رىيازۇس سالىھىن- ياخشىلار باغچىسى ھەدىس توپلىمى-توردا ئوقۇڭ

رىيازۇس سالىھىن

فۇرقان دەئۋەت مەركىزى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ھەدىسلەر كۈنسېرى موللۇشۇپ ماڭىدۇ

  (ھەدىسلەر كۈنسىرى قوشۇلۇپ ماڭىدۇ)

1- وعن أمير المؤمِنين أبي حَفْصٍ عمرَ بنِ الخطابِ قالَ : سَمِعتُ رَسُولَ اللهِ ، يقُولُ : (( إنّمَا الأَعْمَالُ بالنِّيّاتِ ، وَإِنَّمَا لِكُلِّ امرِىءٍ مَا نَوَى ، فَمَنْ كَانَتْ هجرته إلى الله ورسوله ، فهجرته إلى الله ورسوله ، ومن كانت هِجْرَتُهُ لِدُنْيَا يُصيبُهَا ، أَوْ امْرَأَةٍ يَنْكَحُهَا ، فَهِجْرَتُهُ إِلى مَا هَاجَرَ إِلَيْه )) . مُتَّفَقٌ عَلَى صِحَّتِهِ .
[1] مۆمىنلەرنىڭ خەلىپىسى ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«ھەقىقەتەن بارلىق ئەمەللەرنىڭ دۇرۇس بولۇشى نىيەتكە باغلىق. ھەقىقەتەن كىشىگە ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ. كىمكى ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ھىجرەت قىلسا، ئۇنى ھىجرىتىدىن ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلىنىڭ رازىلىقىنى تاپىدۇ. كىمكى بۇ دۇنيادا پۇل-مالغا ئېرىشىش ئۈچۈن ياكى خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ھىجرەت قىلغان بولسا، ئۇ ھىجرىتىدىن شۇنى تاپىدۇ.»(بۇخارى 1؛ مۇسلىم 1907؛ رىيازۇس سالىھىن 1)
2- وعن أمِّ المؤمِنينَ أمِّ عبدِ اللهِ عائشةَ رضي الله عنها ، قالت : قالَ رسول اللە  : يغْزُو جَيْشٌ الْكَعْبَةَ فإِذَا كَانُوا بِبَيْدَاءَ مِنَ الأَرضِ يُخْسَفُ بِأَوَّلِهِمْ وآخِرِهِمْ )) . قَالَتْ : قلتُ : يَا رَسُولَ اللهِ ،كَيْفَ يُخْسَفُ بأوَّلِهِمْ وَآخِرِهِمْ وَفِيهمْ أسْوَاقُهُمْ( ) وَمَنْ لَيْسَ مِنْهُمْ ؟! قَالَ : (( يُخْسَفُ بِأَوَّلِهِمْ وَآخِرِهِمْ ثُمَّ يُبْعَثُونَ عَلَى نِيّاتِهمْ )) مُتَّفَقٌ عَلَيهِ . هذَا لَفْظُ الْبُخَارِيِّ .
[2] مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىياللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بىر قوشۇن كەبىگە قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن چىقىپ، بىر دالاغا كەلگەندە قوشۇننىڭ ھەممىسىنى يەر يۇتۇۋېتىدۇ» دېگەن ئىدى، مەن «ئى رەسۇلۇللاھ! قانداقسىگە يەر ئۇلارنى باشتىن ئاخىرى يۇتۇۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇلارنىڭ قاتارىدىن بولمىغان كىشىلەرمۇ، جەڭگە قاتناشمايدىغان بازارچىلارمۇ بار تۇرسا؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«ئۇلارنىڭ باشتىن ئاخىر ھەممىسىنى يەر يۇتۇۋېتىدۇ، كېيىن ئۇلار نىيەتلىرىگە يارىشا تىرىلدۈرىلىدۇ» دېدى.(بۇخارى 2118؛ مۇسلىم 2884؛ رىيازۇس سالىھىن 2)

3- وعن عائِشةَ رضيَ اللهُ عنها ، قَالَتْ : قَالَ النبي : (( لا هِجْرَةَ بَعْدَ  الفَتْحِ ، وَلَكِنْ جِهَادٌ وَنِيَّةٌ ، وَإِذَا اسْتُنْفِرْتُمْ( ) فانْفِرُوا )) مُتَّفَقٌ عَلَيْهِ .
وَمَعناهُ : لا هِجْرَةَ مِنْ مَكّةَ لأَنَّهَا صَارَتْ دَارَ إسلاَمٍ .
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەككىنىڭ فەتھىدىن كېيىن (مەككىدىن مەدىنىگە) ھىجرەت يوقتۇر. لېكىن جىھاد ۋە نىيەت باقىي قالىدۇ. ئەگەر سىلەر جىھادقا چاقىرىلساڭلار، جىھادقا چىقىڭلار.»(بۇخارى 3900؛ مۇسلىم 1864؛ رىيازۇس سالىھىن 3)
4- وعن أبي عبدِ اللهِ جابر بن عبدِ اللهِ الأنصاريِّ رَضي اللهُ عنهما ، قَالَ : كُنَّا مَعَ النَّبيِّ في غَزَاةٍ ، فَقالَ : (( إِنَّ بالمدِينَةِ لَرِجَالاً ما سِرْتُمْ مَسِيراً ، وَلاَ قَطَعْتُمْ وَادِياً ، إلاَّ كَانُوا مَعَكمْ حَبَسَهُمُ الْمَرَضُ )) . وَفي روَايَة : (( إلاَّ شَرَكُوكُمْ في  الأجْرِ )) رواهُ مسلمٌ .
[4] ئەبۇ ئابدۇللاھ جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر غازاتتا بىللە ئىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «مەدىنىدە كېسەل سەۋەبىدىن قېلىپ قالغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. سىلەر قەيەرگە ماڭساڭلار، ھەرقانداق جىلغىدىن ئۆتسەڭلار، ئۇلار سىلەر بىلەن بىللە ھېسابلىنىدۇ.» يەنە بىر رىۋايەتتە: «ئۇلار ساۋابتا سىلەر بىلەن ئورتاقتۇر» دېگەن. (مۇسلىم 1911؛ رىيازۇس سالىھىن 4)
ورواهُ البخاريُّ عن أنسٍ ، قَالَ : رَجَعْنَا مِنْ غَزْوَةِ تَبُوكَ مَعَ النَّبيِّ ، فقال : (( إنَّ أقْواماً خَلْفَنَا بالْمَدِينَةِ مَا سَلَكْنَا شِعْباً( ) وَلاَ وَادياً ، إلاّ وَهُمْ مَعَنَا ؛ حَبَسَهُمُ العُذْرُ )) .
ئىمام بۇخارى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىلەن بىرلىكتە تەبۇك غازىتىدىن قايتقان ئىدۇق. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەدىنىدە نۇرغۇن كىشىلەر كەينىمىزدە قېلىپ قالدى. مەيلى بىز جىلغىلاردىن، مەيلى چىغىر يوللاردىن ماڭايلى، ئۇلار بىز بىلەن بىللە ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار پەقەت ئۆزرىسى سەۋەبلىكلا مەدىنىدە قېلىپ قالدى.»(بۇخارى 2838)
5- وعن أبي يَزيدَ مَعْنِ بنِ يَزيدَ بنِ الأخنسِ ، وهو وأبوه وَجَدُّه صحابيُّون ، قَالَ : كَانَ أبي يَزيدُ أخْرَجَ دَنَانِيرَ يَتَصَدَّقُ بِهَا ، فَوَضعَهَا عِنْدَ رَجُلٍ في الْمَسْجِدِ ، فَجِئْتُ فأَخذْتُها فَأَتَيْتُهُ بِهَا . فقالَ : واللهِ ، مَا إيَّاكَ أرَدْتُ ، فَخَاصَمْتُهُ إِلى رسولِ اللهِ ، فقَالَ : (( لكَ مَا نَوَيْتَ يَا يزيدُ ، ولَكَ ما أخَذْتَ يَا مَعْنُ )) رواهُ البخاريُّ .
[5] مەئىن ئىبنى يەزىد رەزىياللاھۇ ئەنھۇم ـــ ئۇ ئۆزى، دادىسى ۋە بوۋىسى ئۈچىلىسى ساھابىلەردىن ئىدى ـــ دىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: دادام يەزىد سەدىقە قىلىش مەقسىدىدە مەسجىدتىكى بىر كىشىگە دىنارلارنى قويۇپ قويغان ئىكەن. مەن مەسجىدكە كېلىپ بۇ دىنارلارنى ئالدىم، ئاندىن دادامنىڭ يېنىغا باردىم. دادام: ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، مەن ئۇ دىنارلارنى ساڭا بېرىشنى نىيەت قىلمىغانىدىم، دېدى. بىز تالاش – تارتىش قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كەلدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئى يەزىد! ساڭا قىلغان نىيىتىڭ ئۈچۈن ساۋاب بېرىلىدۇ. ئى مەئىن! سېنىڭ ئالغىنىڭ ساڭا تېگىشلىك بولدى» دېدى. (بۇخارى 1422؛ رىيازۇس سالىھىن 5)
6- وعن أبي إسحاقَ سَعدِ بنِ أبي وَقَّاصٍ مالِكِ بنِ أُهَيْب بنِ عبدِ منافِ بنِ زُهرَةَ بنِ كلابِ( ) بنِ مُرَّةَ بنِ كعبِ بنِ لُؤيٍّ القُرشِيِّ الزُّهريِّ ، أَحَدِ العَشَرَةِ( ) المشهودِ لهم بالجنةِ ، قَالَ : جاءنِي رسولُ اللهِ يَعُودُنِي عَامَ حَجَّةِ الوَدَاعِ مِنْ وَجَعٍ اشْتَدَّ بي ، فقُلْتُ : يَا رَسُولَ اللهِ ، إنِّي قَدْ بَلَغَ بي مِنَ الوَجَعِ مَا تَرَى ، وَأَنَا ذُو مالٍ وَلا يَرِثُني إلا ابْنَةٌ لي ، أفأَتَصَدَّقُ بِثُلُثَيْ مَالِي ؟ قَالَ : (( لا )) ، قُلْتُ : فالشَّطْرُ يَا رَسُولَ اللهِ ؟ فقَالَ : (( لا )) ، قُلْتُ : فالثُّلُثُ يَا رَسُولَ اللهِ ؟  قَالَ : (( الثُّلُثُ والثُّلُثُ كَثيرٌ - أَوْ كبيرٌ - إنَّكَ إنْ تَذَرْ وَرَثَتَكَ أغنِيَاءَ خيرٌ مِنْ أنْ تَذَرَهُمْ عَالَةً( ) يتكفَّفُونَ النَّاسَ ، وَإنَّكَ لَنْ تُنفِقَ نَفَقَةً تَبْتَغي بِهَا وَجهَ اللهِ إلاَّ أُجِرْتَ عَلَيْهَا حَتَّى مَا تَجْعَلُ في فِيِّ امْرَأَتِكَ )) ، قَالَ : فَقُلتُ : يَا رسولَ اللهِ ، أُخلَّفُ( ) بعدَ أصْحَابي ؟ قَالَ : (( إِنَّكَ لَنْ تُخَلَّفَ فَتَعملَ عَمَلاً تَبتَغي بِهِ وَجْهَ اللهِ إلاَّ ازْدَدتَ بِهِ دَرَجةً  ورِفعَةً ، وَلَعلَّكَ أنْ تُخَلَّفَ حَتّى يَنتَفِعَ بِكَ أقْوَامٌ وَيُضَرَّ بِكَ آخرونَ . اللَّهُمَّ أَمْضِ لأصْحَابي هِجْرَتَهُمْ ولاَ تَرُدَّهُمْ عَلَى أعقَابهمْ ، لكنِ البَائِسُ سَعدُ بْنُ خَوْلَةَ )) يَرْثي لَهُ رَسُولُ اللهِ أنْ ماتَ بمَكَّة . مُتَّفَقٌ عليهِ . البخاري 1/22 ( 56 ) ، ومسلم 5/71 ( 1628 ) ( 5 ) .
[6] سەئىد ئىبن ئەبۇ ۋەققاس رەزىياللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: ۋىدالىشىش ھەججى يىلى قاتتىق ئاغرىپ ياتقىنىمدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنى يوقلاپ كەلدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كۆرۈپ تۇرغىنىڭدەك، كېسىلىم ئېغىرلىشىپ كەتتى. مەن بولسام مالدار كىشىمەن. قىزىمدىن باشقا مىراسخورۇم يوق. شۇڭا ماللىرىمنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى سەدىقە قىلىۋېتەيمۇ؟ دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق» دېدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇنداقتا، يېرىمىنى سەدىقە قىلايمۇ؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق» دېدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئۇنداقتا، ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلايمۇ؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۈچتىن بىرىنى سەدىقە قىلغىن. ئەسلىدە ئۈچتىن بىرىمۇ كۆپلۈك قىلىدۇ. ۋارىسلىرىڭنى باي ھالەتتە قالدۇرۇشۇڭ، ئۇلارنى كىشىلەرگە قوللىرىنى سوزىدىغان كەمبەغەل ھالەتتە قالدۇرۇپ قويۇشىڭدىن ياخشىدۇر. ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلغان ھەر بىر خىراجىتىڭ ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشىسەن، ھەتتا  ئايالىڭنىڭ ئاغزىغا سالغان لوقما ئۈچۈنمۇ ساۋاب تاپىسەن» دېدى. مەن: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! (سىلەر مەدىنىگە قايتىسىلەر) مەن دوستلىرىمنىڭ كەينىدە قالارمەنمۇ؟ دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «كەينىدە قالمايسەن. ئاللاھنىڭ جامالىنى كۆزلەپ قانداقلا ياخشى ئەمەلنى قىلساڭ، شۇ ئەمىلىڭ سەۋەبلىك (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى) دەرىجەڭ ئېشىپ، مەرتىۋەڭ يۈكسىلىدۇ. ئۈمىدكى، سەن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن. ھەتتا بىر قىسىم كىشىلەر سەندىن مەنپەئەتكە ئېرىشىدۇ، يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئى ئاللاھىم، ساھابىلىرىمنىڭ ھىجرىتىنى تاماملىغىن. ئۇلارنى ئارقىغا چېكىندۈرىۋەتمىگىن. لېكىن، ھەقىقىي ئىچ ئاغرىتىشقا تېگىشلىكى سەئد ئىبنى خەۋلەدۇر.» سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم سەئد ئىبنى خەۋلەنىڭ مەككىدە ۋاپات بولغانلىقىدىن ئېچىندى. (بۇخارى 56، 4409؛ مۇسلىم 1628؛ ئەبۇ داۋۇد 2864؛  مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 3\63؛ ئىبنى ھىببان 7261؛ رىيازۇس سالىھىن 6)
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دەيدۇ: ئالىملارنىڭ بايان قىلىشىچە، سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ راستتىنلا ئۇزۇن يىل ياشىغان ۋە ئون يەتتە ئوغلى، ئون بىر قىزى بولغان...(ئىبنى ئۇسەيمىن:«رىيازۇس سالىھىن شەرھى»،6-ھەدىسنىڭ شەرھىدىن پارچە)

[10] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشىنىڭ جامائەت بىلەن ئوقۇغان نامىزىنىڭ ساۋابى ئۆيىدە ياكى بازاردا ئوقۇغان نامازىدىن يىگىرمە نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىر ئادەم تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، نامازنى كۆڭلىگە پۈكۈپ مەسجىدكە كەلسە ۋە ناماز ئۈچۈنلا ئورنىدىن قوزغالسا، تاكى مەسجىدكە كىرگۈچە بولغان ئارىلىقىتىكى ھەر بىر باسقان قەدىمى ئۈچۈن مەرتىۋىسى بىر دەرىجە كۆتۈرۈلىدۇ. ھەر قەدىمى ئۈچۈن بىر خاتالىقى ئۆچۈرىلىدۇ. مەسجىدكە كىرىپ نامازنى كۈتۈپ ئولتۇرسا، ئۇنىڭغا نامازنىڭ ئىچىدە تۇرغاننىڭ ساۋابى بېرىلىدۇ. بىرىڭلار ناماز ئوقۇغان ئورنىدىن قوزغالمىغان، بىرەرسىگە ئازار بەرمىگەن ۋە تاھارىتى سۇنۇپ كەتمىگەنلا بولسا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ‹ئى ئاللاھ! ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغىن، مەغفىرەت قىلغىن، ئۇنىڭ تەۋسبىسى قوبۇل قىلغىن› دەپ دۇئا قىلىپ تۇرىدۇ.»(بۇخارى؛ مۇسلىم؛ رىيازۇس سالىھىن 10)
[80] ئەبۇ ئۇمارە بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئى پالانچى! سەن (ئۇخلاش ئۈچۈن) ياتىدىغان چېغىڭدا، ‹ئى ئاللاھ! ئۆزۈمنى ساڭا تاپشۇردۇم، سېنىڭ ساۋابىڭنى ئۈمىد قىلىپ، ئازابىڭدىن قورقۇپ، سەن تەرەپكە يۈزلەندىم. ئىشلىرىمنى ساڭا تاپشۇردۇم. ئۆزۈمنىڭ سېنىڭ قوغدىشىڭغا يۆلىدىم. پاناھگاھ ۋە قۇتقۇزغۇچى ئۆزۈڭسەن. سېنىڭ نازىل قىلغان كىتابلىرىڭغا ۋە سەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىڭگە ئىشەندىم› دەپ ياتقىن. ئەگەر شۇ كېچىسى ئۆلۈپ كەتسەڭ، ئىمان بىلەن ئۆلىسەن. ئەگەر، تاڭ ئاتقۇزساڭ ياخشىلىق ئۈستىدە تاڭ ئاتقۇزىسەن.» (بۇخارى 6313،6315؛ مۇسلىم 2710؛ رىيازۇس سالىھىن 80)
بۇخارى ۋە مۇسلىم بەررا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلغان بىر رىۋايەتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ياتىدىغان چېغىڭدا نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئالغىن، ئاندىن ئوڭ تەرىپىڭنى بېسىپ ياتقىن ۋە يۇقىرىدا دېيىلگەندەك دېگىن» دېدى. رەسۇلۇللاھ يۇقارقى دۇئانىڭ ئەينىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن «مۇشۇ دۇئالار شۇ كۈندىكى سۆزلىرىڭنىڭ ئاخىرقىسى بولسۇن» دېدى.(بۇخارى 247؛ مۇسلىم 2710؛ رىيازۇس سالىھىن 80)
[108] ئەبۇ سەفۋان رەزىيەللھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن، ئەمەللىرى ياخشى بولغان كىشىلەردۇر.»(تىرمىزى؛ رىيازۇس سالىھىن 108)
[131] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «مەن سىلەرگە ئاللاھ خاتالىقىڭلارنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدىغان، دەرىجەڭلارنى كۆتۈرىدىغان بىر ئىشتىن خەۋەر بېرەيمۇ؟» دېۋىدى، ساھابىلەر «شۇنداق قىلسىلا، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى!» دېيىشتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«ئېغىرچىلىقلاردىن قەتئىينەزەر تاھارەتنى كامىل ئېلىش، مەسجىدكە كۆپ بېرىش ۋە بىر نامازدىن كېيىن يەنە بىر نامازنى ساقلاش. مانا بۇلار رىباتتا تۇرۇشقا ئوخشاشتۇر.»(مۇسلىم 251؛ رىيازۇس سالىھىن 131)
[133] ئەبۇ مۇسا ئەشئەرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشى ئاغرىپ قېلىش ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇش سەۋەبلىك داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ياخشى ئەمەللىرىنى قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئادەمگە مۇقىملىق ۋە ساغلاملىق ھالىتىدە قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى يېزىلىۋېرىدۇ.»(بۇخارى 2996؛ رىيازۇس سالىھىن 133)
[134] جابىر ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قىلىنغان ھەر بىر ياخشىلىق سەدىقىدۇر.»(بۇخارى 6021؛ مۇسلىم 1005؛ رىيازۇس سالىھىن 134)
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلمان تىككەن دەرەخ ياكى تېرىغان زىرائەتتىن مەيلى ئىنسان، مەيلى ھايۋان، مەيلى قانداقلىكى بىر جانلىق يېسە، بۇلار ئۇنىڭ ئۈچۈن تاكى قىيامەت كۈنىگىچە سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.»
مۇسلىمنىڭ يەنە بىر رىۋايىتىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلمان كۆچەت تىكسە ياكى زىرائەت تېرىسا، ئۇنىڭدىن ئىنسان، ھايۋان ياكى باشقا جانلىق يېسە، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ھېسابلىنىدۇ.» (بۇخارى 2320؛ مۇسلىم 1553)
[136] جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: بەنى سەلەمە قەبىلىسى مەسجىدكە قېيىنراق جايغا كۆچۈپ كەلمەكچى بولدى. بۇ خەۋەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە يەتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇلارغا «سىلەرنىڭ مەسجىدكە يېقىن يەرگە كۆچۈپ كەلمەكچى بولغانلىقىڭلاردىن خەۋەر تاپتىم، راست شۇنداق قىلماقچى بولدۇڭلارمۇ؟» دېدى. ئۇلار:«شۇنداق، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىز شۇنداق قىلماقچى بولدۇق» دېۋىدى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«ئى سەلەمەنىڭ ئەۋلادلىرى! ماكانىڭلاردا تۇرىۋېرىڭلار. باسقان قەدىمىڭلارنىڭ ساۋابى يېزىلىۋېرىدۇ. ماكانىڭلاردا تۇرىۋېرىڭلار! باسقان قەدەملىرىڭلارنىڭ ساۋابى يېزىلىۋېرىدۇ.»(مۇسلىم 664، 665؛ رىيازۇس سالىھىن 136)
يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ھەر بىر قەدەم ئۈچۈن، بىر دەرىجە (يۈكسىلىش) باردۇر.»(بۇخارى 655 تە بۇنىڭغا ئوخشاش مەنادىكى ھەدىسنى ئەنەستىن رىۋايەت قىلغان)
[137] ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ:
كىر كىشى بار ئىدى. ئۆيى مەسجىدكە ئۇنىڭ ئۆيىدىنمۇ يىراق بىرىنى بىلمەيتتىم. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇ كىشى بىرەر ۋاخ نامازنىمۇ قالدۇرۇپ قويماستىن نامازلىرىنى جامائەت بىلەن ئادا قىلاتتى. ئۇنىڭغا «قاراڭغۇدا ۋە ئىسسىقتا مىنىش ئۈچۈن ئېشەكتىن بىرنى سېتىۋالساڭ بولمامدۇ؟» دېيىلدى. بۇنى مەن دېدىم ياكى باشقا بىرى دېدى. ئۇ «ئۆيۈمنىڭ مەسجىدكە يېقىن بولۇشىنى خالىمايمەن. چۈنكى مەن، مەسجىدكە كېلىش ۋە ئۆيۈمگە قايتىش ئۈچۈن باسقان ھەر-بىر قەدىمىمگە ساۋاب يېزىلىشىنى ئارزۇلايمەن» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمغا ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ «ئاللاھ شۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساۋابىنى ساڭا بەردى» دېدى. (مۇسلىم 663؛ رىيازۇس سالىھىن 137)
باشقا بىر رىۋايەتتە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاللاھتىن ئۈمىد قىلغان ساۋاب ساڭا تېگىشلىك بولدى» دېدى.



284- وعن أَبي علي طَلْق بن علي : أنَّ رَسُول الله ، قَالَ : (( إِذَا دَعَا الرَّجُلُ زَوْجَتهُ لحَاجَتِهِ فَلْتَأتِهِ وَإنْ كَانَتْ عَلَى التَّنُور( ) )) . رواه الترمذي والنسائي ، وَقالَ الترمذي : (( حديث حسن صحيح )) .
[284] ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئەر كىشى ئايالىنى بىر ئېھتىياجى ئۈچۈن چاقىرسا، تونۇر بېشىدا بولغان تەقدىردىمۇ ئېرىنىڭ يېنىغا بارسۇن.» (تىرمىزى 1160؛ھەسەن سەھىھ؛ رىيازۇس سالىھىن باغچىسى 284)
285- وعن أَبي هريرة ، عن النَّبيّ ، قَالَ : (( لَوْ كُنْتُ آمِراً أحَداً أنْ يَسْجُدَ لأحَدٍ لأمَرْتُ المَرأةَ أنْ تَسْجُدَ لزَوجِهَا )) رواه الترمذي ، وَقالَ : (( حديث حسن صحيح )) .
[285] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىر ئىنساننى يەنە بىر ئىنسانغا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇيدىغان بولسام ئىدىم، ئايال كىشىنى ئېرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان بولاتتىم.» (تىرمىزى 1159، ھەسەن؛ رىيازۇس سالىھىن 285)
286- وعن أم سَلَمَة رضي الله عنها ، قَالَتْ : قَالَ رسولُ الله: (( أيُّمَا امْرَأةٍ مَاتَتْ ، وَزَوْجُهَا عَنْهَا رَاضٍ دَخَلَتِ الجَنَّةَ )) رواه الترمذي ، وَقالَ : (( حديث حسن )) .
[286] ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قايسى بىر ئايال ئېرى ئۇنىڭدىن رازى بولغان ھالەتتە ۋاپات تاپسا جەننەتكە كىرىدۇ.» (ئىبنى ماجە 1854؛ تىرمىزى 1161؛ ھەسەن ھەدىس؛ ياخشىلار باغچىسىنىڭ 286-ھەدىسى)

[رىيازۇس سالىھىن 791-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئاللاھ قىيامەت كۈنى چوڭچىلىق قىلىپ كىيىمىنى يەرگە سۆرەلدۈرۈپ كىيگەن كىشىنىڭ يۈزىگە (رەھمەت نەزىرى بىلەن) قارىمايدۇ» دېدى. بۇنىڭ بىلەن ئەبۇ بەكر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دىققەت قىلمىسام مېنىڭ كىيىمىمنىڭ ئېتىكى يەرگە سۈرۈلۈپ قالىدۇ» دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا «سەن چوڭچىلىق يۈزىسىدىن شۇنداق قىلىدىغانلاردىن ئەمەس» دېدى.(بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى 3665، ئىمام مۇسلىم 2087 رىۋايەت قىلغان)

[رىيازۇس سالىھىن 792-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئاللاھ قىيامەت كۈنى كىيىمىنىڭ ئېتىكىنى (پۇچقىقىنى) چوڭچىلىق قىلىش يۈزىسىدىن يەرگە سۆرەلدۈرۈۋالىدىغان كىشىنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ،» (بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى 5788، ئىمام مۇسلىم 2087 رىۋايەت قىلغان)

[رىيازۇس سالىھىن 793-نومۇرلۇق ھەدىس]
يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«(ئەرلەر ئۈچۈن) كىيىمنىڭ ھوشۇقتىن ئاشقان قىسىمى دوزاختىدۇر.»(بۇخارى 5787-نومۇرلۇق ھەدىس)

[رىيازۇس سالىھىن 794-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باردۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھ بۇنداقلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى (گۇناھتىن) پاكلىمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن دەھشەتلىك ئازاب (دوزاخ) بار» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى. بۇنىڭ بىلەن ئەبۇ زەر «بۇ كىشىلەر ئازابقا ئۇچراپ ھالاك بولدى. (بۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشى) كىم ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:
(ئۇلار) «ئىشتاننى ئۇزۇن كىيگۈچى، قىلغان ياخشىلىقىغا مىننەت قىلغۇچى، مالىنى يالغان قەسەم بىلەن سېتىشقا ئورۇنغان كىشىدۇر» دېدى.
ئىمام مۇسلىمدىن كەلگەن رىۋايەتتە «ئاستىغا كىيگەن كىيىمىنىڭ ئېتىكىنى (پۇچقىقىنى) يەرگە سۆرەپ كىيگۈچى» دېيىلگەن.(مۇسلىم 106-نومۇرلۇق ھەدىس)

