بۇخارى 6499، مۇسلىم 2987: كىمكى باشقىلارغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىدىكەن

رىيانىڭ خەتىرى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

جۇندۇپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقىلارغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاڭلىتىدۇ، كىمكى باشقىلارغا رىيا قىلىش ئۈچۈن ئەمەل قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى باشقىلارغا كۆرسىتىدۇ.» [بۇخارى رىۋايىتى 6499-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى2987-ھەدىس] روى البخاري (6499) ، ومسلم (2987) عن جُنْدُب قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: (مَنْ يُسَمِّعْ يُسَمِّعِ اللهُ بِهِ، وَمَنْ يُرَائِي يُرَائِي اللهُ بِهِ) .


ھاپىز ئىبنى ھەجەر رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: خەتتابىي مۇنداق دەيدۇ:" ھەدىسنىڭ مەنىسى: كىمكى ئىخلاس قىلماستىن ئەمەل قىلىپ ئۇنى كىشىلەرگە كۆرسۈتۈش ۋە ئاڭلىتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، شۇنىڭغا ئاساسەن جازالىنىدۇ، ئاللاھ ئۇنى تارقىتىدۇ ۋە رەسۋا قىلىدۇ، يوشۇرغان مەقسىتىنى ئاشكارا قىلىدۇ، بەزى ئالىملار مۇنداق دەيدۇ: "قىلغان ئەمىلى بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى مەقسەت قىلماستىن بەلكى كىشىلەر ئارىسىدا يۈز-ئابرۇي تېپىشنى مەقسەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇ ئادەمنىڭ قىلغان ئىشىنى يۈز-ئابرۇي تېپىشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەك قىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇ كىشىگە ئەجىر-ساۋاپ بولمايدۇ". ["پەتھۇلبارى"11-توم 336-بەت].
   ئىززىبنى ئابدۇسالام رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "مەخپى قىلىنىدىغان ئەمەللەردىن: ئىلىمنى خاتىرلەش دېگەندەك، كىشىلەرگە مەنپەئەتلىك بولغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئەگىشىشى مەقسەت قىلىنغان ئەمەللەرنى ئاشكارا قىلىش ياخشى بولىدۇ". ["پەتھۇلبارى"11-توم 337-بەت].
ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئىنساننىڭ قەدىمى يوشۇرۇن ئىش قىلىش يولىدا مۇستەھكەم بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغاندا، ئۇنىڭ ھىممىتى يۇقىرى بولىدۇ، نەپسى باشقلارنىڭ ماختاش ۋە سۆكۈشلىرىدىن يۈكسەك بولىدۇ، كىشىلەرنىڭ ماختىغىنىدىن خۇرسەن بولمايدۇ، سۆكۈشىدىن قايغۇرمايدۇ، بۇ ئۆز نەپسىنىڭ نېسىۋىسىدىن چېقىپ پەرۋەردىگارىغا بەندىچىلىك قىلىشقا لايىق بولغان كىشىنىڭ سۈپىتىدۇر، شۇنىڭ بىلەن دىلىدا ئىمان ۋە ئىشەنچنىڭ لەززىتىنى تېتىيدۇ". ["مەدارىجۇس سالىكىين"2-توم8-بەت].
   -ئۇ كىشىگە ئەمەلنى مەخپى-يوشۇرۇن قىلىش ئاشكارا قىلغاندىن ياخشى كۆرۈلىدۇ. ئاسىم مۇنداق دەيدۇ: "ئەبۇ ۋائىل ئۆيىدە ناماز ئوقۇغاندا بەك مۇڭلىنىپ ئوقۇيتتى، ئەمما بىرەر كىشى كۆرۈپ قالىدىغان جايدا پۈتۈن دۇنيانى بېرەي دېسىمۇ ئۇنداق قىلمايتتى. ["ئەززۇھد"290-بەت].

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر