مەسجىدكە ئۇلاغلىق بېرىشنى خالىمىغان ساھابە
ئۇبەي ئىبنى
كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:
بىر كىشى
بار ئىدى. ئۆيى مەسجىدكە ئۇنىڭ ئۆيىدىنمۇ يىراق بىرىنى بىلمەيتتىم. شۇنداق
بولۇشىغا قارىماي، ئۇ كىشى بىرەر ۋاخ نامازنىمۇ قالدۇرۇپ قويماستىن نامازلىرىنى
جامائەت بىلەن ئادا قىلاتتى. ئۇنىڭغا «قاراڭغۇدا ۋە ئىسسىقتا مىنىش ئۈچۈن ئېشەكتىن
بىرنى سېتىۋالساڭ بولمامدۇ؟» دېيىلدى. بۇنى مەن دېدىم ياكى باشقا بىرى دېدى. ئۇ
«ئۆيۈمنىڭ مەسجىدكە يېقىن بولۇشىنى خالىمايمەن. چۈنكى مەن، مەسجىدكە كېلىش ۋە
ئۆيۈمگە قايتىش ئۈچۈن باسقان ھەر-بىر قەدىمىمگە ساۋاب يېزىلىشىنى ئارزۇلايمەن»
دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمغا ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ «ئاللاھ
شۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساۋابىنى ساڭا بەردى» دېدى. (مۇسلىم 663؛ رىيازۇس سالىھىن 137)
باشقا بىر
رىۋايەتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاللاھتىن ئۈمىد قىلغان ساۋاب
ساڭا تېگىشلىك بولدى» دېدى.
Yorumlar
Yorum Gönder