننەتكە كىرگۈزىدىغان بىردىنبىر يولدۇر. بۇ ھەقپەت رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«يەھۇدىيلار يەتمىش بىر پىرقىگە، ناسارالار يەتمىش ئىككى پىرقىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. چوقۇمكى، مېنىڭ ئۈممىتىم يەتمىش ئۈچ پىرقىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر پىرقىسىلا جەننەتتە، قالغىنى دوزاختا بولىدۇ. ئۈممىتىمدىن جەننەتكە كىرىدىغان بىر پىرقە مېنىڭ ۋە ساھابىلىرىمنىڭ يولىدا ماڭغان كىشىلەردۇر.»(بۇ ئىمام ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە، ھاكىم قاتارلىق ھەدىس ئىماملىرى توپلىغان سەھىھ ھەدىستۇر.) رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىدىن باشقا يول تۇتقۇچى چوقۇم دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەر-بىر ئىشتا ساھابىلەرنىڭ يولىنى تۇتۇشقا ۋە شۇ ئارقىلىق جەننەت ئەھلىدىن بولۇشقا نېسىپ قىلسۇن.

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر