سالام قىلىش ئەدەپلىرى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر

سالام قىلىش بابى

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلدى

(5528)
    پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إذا مر رجال بقوم فسلم رجل من الذين مروا على الجلوس و رد من هؤلاء واحد أجزأ عن هؤلاء و عن هؤلاء)) «بىر توپ كىشى بىر قەۋمنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، كېتىۋاتقانلاردىن بىرى ئولتۇرغانلارغا سالام قىلسا، ئولتۇرغانلاردىنمۇ بىر كىشى جاۋابەن سالام قايتۇرسا، بۇ ھەر ئىككى توپ ئۈچۈن كۇپايىدۇر.» (ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 798)


(5529)
    تسليم الرجل بإصبع واحدة يشير بها فعل اليهود
   پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((تسليم الرجل بإصبع واحدة يشير بها فعل اليهود)) «كىشىنىڭ بىر بارمىقى بىلەن ئىشارەت قىلىپ سالام قىلىشى يەھۇدىيلارنىڭ قىلىقىدۇر.»(مۇسنەد ئەھمەد؛ تەبرانى؛ مۇنزىرى؛ ؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 2946)
 *يەھۇدىي، خىرىستىئان، مەجۇسى ۋە باشقا بارچە كاپىرلارغا ئوخشاپ قېلىشتىن چەكلەنگەنمىز.-تەرجىماندىن.


(5530)
    كان يمر بالصبيان فيسلم عليهم
    ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ((كان يمر بالصبيان فيسلم عليهم)) «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە بالىلار ئۇچرىسا، ئۇلارغا سالام قىلاتتى.»(مۇسنەد ئەھمەد؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 5014)
(5531)
     كان يمر بنساء فيسلم عليهن
   جەرىير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: ((كان يمر بنساء فيسلم عليهن)) «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ئاياللار ئۇچرىسا، ئۇلارغا سالام قىلاتتى.»(ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 5014)
(5532)
ليسلم الراكب على الراجل و ليسلم الراجل على القاعد و ليسلم الأقل على الأكثر فمن أجاب السلام فهو له و من لم يجب فلا شيء له
    پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۇلاغلىق كىشى پىيادە كىشىگە سالام قىلسۇن. پىيادە كېتىۋاتقان كىشى ئولتۇرغان كىشىگە سالام قىلسۇن. سانى ئاز كىشى سانى كۆپ كىشىگە سالام قىلسۇن. كىمكى سالامغا جاۋاب قايتۇرسا ئۇنىڭغا سالامەتچىلىك بولىدۇ. كىم سالامغا جاۋاب قايتۇرمايدىكەن ئۇنىڭغا ھېچنېمە يوقتۇر.»(سەھىھۇل جامىئ 5450)

(5535)
    پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((يسلم الراكب على الماشي و الماشي على القائم و القليل على الكثير))«ئۇلاغلىق كىشى مېڭىپ كېتىۋاتقان كىشىگە، كېتىۋاتقان ئۆرە تۇرغان كىشىگە، ئاز سانلىق جامائەت كۆپ سانلىق جامائەتكە (ئاۋۋال) سالامەت قىلىدۇ.»(فۇزالە ئىبنى ئۇبەيدتىن،تىرمىزى؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 8088)
(5536)
    ((يسلم الراكب على الماشي و الماشي على القاعد و القليل على الكثير))

