بۇخارى 3841؛ مۇسلىم 2080: جاھالەتنىڭ ئۆزرە ئىكەنلىكىگە دەلىل بولىدىغان ھەدىس-مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن جەسىتىمنى كۆيدۈرۈڭلار، ئۇنى ئۇندەك قىلىپ شامالغا ئۇچۇرۋېتىڭلار


ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئىلگىرى ئۆز نەپسىگە ئاشۇرىۋەتكەن بىر كىشى بولۇپ، ئۇ سەكراتقا چۈشكەندە، پەرزەنتلىرىگە: مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن جەسىتىمنى كۆيدۈرۈڭلار، ئۇنى ئۇندەك قىلىپ شامالغا ئۇچۇرۋېتىڭلار، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى قايتا تىرىلدۈرۈشكە قادىر بولسا، ئەلۋەتتە مېنى ھېچ كىشىنى ئازابلىمىغان بىر ئازابتا ئازابلايدۇ،- دېدى، ئۇ كىشى ئۆلگەن ۋاقىتتا شۇنداق قېلىندى، ئاللاھ تائالا زېمىنغا بۇيرۇپ: ئۇ ئىنساننىڭ سەندە بولغان ھەممە نەرسىسىنى توپلىغىن دېدى، زېمىن شۇنداق قىلدى، ئۇ كىشى تۇرغۇزۇلدى، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭدىن سورىدى: بۇنداق قىلىشىڭغا نېمە تۈرتكە بولدى؟، ئۇ كىشى: ئى پەرۋەردىگارىم! سىلىدىن قورقۇش دېدى، ئاللاھ ئۇ كىشىنى كەچۈرۈم قىلدى.» [بۇخارى 3481؛ نەسائىي 2080؛ ئىبنى ماجە 4255].
عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُ، عَنِ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، قَالَ: ( كَانَ رَجُلٌ يُسْرِفُ عَلَى نَفْسِهِ فَلَمَّا حَضَرَهُ المَوْتُ قَالَ لِبَنِيهِ : إِذَا أَنَا مُتُّ فَأَحْرِقُونِي ، ثُمَّ اطْحَنُونِي ، ثُمَّ ذَرُّونِي فِي الرِّيحِ، فَوَاللَّهِ لَئِنْ قَدَرَ عَلَيَّ رَبِّي لَيُعَذِّبَنِّي عَذَابًا مَا عَذَّبَهُ أَحَدًا.
فَقَالَ: مَا حَمَلَكَ عَلَى مَا صَنَعْتَ ؟
قَالَ: يَا رَبِّ خَشْيَتُكَ ، فَغَفَرَ لَهُ) متفق عليه .


Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر