بۇخارى 2838؛ مۇسلىم 1911؛ رىيازۇس سالىھىن 4: مەدىنىدە كېسەل سەۋەبىدىن قېلىپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. سىلەر قەيەرگە ماڭساڭلار، ھەرقانداق جىلغىدىن ئۆتسەڭلار، ئۇلار سىلەر بىلەن بىللە ھېسابلىنىدۇ

4- وعن أبي عبدِ اللهِ جابر بن عبدِ اللهِ الأنصاريِّ رَضي اللهُ عنهما ، قَالَ : كُنَّا مَعَ النَّبيِّ في غَزَاةٍ ، فَقالَ : (( إِنَّ بالمدِينَةِ لَرِجَالاً ما سِرْتُمْ مَسِيراً ، وَلاَ قَطَعْتُمْ وَادِياً ، إلاَّ كَانُوا مَعَكمْ حَبَسَهُمُ الْمَرَضُ )) . وَفي روَايَة : (( إلاَّ شَرَكُوكُمْ في  الأجْرِ )) رواهُ مسلمٌ .
[4] ئەبۇ ئابدۇللاھ جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر غازاتتا بىللە ئىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «مەدىنىدە كېسەل سەۋەبىدىن قېلىپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. سىلەر قەيەرگە ماڭساڭلار، ھەرقانداق جىلغىدىن ئۆتسەڭلار، ئۇلار سىلەر بىلەن بىللە ھېسابلىنىدۇ.» يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇلار ساۋابتا سىلەر بىلەن ئورتاقتۇر» دېگەن. (مۇسلىم 1911؛ رىيازۇس سالىھىن 4)
ورواهُ البخاريُّ عن أنسٍ ، قَالَ : رَجَعْنَا مِنْ غَزْوَةِ تَبُوكَ مَعَ النَّبيِّ ، فقال : (( إنَّ أقْواماً خَلْفَنَا بالْمَدِينَةِ مَا سَلَكْنَا شِعْباً( ) وَلاَ وَادياً ، إلاّ وَهُمْ مَعَنَا ؛ حَبَسَهُمُ العُذْرُ )) .
ئىمام بۇخارى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە تەبۇك غازىتىدىن قايتقان ئىدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەدىنىدە نۇرغۇن كىشىلەر كەينىمىزدە قېلىپ قالدى. مەيلى بىز جىلغىلاردىن، مەيلى چىغىر يوللاردىن ماڭايلى، ئۇلار بىز بىلەن بىللە ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار پەقەت ئۆزرىسى سەۋەبلىكلا مەدىنىدە قېلىپ قالدى.»(بۇخارى 2838)

Yorumlar