رەسۇلۇللاھنىڭ مەدىنىگە كېلىپ تۇنجى سۆزلىگەن ھەدىسى
ئابدۇللاھ
ئىبنى سالام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم
مەدىنىگە كەلگەندە كىشىلەر ئالدىراشقىنىچە ئۇ زاتنىڭ يېنىغا مېڭىشتى.
مەنمۇ كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇ زاتنى كۆرگىلى
باردىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يۈزىنى كۆرگىنىمدە، بۇ يۈزنىڭ
يالغانچى بىرىنىڭ يۈزى ئەمەسلىكىنى بىلدىم. رەسۇلۇللاھنىڭ تۇنجى سۆزى شۇ بولدى:
«ئى ئىنسانلار! ئاراڭلاردا سالامنى يېيىڭلار؛ باشقىلارغا
تاماق يېگۈزۈڭلار؛ خالايىق (كېچىدە) ئۇخلاۋاتقاندا ناماز ئوقۇڭلار؛ بۇ ئارقىلىق
جەننەتكە سالامەت كىرگەيسىلەر.»
(تىرمىزى 2485؛ ئىبنى ماجە 1334؛ ئىمام ئەھمەد 23784؛ بۇ
ھەدىسنىڭ لەۋزى ئىبنى ماجەگە ئائىت؛ ئەلبانى سەھىھ تىرمىزىدا سەھىھ دېگەن)
Yorumlar
Yorum Gönder