(5536)
    پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىچىك چوڭغا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كىشى ئولتۇرغان كىشىگە، ئاز سانلىق جامائەت كۆپ سانلىق جامائەتكە (ئاۋۋال) سالامەت قىلىدۇ.»(فۇزالە ئىبنى ئۇبەيدتىن، سەھىھ ئەدەب ئەلمۇفرەد 764؛ تىرمىزى؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 8090)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أفش السلام و أطعم الطعام و صل الأرحام و قم بالليل و الناس نيام و ادخل الجنة بسلام))«سالامنى ياي، كىشىلەرگە تائام بەر، ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىققا ئەھمىيەت بەر، كىشىلەر كېچىسى ئۇخلاۋاتقاندا قوپۇپ ناماز ئوقۇ. بۇ ئارقىلىق جەننەتكە ئاما-ئېسەن كىرگىن.»(ئەلبانى سەھىھۇل جامىئۇس سەغىر 1085)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((أفشوا السلام بينكم تحابوا))«ئاراڭلاردا سالامنى يېيىڭلار، بۇ ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ئاشىدۇ.»(ئەلبانى سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1086)
(5538)
إذا اصطحب رجلان مسلمان فحال بينهما شجر أو حجر أو مدر فليسلم أحدهما على الآخر و يتباذلوا السلام
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إذا اصطحب رجلان مسلمان فحال بينهما شجر أو حجر أو مدر فليسلم أحدهما على الآخر و يتباذلوا السلام))«ئىككى مۇسۇلمان ئەر كىشى ھەمراھ بولغىنىدا ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى دەرەخ، تاش ياكى تام ئايرىۋېتىپ قايتا كۆرۈشسە بىرى يەنە بىرىگە سالام قىلسۇن، سالاملىشىقا ئەھمىيەت بەرسۇن.»(ئەلبانى سەھىھ جامىئۇس سەغىر 355)

[5565] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (())«ئى ئىنسانلار! ئاراڭلاردا سالامنى يېيىڭلار؛ باشقىلارغا تاماق يېگۈزۈڭلار؛ خالايىق (كېچىدە) ئۇخلاۋاتقاندا ناماز ئوقۇڭلار؛ بۇ ئارقىلىق جەننەتكە سالامەت كىرگەيسىلەر.»(ئەلبانى سەھىھ جامىئۇس سەغىر 1086)
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەدىنىگە كەلگەندە كىشىلەر ئالدىراشقىنىچە ئۇ زاتنىڭ يېنىغا مېڭىشتى.
مەنمۇ كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇ زاتنى كۆرگىلى باردىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يۈزىنى كۆرگىنىمدە، بۇ يۈزنىڭ يالغانچى بىرىنىڭ يۈزى ئەمەسلىكىنى بىلدىم. رەسۇلۇللاھنىڭ تۇنجى سۆزى شۇ بولدى:
«ئى ئىنسانلار! ئاراڭلاردا سالامنى يېيىڭلار؛ باشقىلارغا تاماق يېگۈزۈڭلار؛ خالايىق (كېچىدە) ئۇخلاۋاتقاندا ناماز ئوقۇڭلار؛ بۇ ئارقىلىق جەننەتكە سالامەت كىرگەيسىلەر.» (تىرمىزى 2485؛ ئىبنى ماجە 1334؛ ئىمام ئەھمەد 23784؛ بۇ ھەدىسنىڭ لەۋزى ئىبنى ماجەگە ئائىت؛ ئەلبانى سەھىھ تىرمىزىدا سەھىھ دېگەن)

[5566] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إذا سلم عليكم أحدا من أهل الكتاب فقولوا: و عليكم))«سىلەرگە ئەھلى كىتابتىن بىرى سالام بەرسە ‹ۋەئەلەيكۇم› دەڭلار.»(ئەنەس ئىبنى مالىكتىن، بۇخارى 6258؛ ئىبنى ماجە 3697؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئۇسسەغىر 605)

[5566] پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إذا سلم عليكم اليهود فإنما يقول أحدهم: السام عليك فقل: و عليك))«سىلەرگە يەھۇديلار سالام قىلسا ‹ئەسسامۇ ئەلەيكە-يەنى-ساڭا ئۆلۈم كەلسۇن› دەيدۇ. سىلەر جاۋابەن ‹ۋەئەلەيكۇم-ساڭا شۇنداق بولسۇن› دەڭلار.»(ئىبنى ئۆمەردىن، بۇخارى 6257؛ ئىبنى ماجە 3697؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئۇسسەغىر 605)

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر