ھاراق توغرىسىدىكى ھەدىسلەر-ھاراقنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى
ھاراق توغرىسىدىكى ھەدىسلەر
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
نۇقتىلىق سۆزلەر: ھاراقنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى؛
ھاراق ئىچكۈچىگە بېرىلىدىغان جازا؛ ھاراق ئىچىشنىڭ ھۆكمى؛ ھاراق ھاراممۇ؛ ھاراق
ھارام
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: ئۆمەر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنبىرى ئۈستىدە تۇرۇپ مۇنداق دېگەنلىكىنى
ئاڭلىدىم: ئى ئىنسانلار! ھاراقنىڭ ھارام ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئايەت نازىل قىلىندى،
ھاراق بەش تۈرلۈك نەرسىدىن ياسىلىدۇ، ئۈزۈم، خورما، ھەسەل، بۇغداي ۋە ئارپا
قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئەقىلنى يوق قىلىدىغان(يۆگەيدىغان) ھەرقانداق نەرسە
ھاراقتۇر.[بۇخارى رىۋايىتى4619-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى3032-ھەدىس].
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يىنىغا ھاراق ئىچكەن بىر ئادەم ئىلىپ كىلىنگەندە، ئۇ
ئادەمنى خورمىنىڭ شاخلىرى بىلەن قىرىق قېتىمغا يىقىن ئۇردى، ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇمۇ شۇنداق قىلدى. ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە بولغاندا، بۇ مەسىلە
توغرىسىدا ساھابىلار بىلەن كىڭەش ئىلىپ باردى، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ
ئەنھۇ: جازانىڭ يەڭگىلراقى سەكسەن دەررە دېدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ
ھاراق ئىچكەن ئادەمنى سەكسەن دەررە ئۇرۇشقا بۇيرىدى.[مۇسلىم رىۋايىتى1706-ھەدىس]
Yorumlar
Yorum Gönder