تىرمىزى 2180: كاپىرلارنىڭ چوقۇنىدىغان زاتى ئەنۋاتى بولغىنىدەك بىزگە مۇشۇ زاتى نەۋاتنى قىلىپ بەرگىن
ئەبۇ ۋاقىدىل
لەيسى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ھۈنەين
تەرەپكە چىقتۇق، سىدرە دېگەن جايدىن ئۆتكەن ۋاقتىمىزدا: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!
كاپىرلارنىڭ چوقۇنىدىغان زاتى ئەنۋاتى بولغىنىدەك بىزگە مۇشۇ زاتى نەۋاتنى قىلىپ بەرگىن
دېدۇق، چۈنكى كاپىرلار سىدرەگە قوراللىرىنى ئېسىپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئۇنىڭغا
چوقۇناتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «ئاللاھ كاتتىدۇر، بۇ خۇددى
ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا: ئۇلارنىڭ ئىلاھى بولغىنىدەك بىزگىمۇ
بىر ئىلاھ قىلىپ بەرگىن دېگەن سۆزىگە ئوخشىدى، سىلەر ھەقىقەتەن ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ
يوللىرىغا ئەگىشىسىلەر.» [تىرمىزى رىۋايىتى2180-ھەدىس. ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى21900-ھەدىس.
لەۋزى ئىمام ئەھمەدنىڭ، شەيخ ئەلبانى سەھىھ دەپ باھالىغان]. عَنْ أَبِي
وَاقِدٍ اللَّيْثِيِّ، قَالَ: " خَرَجَنَا مَعَ رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ
عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قِبَلَ حُنَيْنٍ، فَمَرَرْنَا بِسِدْرَةٍ ، فَقُلْنَا : يَا
نَبِيَّ اللهِ ، اجْعَلْ لَنَا هَذِهِ ذَاتَ أَنْوَاطٍ كَمَا لِلْكُفَّارِ ذَاتُ
أَنْوَاطٍ ، وَكَانَ الْكُفَّارُ يَنُوطُونَ سِلَاحَهُمْ بِسِدْرَةٍ ،
وَيَعْكُفُونَ حَوْلَهَا .
فَقَالَ
النَّبِيُّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: ( اللهُ أَكْبَرُ ، هَذَا كَمَا
قَالَتْ بَنُو إِسْرَائِيلَ لِمُوسَى : (اجْعَلْ لَنَا إِلَهًا كَمَا لَهُمْ
آلِهَةً) إِنَّكُمْ تَرْكَبُونَ سُنَنَ الَّذِينَ مِنْ قَبْلِكُمْ " رواه
الترمذي (2180) وصححه ، ورواه الإمام أحمد (21900) واللفظ له ، وصححه الشيخ
الألباني.
Yorumlar
Yorum Gönder