تەۋھىدكە ئالاقىدار سەھىھ ھەدىسلەر
تەۋھىدكە
ئالاقىدار سەھىھ ھەدىسلەر
«فۇرقان
دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
ئىزدەش كەلىمىلىرى: تەۋھىد-ئەقىدە؛ تەۋھىد توغرىسىدىكى ھەدىسلەر؛ تەۋھىد جەۋھەرلىرى
عن أَبي هريرة قَالَ رسول الله (( خَيْرُ
يَومٍ طَلَعَتْ عَلَيْهِ الشَّمْسُ يَوْمُ الجُمُعَةِ : فِيهِ خُلِقَ آدَمُ ،
وَفِيهِ أُدْخِلَ الجَنَّةَ ،
وَفِيهِ أُخْرِجَ مِنْهَا )) رواه مسلم
ھۈزەيفە رەزىيەللاھۇئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىدۇ:كىيىمنىڭ كەشتىلىرى ئۆچۈپ كەتكەندەك، ئىسلام دىنىمۇ ئۆچۈپ كېتىدۇ، ھەتتا روزا نېمە؟ ناماز نېمە؟ ھەج نېمە؟ ۋە سەدىقە نېمە بىلىنمەيدۇ، كېچىدە ئاللاھنىڭ كىتابىغا ئالدىرايدۇ، زېمىندا ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ئايەتمۇ قالمايدۇ، ئىنسانلاردىن ياشانغان، ئاجىز بىر قىسىم كىشىلەر قالىدۇ، ئۇلار: بىز ئاتا-بوۋىلىرىمىزدىن "ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق" دېگەن سۆزنى ئاڭلىغانتۇق، بىزمۇ شۇنداق دەيمىز، دەيدۇ. سىلە دېگەن كىشى ھۈزەيفە رەزىيەللاھۇئەنھۇغا: ئۇلار ناماز، روزا، ھەج، زاكاتنى بىلمىسە، "ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق" دېگەن سۆز ئۇلاردىن نېمىنى بىھاجەت قىلىدۇ؟ دېگەندە، ھۈزيفە ئۇ كىشىدىن يۈزىنى ئۆرۈيدۇ، ئۇ كىشى بۇ سۆزنى ھۈزەيفىگە ئۈچ قېتىم تەكرارلىغاندا ھەر قېتىمدا ھۈزەيفە ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرۈيدۇ، ئاندىن ئۈچىنچى قېتىمدا ھۈزەيفە ئۇنىڭغا يۈزلىنىپ: ئى سىلە! بۇ سۆز ئۇلارنى دوزاختىن قۇتقۇزىدۇ دەپ ئۈچ قېتىم دەيدۇ. [ئىبنى ماجە رىۋايىتى4049. بۇ ھەدىسنى بۇسەيرى سەھىھ دەپ "مىسباھ ئەززۇجاجە" 2-توم، 291-بەتتە كەلتۈرگەن. ئەلبانى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى 1-توم 171-بەتتە سەھىھ دەپ باھالىغان].
عَنْ حُذَيْفَةَ بْنِ الْيَمَانِ، قَالَ: قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: (يَدْرُسُ الْإِسْلَامُ كَمَا يَدْرُسُ وَشْيُ الثَّوْبِ، حَتَّى لَا يُدْرَى مَا صِيَامٌ، وَلَا صَلَاةٌ، وَلَا نُسُكٌ، وَلَا صَدَقَةٌ، وَلَيُسْرَى عَلَى كِتَابِ اللَّهِ عَزَّ وَجَلَّ فِي لَيْلَةٍ، فَلَا يَبْقَى فِي الْأَرْضِ مِنْهُ آيَةٌ، وَتَبْقَى طَوَائِفُ مِنَ النَّاسِ الشَّيْخُ الْكَبِيرُ وَالْعَجُوزُ، يَقُولُونَ: أَدْرَكْنَا آبَاءَنَا عَلَى هَذِهِ الْكَلِمَةِ، لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، فَنَحْنُ نَقُولُهَا ) .
فَقَالَ لَهُ صِلَةُ: مَا تُغْنِي عَنْهُمْ: لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ، وَهُمْ لَا يَدْرُونَ مَا صَلَاةٌ، وَلَا صِيَامٌ، وَلَا نُسُكٌ، وَلَا صَدَقَةٌ؟
فَأَعْرَضَ عَنْهُ حُذَيْفَةُ، ثُمَّ رَدَّهَا عَلَيْهِ ثَلَاثًا، كُلَّ ذَلِكَ يُعْرِضُ عَنْهُ حُذَيْفَةُ.
ثُمَّ أَقْبَلَ عَلَيْهِ فِي الثَّالِثَةِ، فَقَالَ: ( يَا صِلَةُ ، تُنْجِيهِمْ مِنَ النَّارِ) ثَلَاثًا. رواه ابن ماجه (4049) وصححه البوصيري في "مصباح الزجاجة" (2/ 291) ، وصححه الألباني في "سلسلة الأحاديث الصحيحة" (1/171) .
بۇخارىيدا رىۋايەت قىلىنغان(2581)- ھەدىسدە، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: جەننەتتە يۈز مەرتىۋە
باردۇر، جانابى ئاللاھ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچى مۇجاھىدلار ئۈچۈن بۇ مەرتىۋىلەرنىڭ
ئوتتۇرىسىدىن جاي تەييارلىدى، ئۇ مەرتىۋىنىڭ دەرىجىسى ئاسمان-زېمىن ئارىلىقىدەك بۈيۈكتۇر.
ئەگەر سىلەر جانابى ئاللاھدىن جەننەتنى تەلەپ قىلساڭلار پىردەۋس جەننىتىنى تەلەپ
قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ جەننەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسى بولۇپ، ھەممىدىن ئالى دەرىجىلىك جەننەت
سانىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە جانابى ئاللاھنىڭ ئەرشى قارار ئالغان، پىردەۋس جەننىتى، جەننەت
ئۆستەڭلىرىنىڭ مەنبىئىدۇر. بارلىق مۇسۇلمانلار جەننەت يەتتىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىدە
دەپ ئېتىقات قىلىدۇ. ئەرش جەننەتنىڭ ئۇستىدە دەپ ئېتىقات قىلىشىمىز، ئاللاھنىڭ ئەرشىنىڭ
يەتتىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىدە دېگەنلىكىمىزنى ئىپادىلەيدۇ. يۇقىرىدىكى سۆزلىرىمىزنى
سەھىھ مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان 4136- ھەدىستە ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس پەيغەمبىرىمىز
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا يەتكۈزگەن ھەدىس بىلەن
ئىسپاتلايمىز. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: "جانابى
ئاللاھ ئەگەر بىرنەرسىنى خالىسا ئاشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۇ نەرسە بەجا كەلتۈرۈلىدۇ.
ئاللاھنىڭ ئەرشىنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇ زاتقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئۇلاردىن
كېيىن ئاسمان ئەھلى تەسبىھ ئېتىدۇ، ئۇلاردىن كېيىن باشقىلار تەسبىھ ئېتىدۇ. تەسبىھ
ئاخىرى زېمىننىڭ ئاسمىنىدىكىلەرگە يېتىدۇ. ئاللاھنىڭ ئەرشىنى كۆتۈرۈپ تۇرغۇچىلارغا،
ئۇلاردىن كېيىنكىلەر پەرۋەردىگارىڭلار نېمە دېدى؟ دەپ سورىشىدۇ. ئۇلار جانابى
ئاللاھنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ، ئاسمانلاردىكى پەرىشتىلەر باشقا پەرىشتىلەرگە
خەۋەر قىلىش ئارقىلىق ئۇ خەۋەر ئاخىرى زېمىن ئۈستىدىكى بىرىنچى قەۋەت ئاسمانغا يەتكۈزۈلىدۇ".
بۇ ھەدىسنىڭ مەزمۇنىدىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى؛ ئاللاھنىڭ ئەرشى ۋە كۆتۈرۈپ تۇرغۇچى
پەرىشتىلەر يەتتىنچى قەۋەت ئاسمان ئۈستىدە ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
ئىبنى خۇزەيمەنىڭ ھەدىسلەر توپلىمىدىكى 105-ھەدىستە، تەۋھىد ناملىق ئەسىرىدىكى
594-ھەدىستە، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە مۇنداق
دەيدۇ: بىرىنچى ئاسمان بىلەن يەنە بىر ئاسمان ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بەشيۈز يىللىق
مۇساپىدۇر، ھەربىر قەۋەت ئاسماننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق بەشيۈز يىللىق مۇساپىدۇر.
يەنە بىر رىۋايەتتە: "ھەر بىر قەۋەت ئاسماننىڭ قېلىنلىقى بەشيۈز يىللىق مۇساپىنى
ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ. يەتتىنچى قەۋەت ئاسمان
بىلەن كۇرسى رەھمان ئارىلىقى بەشيۈز يىللىق مۇساپە، كۇرسى رەھمان بىلەن سۇنىڭ ئارىلىقى
بەشيۈز يىللىق مۇساپە، ئاللاھنىڭ ئەرشى سۇنىڭ ئۈستىدە، جانابى ئاللاھ ئەرشنىڭ ئۇستىدە
ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە ئورۇن ئالدى. سىلەرنىڭ ئىش- ئەمەللىرىڭلارنىڭ ھېچقايسىسى جانابى ئاللاھنىڭ بىلىشىدىن يوشۇرۇن
قالمايدۇ. يۇقىرىدىكى ھەدىسنى ئىمام زەھەبىئەلئۇلۇۋ ناملىق ئەسىرىنىڭ 64- بىتىدە،
ئىمام ئىبنى قەييىم مۇسۇلمان ئەسكەرلەر توپلىمى ناملىق ئەسىرىنىڭ 100- بىتىدە "سەھىھ
ھەدىس" دەپ تەكىتلەيدۇ.
زەھەبىنىڭ ئەلئۇلۇۋ ناملىق ئەسىرى ۋە ئۇنىڭ قىسقارتمىسىنىڭ 35-بىتىدە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇدىن رىۋايەت
قىلىنغان ھەدىستە جانابى ئاللاھ يەتتىنچى قەۋەت ئاسماننىڭ ئۈستىنى سۇ بىلەن
ياراتتى، ئەرشنى سۇنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇردىدەيدۇ. شەيخ ئالباني بۇ ھەدىسنىڭ سەنىدىنى
ساغلام دېگەن.
مەشھۇر ئىسلام ئۆلىمالىرى ئاللاھنىڭ ئەرشى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ
ئۈستىدىدۇر دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇ خىل كۆز قاراش ئەڭ ساغلام ئېتىقادتۇر.
Yorumlar
Yorum Gönder