[رىيازۇس سالىھىن 795-نومۇرلۇق ھەدىس]
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«كىيىمنى ئۇزۇن كىيىش بەلنىڭ تۆۋىنىگە كىيىلىدىغان كىيىملەردە، كۆڭلەك ۋە سەللىدە بولىدۇ. كىمكى، بۇلاردىن بىرىنى چوڭچىلىق قىلىش نىيىتىدە يەرگە سۆرىۋالىدىكەن، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنداق كىشىنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ.» (ئەبۇ داۋۇد 4094؛ نەسائى 5327)
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسلەرنى شەرھلەپ مۇنداق دەيدۇ:
كىيىمنى يەرگە سۆرەپ كىيىش ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
بىرىنجىسى: چوڭچىلىق قىلىش، كىبىرلىنىش سەۋەبلىك كىيىمىنى سۆرەپ كىيىش.
ئىككىنجىسى: چوڭچىلىق قىلىش، كىبىرلىنىش مەقسىدى بولمىسىمۇ، كىيىمىنى (ئىشتاننى) ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيىش.
چوڭچىلىق قىلىش، كىبىرلىنىش سەۋەبلىك كىيىمىنى ئۇزۇن كېيىش توغرىسىدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تۆت تۈرلۈك جازانى بايان قىلغان بولۇپ، بۇ جازالار ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىگە سۆز قىلماسلىقى، ئۇنىڭغا رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىماسلىقى، ئۇنى گۇناھلىرىدىن پاكلىماسلىقى (يەنى مەغفىرەت قىلماسلىقى) ۋە ئۇنى دەھشەتلىك ئازابنىڭ كۈتۈك تۇرۇشى قاتارلىقلار. چوڭچىلىق قىلىش ۋە كىبىرلىنىش يۈزىسىدىن كىيىمىنى سۆرەلدۈرۈپ كىيگۈچىلەرنى ساقلاۋاتقان تۆت تۈرلۈك جازا مانا شۇدۇر.
ئەبۇ بەكرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ھەدىسنى ئاڭلاپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دىققەت قىلمىسام كىيىمىمنىڭ بىر تەرىپى ساڭگىلىۋالىدۇ؟ ئەجەبا بۇ تەھدىت مېنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟» دەپ سورىغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سەن چوچڭچىلىق قىلىپ كىيىمىنى سۆرەلدۈرۈۋالىدىغانلاردىن ئەمەسسەن» دەپ، ئەبۇ بەكرىنىڭ دىققەت قىلمىسا كىيىمىنىڭ سۆرۈلۈپ قېلىشىنىڭ كىبىر يۈزىسىدىن ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان. يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان جازا چوڭچىلىق قىلىپ كىبىرلەنگەنلەر ئۈچۈن.
چوڭچىلىق قىلىش نىيىتى بولمىسىمۇ، ئىشتاننى ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيىدىغانلارغا بېرىلىدىغان جازا چوڭچىلىق قىلىپ ئىشتاننى ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيىدىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يېنىكتۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان «ئىشتاننىڭ ھوشۇقتىن ئاشقان قىسىمى دوزاخ ئوتىدا»(بۇخارى 5787-نومۇرلۇق ھەدىس) دېگەن ھەدىستە پەقەت بىرلا جازا بايان قىلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ جازا بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە بېرىلمەستىن، پەقەتلا ئىشتاننى ھوشۇقنىڭ ئۈستىدە كىيىش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھوشۇقىنىڭ ئاستىغا بېرىلىدۇ. كىيىمنىڭ ئېتىكى ياكى پۇچقىقى ھوشۇقتىن ئېشىپ كەتسە، دوزاختا كۆيىدىغىنى پەقەتلا ھوشۇقنىڭ ئاستىنقى قىسىمى بولىدۇ. دېمەك، چوڭچىلىق قىلماستىن ئىشتاننى ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيگەنلەرگە بېرىلىدىغان جازا پۈتۈن بەدەنگە ئەمەس، پەقەت ھوشۇقنىڭ ئاستىغا بولىدۇ.
بەدەننىڭ پەقەتلا مەلۇم بىر قىسىمىنىڭ ئازابلىنىدىغانلىقى مەسىلىسىگە ھەيران قالماسلىق لازىم. چۈنكى، بۇخارى ۋە مۇسلىمدا كەلگەن بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (بەزى) ساھابىلەرنىڭ (سەپەردە) تاھارەت ئېلىپ ھوشۇقلارنى كامىل يۇماي قالغىنىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا يۇقىرى ئاۋازدا «(يۇيۇلماي چالا قالغان) ھوشۇقلارغا دوزاخ ئازابىدىن ۋاي» دېگەن.(بۇخارى 163؛ مۇسلىم 240) بۇ يەردە جازانىڭ پەقەتلا ھوشۇق بىلەن، يەنى كامىل يۇيۇلمىغان ھوشۇق سۆڭىكى بىلەن چەكلىنىدىغانلىقى بىلىنمەكتە. دوزاخ ئازابىدا جالاش بەدەننىڭ ھەممە يېرىنى تولۇق كۆيدۈرۈش بىلەنمۇ بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك، چەكلەنگەن ياكى بۇيرۇلغان مەلۇم بىر ئىشقا خىلاپلىق قىلىش سەۋەبلىك پەقەتلا بەدەننىڭ مەلۇم بىر قىسىمىنى كۆيدۈرۈش بىلەنمۇ بولىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، يالغۇز ھوشۇقنىڭلا كۆيدۈرۈلۈشىنىڭ چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھېچ يېرى يوق.
بۇ يۈزدىن، «ئىشتاننى كىبىر سەۋەبلىك ئۇزۇن كىيىش ھارام، كىبىرسىز ھالدا ئۇزۇن كىيىش مەكرۇھ» دېگەن ھۆكۈمنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالىمىز. توغرىسى شۇكى، كىيىمنى مەيلى كىبىرلىنىپ، چوڭچىلىق قىلىش سەۋەبلىك ئۇزۇن كىيگەن بولۇش بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئىشتاننى ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كىيىش بەرىبىر ھارام. چۈنكى، ئاللاھ بەزى ئالاھىدە جازالارنى بەلگىلىگەن گۇناھلار چوڭ گۇناھلار ھېسابلىنىدۇ. كىيىمنى ئۇزۇن كىيىش مەسىلىسىدە دەل بەزى ئالاھىدە جازالار بايان قىلىنغان. ئىشتاننى چوڭچىلىق قىلىش نىيىتىدە بولماستىن ھوشۇقتىن ئاشۇرۇپ كەيسە، بۇنىڭ جازاسى (ھوشۇقنىڭ) دوزاخ ئوتىدا كۆيۈشىدۇر. چوڭچىلىق قىلىش ۋە كىبىرلىنىش مەقسىدىدە ئۇزۇن كىيگەن بولسا، بۇنىڭ جازاسى قىيامەت كۈنىدە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا سۆز قىلماسلىقى، ئۇنىڭغا رەھمەت نەزىرىدە باقماسلىقى، ئۇنى گۇناھلىرىدىن پاكلىماسلىقى ۋە ئۇنىڭ دەھشەتلىك ئازابقا دۇچار بولۇشىدىن ئىبارەت جەمئىي تۆت جازا بولىدۇ.
مۇئەللىم ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىنى بايان قىلغان. بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۈچ تۈرلۈك كىشى باردۇر، قىيامەت كۈنى ئاللاھ بۇنداقلارغا گەپ قىلمايدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزىگە قارىمايدۇ ۋە ئۇلارنى (گۇناھتىن) پاكلىمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن دەھشەتلىك ئازاب (دوزاخ) بار» دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يۇقارقى سۆزىنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىشىدىكى سەۋەب ئىنسانلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، سۆزنى ئايىقى ئۈزۈلگەن ھالەتتە ئېيتىش، بولۇپمۇ تەكرار ئېيتىش كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ بەك تارتىدۇ. دىققىتى سۆزلەنمەكچى بولغان سۆزگە تارتىلغاندا، ئىنسانلار سۆزنىڭ ئاخىرىنى-تەپسىلاتىنى ۋە چۈشەندۈرۈلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
بۇ سەۋەبلىك، ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «زىيانغان ئۇچراپ ھالاك بولغان بۇ كىشىلەر كىملەر ئىي ئاللاھنىڭ رەسۇلى!» دەپ سورىغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (ئۇلار) «ئىشتىنىنى ئۇزۇن كىيگەن (ئەر) لەر، قىلغان ياخشى ئىشىغا مىننەت قىلغانلار ۋە مېلىنى يالغان قەسەم بىلەن سېتىشقا ئورۇنغانلاردۇر» دېگەن. (مۇسلىم 106-نومۇرلۇق ھەدىس)
بىرىنجىسى: چوڭچىلىق قىلىپ كىيىمىنى يەرگە سۆرەپ كىيگەن كىشىدۇر.
ئىككىنجىسى: بەرگەن نەرسىسىگە مىننەت قىلغان كىشىدۇر. مەسىلەن، بىرسىگە بىر ياخشىلىق قىلغان بولسا «ساڭا مۇنداق مۇنداق ياخشىلىق قىلغان ئىدىم» دەيدىغانلاردۇر. مىننەت قىلىش گۇناھى كەبىرىدۇر. چۈنكى، يۇقارقى ھەدىستە بۇنىڭ بېرىلىدىغان تەھدىت ۋە جازا بايان قىلىنغان. شۇنداقلا، مىننەت قولغان كېلىپ بولغان ساۋابنى يوق قىلىۋېتىدۇ. چۈنكى، ئايەتتە «بەرگەن سەدىقىلىرىڭلارنى مىننەت قىلىش ۋە (قوبۇل قىلغۇچىنىڭ) كۆڭلىنى رەنجىتىش بىلەن بىكار قىلىۋەتمەڭلار» دېىلگەن.
ئۈچىنجىسى، مېلىنى يالغان قەسەم بىلەن سېتىشقا ئورۇنۇشتۇر. يالغاندىن قەسەم قىلىش بىلەن مېلىنىڭ باھاسىنى ئاشۇرۇشقا ئورۇنۇشتۇر. مەسىلەن، سەككىز لىراغا ئالغان بىر نەرسىنى «ۋاللاھى، ئون لىراغا ئالغانتىم» دەيدىغانلاردۇر. ياكى، «ۋاللاھى، مالنى ئون لىرا قىلدى، بەرمىدىم» دېگەندەك يالغان قەسەم بىلەن مېلىنى ساتماقچى بولغانلاردۇر. بۇلار يۇقاردا تىلغا ئېلىنغان تۆت جازاغا (بىراقلا) ئۇچرايدىغان كىشىلەردۇر. (قىيامەتتە) ئاللاھ بۇ ئۈچ تۈرلۈك كىشى بىلەن گەپلەشمەيدۇ، ئۇلارغا قارىمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ، ئۇلار دەھشەتلىك ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ بىزنى بۇنداق گۇناھلارنى قىلىشتىن ۋە بۇنداق جازالارغا ئۇچراشتىن مۇھاپىزە قىلسۇن.
[ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «رىيازۇس سالىھىن شەرھى» 3-جىلد، 444 ~ 448-بەتلەر]

