رەسۇلۇللاھ لەنەت قىلغان كىشىلەر





رەسۇلۇللاھ لەنەت قىلغان كىشىلەر

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى

(ھەدىسلەر كۈنسېرى موللىشىپ ماڭىدۇ)

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇماندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھەزىلەك ئەرلەرگە ۋە ئەركەكزەدەك ئاياللارغا لەنەت قىلدى.»(بۇخارى 5436)

يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە ۋە ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللارغا لەنەت قىلدى.»(بۇخارى 5435؛ رىيازۇس سالىھىن 1632)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللارغا ئوخشاش كىيىنگەن ئەرلەرگە، ئەرلەرگە ئوخشاش كىيىنگەن ئاياللارغا لەنەت قىلدى.»(ئەبۇ داۋۇد 3575؛ رىيازۇس سالىھىن 3547)

ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم لَعَنَ الْوَاصِلَةَ)«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم چاچ ئۇلاتقان ئاياللارغا لەنەت قىلدى.»(نەسائىي 5249)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (عن النبيِّ صلَّى اللهُ عليهِ وسلَّمَ أنه لعن زائراتِالقبورِ)«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قەبرە زىيارەت قىلغان ئاياللارغا لەنەت قىلغان.»(بۇلۇغۇلمەرامدا نەقىل قىلىنغان؛ ئىبنى ھىببان، بىن باز، ئىبنى ئۇسەيمىن قاتارلىق ئالىملار سەھىھ دېگەن)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (إذا باتتِ المرأةُ هاجرةً فراشَ زوجِها لعنتْها الملائِكةُ حتَّى تصبِحَ)«ئەر كىشى ئايالىنى بىللە بولۇشقا چاقىرسا، ئايال كىشى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ ئايالغا پەرىشتىلەر تاڭ ئاتقۇچە لەنەت ئوقۇيدۇ.»(بۇخارى 5194؛ مۇسلىم 1436)

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر