بۇخارى 1422؛ رىيازۇس سالىھىن 5: ئى يەزىد! ساڭا قىلغان نىيىتىڭ ئۈچۈن ساۋاب بېرىلىدۇ. ئى مەئىن! سېنىڭ ئالغىنىڭ ساڭا تېگىشلىك بولدى

5- وعن أبي يَزيدَ مَعْنِ بنِ يَزيدَ بنِ الأخنسِ ، وهو وأبوه وَجَدُّه صحابيُّون ، قَالَ : كَانَ أبي يَزيدُ أخْرَجَ دَنَانِيرَ يَتَصَدَّقُ بِهَا ، فَوَضعَهَا عِنْدَ رَجُلٍ في الْمَسْجِدِ ، فَجِئْتُ فأَخذْتُها فَأَتَيْتُهُ بِهَا . فقالَ : واللهِ ، مَا إيَّاكَ أرَدْتُ ، فَخَاصَمْتُهُ إِلى رسولِ اللهِ ، فقَالَ : (( لكَ مَا نَوَيْتَ يَا يزيدُ ، ولَكَ ما أخَذْتَ يَا مَعْنُ )) رواهُ البخاريُّ .
[5] مەئىن ئىبنى يەزىد رەزىياللاھۇ ئەنھۇم ـــ ئۇ ئۆزى، دادىسى ۋە بوۋىسى ئۈچىلىسى ساھابىلەردىن ئىدى ـــ دىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: دادام يەزىد سەدىقە قىلىش مەقسىدىدە مەسجىدتىكى بىر كىشىگە دىنارلارنى قويۇپ قويغان ئىكەن. مەن مەسجىدكە كېلىپ بۇ دىنارلارنى ئالدىم، ئاندىن دادامنىڭ يېنىغا باردىم. دادام: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇ دىنارلارنى ساڭا بېرىشنى نىيەت قىلمىغانىدىم، دېدى. بىز تالاش – تارتىش قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى يەزىد! ساڭا قىلغان نىيىتىڭ ئۈچۈن ساۋاب بېرىلىدۇ. ئى مەئىن! سېنىڭ ئالغىنىڭ ساڭا تېگىشلىك بولدى» دېدى. (بۇخارى 1422)

Yorumlar