[1341] عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ رَ ضِيَ اَللَّهُ عَنْهُ قَالَ: قَالَ رَسُولُ اَللَّهِ ‏- صلى الله عليه وسلم ‏ " مَنْ مَاتَ وَلَمْ يَغْزُ, وَلَمْ يُحَدِّثْ نَفْسَهُ بِهِ, مَاتَ عَلَى شُعْبَةٍ مِنْ نِفَاقٍ" رَوَاهُ مُسْلِمٌ(1910)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئېيتقان:«كىمكى جىھاد قىلماستىن ۋە جىھاد قىلىشنى ئارزۇ قىلماستىن ئۆلسە، نىفاقنىڭ بىر تۈرى ئۈستىدە ئۆلىدۇ.» (بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان؛ 1910-نومۇرلۇق ھەدىس؛ رىيازۇس سالىھىن 1341)
شەرھ:
مۇھەددىس ئالىم سەفىييۇرراھمان مۇبارەكفۇرى «بۇلۇغۇلمەرام شەرھى» دە بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن:
«جىھاد» نىڭ لۇغەت مەنىسى قىيىنچىلىق ۋە غەيرەت كۆرسىتىشتە مۇبالىغە مەنىسىدە بولۇپ؛ جىھادنىڭ شەرئىي مەنىسى: دىننى مۇداپىئە قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن كاپىرلارنىڭ ۋە ئاسىيلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى جەھەتتە غەيرەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
«غازات قىلماستىن ۋە غازات قىلىشنى ئارزۇ قىلماستىن ئۆلسە» يەنى دىن دۈشمەنلىرى بىلەن ئۇرۇشماستىن ئۆلسە ۋە ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشۇش ئىمكانى تېپىلغان، بۇنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشنى خالىمىسا ۋە بۇنى نىيەت قىلمىسا «نىفاقنىڭ بىر تۈرى ئۈستىدە ئۆلىدۇ.»

[1392] وعن عبد الله بن عمرو بن العاص رضي الله عنهما قال‏:‏ سمعت رسول الله صلى الله عليه وسلم يقول‏:‏ ‏«‏إن الله لا يقبض العلم انتزاعًا ينتزعه من الناس ولكن يقبض العلم بقبض العلماء حتى إذا لم يبقِ عالمًا، اتخذ الناس رءوسًا جهالا، فسئلوا فأفتوا بغير علم، فضلوا وأضلوا‏.»
ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«ئاللاھ تائالا ئىلىمنى ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدىن تارتىۋېلىش بىلەن ئېلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن، ئالىملارنىڭ ۋاپاتى ئارقىلىق ئېلىپ كېتىدۇ. ئالىم قالمىغان چاغدا، كىشىلەر جاھىل داموللاملارنى باشچى قىلۋالىدۇ. ئۇ جاھىل داموللاملاردىن پەتىۋا سورالسا ئىلىمسىز ھالدا پەتىۋا بېرىپ، ئۆزىنىمۇ، باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ.» (بۇخارى 98؛ مۇسلىم 4828؛ رىيازۇس سالىھىن 1392؛ تىرمىزى 2652؛ ئىبنى ماجە)


ئىمام نەۋەۋىنىڭ «سالىھلار باغچىسى» ناملىق ھەدىس كىتابىنىڭ «چەكلەنگەن ئىشلار بۆلۈمى»، غەيۋەتنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى تىلنى ساقلاش بۇيرۇقى بابىدىن

«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
وعن أبي هريرة رضي الله عنه عن النبي صلى الله عليه وسلم قال‏:‏ «من كان يؤمن بالله واليوم الآخر، فليقل خيرًا، أو ليصمت.» ‏(‏‏(‏متفق عليه‏)‏‏)‏‏.‏
 [1511] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ئىمان ئېيتسا ياخشى سۆز قىلسۇن، بولمىسا جىم تۇرسۇن.» (بۇخارى 5994؛ مۇسلىم 67؛ سالىھلار باغچىسى 1511)
ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دېگەن: (وهذا صريح أنه ينبغي أن لا يتكلم إلا إذا كان الكلام خيرًا، وهو الذي ظهرت مصلحته، ومتى شك في ظهور المصلحة، فلا يتكلم‏.) بۇ ھەدىس سۆزنىڭ ياخشى سۆز بولغاندىلا ئاندىن سۆزلىنىشى كېرەكلىكىگە ئېنىق دەلىل بولىدۇ. ياخشى سۆز دېگەن پايدىسى ئېنىق بولغان سۆزدۇر. پايدىسى بولۇش ياكى بولماسلىقى توغرىسىدا ئىككىلىنىلگەن سۆز سۆزلەنمەسلىكى كېرەك.
ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە ئېيتقانلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە: سۆزنىڭ ياخشى بولىشى ئىككى شەكىلدە بولىدۇ. بىرىنجى: ئەسلى زاتىدىنلا ياخشى ھېسابلىنىدىغان سۆز. مەسىلەن، قۇرئان كەرىم ئوقۇش، تەسبىھ ئېيتىش، تەكبىر ئېيتىش، لائىلاھە ئىللەللاھ ۋە باشقا زىكىرلەر، ئىلىم ئۆگىنىش... (قاتارلىقلار)
ئىككىنجى: سۆزنىڭ ئۆزى ياخشى سۆز ھېسابلانماستىن (مۇباھ) ھېسابلىنىدىغان، شۇ سۆزدىن كېلىدىغان نەتىجە ياخشىلىق بولىدىغان سۆز. بۇ مۇباھ ھېسابلانغان بىر سۆزنىڭ پايدىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ھېسابلىنىدۇ. (مەسىلەن) يېنىڭدا ئولتۇرغان كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنىڭ ئىللىشىغا، خوش بولۇشىغا ۋە ئارىسدا دوستلۇقنىڭ ئورنىتىلىپ، يېيىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان سۆزلەر.... (مۇشۇ تۈردىندۇر.) چۈنكى، ئىنسان بىر يەردە ئولتۇرغاندىن باشلاپ تاكى ئايرىلغۇچە گەپ قىلماي جىم تۇرۇۋالسا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن زېرىكىدۇ، ئۇنى ياخشى كۆرمەيدۇ ۋە «بۇ ئادەم بەك توڭ، چىرايلىق پاراڭلىشىشنى بىلمەيدۇ» دەيدۇ. مۇباھ ھېسابلانغان گەپلەرنى دېيىشىڭ قېرىنداشلىق رىشتىسىنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىسى بولىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە شۇنىڭغا دىققەت قىلىنىشى كېرەككى، ئىنسانلارنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش توغرا ئەمەس. چۈنكى، بۇ ھەقتە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشىلەرنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن يالغان سۆزلىگۈچىنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي.» (مۇسنەد ئەھمەد 5\7؛ ئەبۇ داۋۇد 4388؛ تىرمىزى 2237)(ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن «سالىھلار باغچىسى شەرھى»5\90)
وعن سفيان بن عبد الله رضي الله عنه قال‏:‏ قلت يا رسول الله حدثني بأمر أعتصم به قال‏:‏«قل ربي الله ثم استقم‏» قلت‏:‏ يا رسول الله ما أخوف ما تخاف علي‏؟‏ فأخذ بلسان نفسه، ثم قال‏:‏ «هذا»‏.‏ رواه الترمذي وقال حديث حسن صحيح‏.‏
[1517] سۇفيان ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: «مەن (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە) ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ماڭا مەھكەم ئېسىلىشىم كېرەك بولغان بىر ئىشنى دەپ بەرگەن بولسىلا» دېدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «رەببىم ئاللاھتۇر دېگىن. ئاندىن توغرا يولدا مۇستەھكەم تۇرغىن» دېدى. مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى، مەن ئۈچۈن ھەممىدىن بەك قورقىدىغانلىرى قايسى» دەپ سورىۋىدىم، تىلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ «مانا بۇ» دېدى. (مۇسنەد ئەھمەد 3\413؛ تىرمىزى 2334؛ ئىبنى ماجە؛ ئىمام نەۋەۋى بۇ ھەدىسنى تىرمىزى رىۋايەت قىلىپ ھەسەن سەھىھ دېگەن دەپ قەيت قىلغان؛ سالىھلار باغچىسى 1517-نومۇرلۇق ھەدىس)
وعن أبي موسى رضي الله عنه قال‏:‏ قلت‏:‏ يا رسول الله أي المسلمين أفضل‏؟‏ قال‏:‏ ‏ "‏من سلم المسلمون من لسانه ويده‏"‏‏.‏ ‏(‏‏(‏متفق عليه‏)‏‏)‏‏.
ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قايسى مۇسۇلمان ئەڭ ئۈستۈن؟» دەپ سورىدىم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم:«مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ تىلىدىن ۋە قولىدىن سالامەت قالغان مۇسۇلمان (ئەڭ ئۈستۈن)» دېدى.(بۇخارى 10؛ مۇسلىم 57؛ سالىھلار باغچىسى 1512)
وعن سهل بن سعد قال‏:‏ قال رسول الله صلى الله عليه وسلم‏:‏ ‏ "‏من يضمن لي ما بين لحييه، وما بين رجليه أضمن له الجنة‏"‏ ‏(‏‏(‏متفق عليه‏)‏‏)‏‏.‏
[1513] سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم ماڭا ئىككى ئېڭىكى ئارىسىدىكى (يەنى تىلى) بىلەن ئىككى پاچىقى ئارىسىدىكى (جىنسىي ئەزاسىنى) ساقلاشقا ۋەدە بەرسە، مەن ئۇنىڭغا جەننەتنى ۋەدە بېرىمەن.» (بۇخارى 5993؛ سالىھلار باغچىسى 1514)

[1578] ۋاسىلە ئىبنى ئەسىائ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قېرىندىشىڭنىڭ بېشىغا كەلگەن مۇسىبەتتىن خۇش بولما! (ئۇنداق قىلساڭ) ئاللاھ ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىپ (ئۇ مۇسىبەتتىن ئۇنى قۇتقۇزىدۇ)، ساڭا بىر مۇسىبەت بېرىدۇ.»(تىرمىزى 2430)

مۇئەييەن بىر نەسەبكە تىل ئۇزۇتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى
[1579] ئەبۇ ھۇرەيرەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىىشلەر ئارىسىدا تارالغان ئىككى ئىش باركى، بۇلار كۇفۇر (ئەھلىگە ئائىت ئىشلاردىندۇر): نەسەبكە تىل تەگكۈزۈش ۋە ئۆلۈككە ئاھ-پەرياد ئۇرۇش.» (مۇسلىم 100)

ئالدامچىلىقنىڭ ۋە ھىيلە ئىشلىتىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى
[1581] يەنە ئەبۇ ھۇرەيرەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«يالغان خېرىدار بولماڭلار.» (بۇخارى 1996؛ مۇسلىم 2533؛ رىيازۇس سالىھىن 1581)
[1582] ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان:«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يالغاندىن خېرىدار بولۇشنى چەكلىدى.» (بۇخارى 1998؛ مۇسلىم 2792؛ رىيازۇس سالىھىن 1583)
[1583] يەنە ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە سودىدا ئالدانغانلىقىنى ئېيتتى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇنىڭغا «كىم بىلەن سودىلاشساڭ ‹ھىيلە ئىشلىتىش بولمىسۇن› دېگىن» دېدى. (بۇخارى 2230؛ مۇسلىم 2863؛ رىيازۇس سالىھىن 1583)
[1584] ئەبۇ ھۇرەيرەدىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم بىرىنىڭ ئايالىنى (يولدىشىغا قارشى) كۈشكۈرتسە، ۋەيا قۇلىنى (خوجايىنىغا قارشى) كۈشكۈرتسە بىزدىن ئەمەس.» (ئەبۇ داۋۇد 4502؛ رىيازۇس سالىھىن 1584)

(قوشۇمچە ماۋزۇ: ئىسلامدا قۇل ئازاد قىلىش)
بىر كۈنى قۇلۇمنى قامچام بىلەن ئۇرۇۋاتاتتىم، ئارقا تەرىپىمدىن «ئى ئەبۇ مەسئۇد! بىلىپ قويغىنكى...» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. بىراق، غەزەپناكلىقىم سەۋەبلىك ئۇ سۆزنى تولۇق ئاڭلىيالمىدىم. ئاۋاز يېقىنلاشقىنىدا، كۆردۈمكى رەسۇلۇللاھ قارىشىمدا تۇرۇپ ماڭا شۇنداق دەۋاتاتتى:«ئى ئەبۇ مەسئۇد! بىلىپ قويغىنكى، ئاللاھنىڭ كۈچى ساڭا سېنىڭ بۇ قۇلغا كۈچۈڭ يەتكىنىدىن بەكراق يېتىدۇ.» مەن شۇندىلا «بۇنىڭدىن كېيىن ھېچبىر قۇلنى ئەسلا ئۇرمايمەن» دېدىم.
بىر رىۋايەتتە «رەسۇلۇللاھنىڭ ھەيۋىتىدىن قامچا قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى» دېگەن لەۋىز ئارتۇق كەلگەن. (مۇسلىم 3135 ؛ رىيازۇس سالىھىن 1605)
يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق كەلگەن: مەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئەمدى بۇ قۇل ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئازادتۇر» دېدىم. رەسۇلۇللاھ ماڭا مۇنداق دېدى:«ئەگەر بۇنداق قىلمىغان بولساڭ جەھەننەم ئوتى سېنى ئورىۋالاتتى-ياكى سېنى كۆيدۈرەتتى-دېدى.» (مۇسلىم 3136)

(ھالاك قىلغۇچى يەتتە گۇناھ)
[1615] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ھالاك قىلغۇچى يەتتە خىل گۇناھتىن ساقلىنىڭلار» دېدى. ساھابىلەر «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇلار قايسى گۇناھلاردۇر؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى:«(ئۇلار) ئاللاھقا شېرىك قوشۇش، سېھىرگەرلىك (داخانلىق، باخشىملىق، ئىسسىتقۇ-سويۇتقۇ) قىلىش، ئاللاھ ھارام قىلغان جاننى ھەقسىز ئۆلتۈرۈش، جازانە يېيىش، يېتىمنىڭ مېلىنى يېيىش، ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىش؛ ئىپپەتلىك، مۆمىنە ئاياللارغا زىنا بىلەن بۆھتان چاپلاش.»(بۇخارى 2560؛ مۇسلىم 129)(پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«سېھىر (داخانلىق، باخشىملىق) قىلغۇچىنىڭ جازاسى قىلىچ بىلەن بوينىغا ئۇرۇشتۇر.»(تىرمىزى 353))(پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇسۇلماننى ئۆلتۈرۈش پەقەت مۇنۇ ئۈچ خىل ھالدىلا دۇرۇس بولىدۇ: ئۆيلەنگەن تۇرۇپ زىنا قىلىش، جانغا قارشى جان، ۋە دىنىنى تەرك قىلىپ (مۇسۇلمان) جامائىتىدىن ئايرىلىپ (مۇرتەد بولۇش).» (بۇخارى 6370، مۇسلىم 3175)

زىنانىڭ تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭدىن ساقلىنىش

[1623] ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئادەم بالىسىنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى پۈتۈۋېتىلگەن. ئۇ بۇنى مۇتلەق ئورۇندايدۇ. كۆزنىڭ زىناسى قاراش، قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاش، تىلنىڭ زىناسى سۆزلەش، قولنىڭ زىناسى تۇتۇش، پۇتنىڭ زىناسى مېڭىشتۇر. قەلب ئارزۇلاپ-تەلەپ قىلىدۇ. جىنسىي ئەزا بۇنى ياكى قوبۇل قىلىدۇ، ياكى رەت قىلىدۇ.» (بۇخارى 5774؛ مۇسلىم 4802؛ رىيازۇس سالىھىن 1623)
ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن:
«ئادەم بالىسىنىڭ زىنادىن نېسىۋىسى پۈتۈۋېتىلگەن.» يەنى، ئاللاھ تالا ساقلىغان كىشىلەردىن باشقا ئىنسانلار مۇتلەق زىناغا چۈشىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئادەم بالىلىرىنىڭ زىناغا چۈشىشىگە ئۆرنەك بېرىپ مۇنداق دېگەن:«كۆزنىڭ زىناسى قاراش.» يەنى ئۆزىگە مەھرەم ھېسابلانمايدىغان يات ئايالغا قاراشتۇر. يات ئايالغا شەھۋەتسىز ھالەتتە قارىسىمۇ بەرىبىر ئوخشاشلا زىنانىڭ بىر تۈرى، يەنى كۆز زىناسى ھېسابلىنىدۇ. «قۇلاقنىڭ زىناسى ئاڭلاش.» مەسىلەن، ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ (ياكى ئايال كىشى ئەر كىشىنىڭ) ئاۋازىنى لەززەت ئېلىپ تىڭشىشى قۇلاق زىناسىدۇر. «قولنىڭ زىناسى تۇتۇش.» يەنى قول بىلەن تۇتۇش، قولىنى تەگكۈزۈش ۋە باشقىلار. «پۇتنىڭ زىناسى مېڭىشتۇر.» يەنى ئىنساننىڭ (كۆز، تىل، قۇلاق، قەلب، ياكى جىنسى ئەزا) زىناسى بولىدىغان جايلارغا مېڭىشى پۇت زىناسىدۇر. مەسىلەن، بىر ئايالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ياكى ئۇ ئايالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا مېڭىش زىنانىڭ بىر پارچىسىدۇر. بۇ پۇتلارنىڭ زىناسىدۇر. «قەلب ئارزۇلاپ، تەلەپ قىلىدۇ» يەنى قەلبنىڭ ئاياللارغا باغلىنىشى ۋە ئاياللارغا مايىل بولۇشى قەلب زىناسىدۇر. «جىنسىي ئەزا ياكى بۇنى قوبۇل قىلىدۇ» يەنى قىلىدۇ، «ياكى رەت قىلىدۇ» يەنى بەربات قىلىدۇ. يەنى جىنسىي ئەزا زىنا قىلسا، پۈتكۈل ئورگانلارنىڭ زىناسىنى قوبۇل قىلغان، تەستىقلىغان ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر جىنسىي ئەزا زىنا قىلمىسا، زىنادىن ئۇزاق تۇرۇپ ئۆزىنى قورۇسا بۇ باشقا ئەزالارنىڭ زىناسىنى رەت قىلىپ، بىكار قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ھەدىس ئاياللارغا مايىل بولۇشقا، يەنى ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاشقا، ئۇلارغا قاراشقا، ئۇلارنى تۇتۇپ-تېگىشىشكە، ئۇلارغا قاراپ مېڭىشقا، قەلىبنىڭ ئۇلارغا باغلىنىشىغا نىسبەتتەن ناھايىتى دىققەتلىك بولۇشقا ۋە بۇلاردىن ساقلىنىشقا تەشۋىق قىلماقتا. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى زىنانىڭ تۈرلىرىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئەقىللىق ۋە نومۇسچان ئىنسان، بۇ ئەزالىرىنىڭ ھەر قانداق بىرى سەۋەبلىك زىناغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئىنسان نەپسىدە بۇنداق بىر ئازرۇنى ھېس قىلسا دەر ھال بۇ ئارزۇسىنى يوققا چىقىرىشى كېرەك. چۈنكى، شەيتان ئىنساننىڭ تۇمۇرىدا قاننىڭ ئاققىنىدەك ئېقىپ تۇرىدۇ. نامەھرەمگە قاراشمۇ شەيتاننىڭ زەھەرلىك ئوقلىرىدىن بىرىدۇر. بەزىدە، ئەر كىشى بىر ئايالغا قارايدۇ، ئەمما تۇنجى قاراشتا نەپسى ئۇ ئايالغا باغلانمايدۇ. ئەمما، ئىككىنجى، ئۈچىنجى رەت قاراشلار سەۋەبلىك، ئاقىۋەتتە قەلبى ئۇ ئايالغا مايىل بولۇپ، باغلىنىپ قالىدۇ ۋە سەۋداغا چۈشۈپ-ئاللاھ ساقلىسۇن- ئۇ ئايالدىن باشقىنى ئويلىمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. قوپسىمۇ، ئولتۇرسىمۇ ئۇ خوتۇننى خىيال قىلىدۇ-دە، ئاقىۋەتتە يامانلىق ۋە پىتنە مەيدانغا چىقىدۇ. ئاللاھ تائالادىن ھەر تۈرلۈك يامانلىقلارغا مۇپتىلا بولۇپ قېلىشتىن پاناھلىق تىلەيمىز.(‹menhej.blogspot.com›دىن ئېلىندى)


Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر