دەرەخ تىكىش ۋە زىرائەت تېرىشنىڭ ئەجرى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر

جابىر ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلمان بىر دەرەخ تىكسە، ئۇ ياغاچتىن يېيىلسىمۇ، ئوغرىلانسىمۇ، ياكى ئازلىتىۋېتىلسىمۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى دەرەخ تىككۈچى ئۈچۈن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.»( مۇسلىم 1152؛ رىيازۇس سالىھىن 135)
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلمان تىككەن دەرەخ ياكى تېرىغان زىرائەتتىن مەيلى ئىنسان، مەيلى ھايۋان، مەيلى قانداقلىكى بىر جانلىق يېسە، بۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكى قىيامەت كۈنىگىچە سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.»
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلمان كۆچەت تىكسە ياكى زىرائەت تېرىسا، ئۇنىڭدىن ئىنسان، ھايۋان ياكى باشقا جانلىق يېسە، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.» (بۇخارى 2320؛ مۇسلىم 1553)

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر