بۇخارى 2118؛ مۇسلىم 2884؛ رىيازۇس سالىھىن 2: بىر قوشۇن كەبىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن چىقىپ، بىر دالاغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يەر يۇتۇۋېتىدۇ

وعن أمِّ المؤمِنينَ أمِّ عبدِ اللهِ عائشةَ رضي الله عنها ، قالت : قالَ رسول اللە :  ((يغْزُو جَيْشٌ الْكَعْبَةَ فإِذَا كَانُوا بِبَيْدَاءَ مِنَ الأَرضِ يُخْسَفُ بِأَوَّلِهِمْ وآخِرِهِمْ )) . قَالَتْ : قلتُ : يَا رَسُولَ اللهِ ،كَيْفَ يُخْسَفُ بأوَّلِهِمْ وَآخِرِهِمْ وَفِيهمْ أسْوَاقُهُمْ( ) وَمَنْ لَيْسَ مِنْهُمْ ؟! قَالَ : (( يُخْسَفُ بِأَوَّلِهِمْ وَآخِرِهِمْ ثُمَّ يُبْعَثُونَ عَلَى نِيّاتِهمْ )) مُتَّفَقٌ عَلَيهِ . هذَا لَفْظُ الْبُخَارِيِّ .

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر قوشۇن كەبىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن چىقىپ، بىر دالاغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى يەر يۇتۇۋېتىدۇ» دېگەن ئىدى، مەن «ئى رەسۇلۇللاھ! قانداقسىگە يەر ئۇلارنى باشتىن ئاخىرى يۇتۇۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ قاتارىدىن بولمىغان كىشىلەرمۇ، جەڭگە قاتناشمايدىغان بازارچىلارمۇ بار تۇرسا؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«ئۇلارنىڭ باشتىن ئاخىر ھەممىسىنى يەر يۇتۇۋېتىدۇ، كېيىن ئۇلار نىيەتلىرىگە يارىشا تىرىلدۈرىلىدۇ» دېدى.(بۇخارى 2118؛ مۇسلىم 2884؛ رىيازۇس سالىھىن 2)

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر