جەۋھەر ھەدىسلەر
جەۋھەر ھەدىسلەر
پەيغەمبەر
سەللەلاھۇ ئەلەھي ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
[1] وَقُمْتُ عَلَى بَابِ النَّارِ
فَإِذَا عَامَّةُ مَنْ دَخَلَهَا النِّسَاءُ
«دوزاخنىڭ
ئىشىكىنىڭ ئالدىدا تۇردۇم. ئۇنىڭغا كىرىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللار ئىكەن.»(مۇسلىم
2736)
[2] مَا تَرَكْتُ بَعْدِي فِتْنَةً
هِيَ أَضَرُّ عَلَى الرِّجَالِ مِنَ النِّسَاءِ
«ئەرلەرگە
ئاياللاردىنمۇ زىيانلىق پىتنىنى قالدۇرۇپ قويمىدىم.» (مۇسلىم 2470)
[3] الدُّنْيَا سِجْنُ الْمُؤْمِنِ
وَجَنَّةُ الْكَافِرِ
«دۇنيا
مۆمىننىڭ تۈرمىسى، كاپىرنىڭ جەننىتىدۇر.»(مۇسلىم 2956)
[4] يَتْبَعُ الْمَيِّتَ ثَلاَثَةٌ
فَيَرْجِعُ اثْنَانِ وَيَبْقَى وَاحِدٌ يَتْبَعُهُ أَهْلُهُ وَمَالُهُ وَعَمَلُهُ
فَيَرْجِعُ أَهْلُهُ وَمَالُهُ وَيَبْقَى عَمَلُهُ
«مىيىتقا
ئۈچ نەرسە ئەگىشىدۇ، ئاندىن ئىككىسى قايتىپ كېلىپ، بىرى قېلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭغا
ئائىلسىدىكىلەر، مال-دۇنياسى ۋە قىلغان ئىشلىرى ئەگىشىدۇ. ئاندىن، ئائىلىسىدىكىلەر
بىلەن مېلى قايتىپ كېلىپ، قىلغان ئىشى مىيت بىلەن قېلىپ قالىدۇ.»(مۇسلىم 2960)
[5] إِنَّ
فُقَرَاءَ الْمُهَاجِرِينَ يَسْبِقُونَ الأَغْنِيَاءَ يَوْمَ الْقِيَامَةِ إِلَى
الْجَنَّةِ بِأَرْبَعِينَ خَرِيفًا
«قىيامەت كۈنى نامرات مۇھاجىرلار باي
مۇھاجىرلاردىن قىرىق يىل ئاۋۋال جەننەتكە كىرىدۇ.»(مۇسلىم 2979)
[6] ازْهَدْ في الدُّنْيَا يُحِبّك اللهُ ،
وَازْهَدْ فِيمَا عِنْدَ النَّاسِ يُحِبّك النَّاسُ
«دۇنياغا ھەۋەس
قىلما، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرىدۇ. باشقىلارنىڭ قولىدىكىگە ھەۋەس قىلما، كىشىلەر سېنى
ياخشى كۆرىدۇ.»(ئىبنى ماجە 4202؛ رىيازۇس سالىھىن 472)
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جەننەتكە پەقەت مۆمىنلا
كىرىدۇ.»(بۇخارى 6606)
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ساڭا جەننەت خەزىنىلىرىدىن بىرى
بولغان كەلىمىنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟ بۇ كەلىمە ‹لا ھەۋلە ۋەلا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ›
(ئاللاھتىن باشقا كۈچ قۇۋۋەت يوقتۇر) دۇرۇر.»(بۇخارى 6610)
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«چوقۇمكى سىلەر رەببىڭلار ئاللاھ بىلەن
يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ ۋە سۈننەتسىز ھالەتتە ئۇچقۇشىسىلەر.»(بۇخارى 6525)
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«قىيامەت كۈنى ئىنسانلار مەھشەرگاھ
مەيدانىدا تەرلەيدۇ. تەرلەش شۇ دەرىجىدە بولىدۇكى، تۆكۈلگەن تەرلەر يەتمىش گەز
چوڭقۇرلۇقتا يەرگە سىڭىدۇ، تەر ئىنسانلارنى ئاغزىغىچە، ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ
قۇلىقىغىچە چۆكۈرىدۇ.»(بۇخارى 6532)
«ئايالىنىڭ مەقىتىگە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان كىشىگە ئاللاھ
قىيامەت كۈنى رەھمەت نەزىرى بىلەن قارىمايدۇ.»(سەھىھۇل جامىئ، 1691)
«ئاللاھ
ماڭا ئۆزۈڭلارنى كەمتەر تۇتۇپ، تۆۋەنچىلىك قىلىشىڭلارنى؛ بىر-بىرىڭلارغا قارشى
پەخىرلىنىپ، چوڭچىلىق قىلماسلىقىڭلارنى؛ بىرىڭلارغا قارشى ھەددىڭلاردىن ئېشىپ
زۇلۇم قىلماسلىقىڭلارنى ۋەھىي قىلدى.» (سەھىھۇل جامىئ 1725)
«ئاللاھ
تائالا بۇ ئۈممەتنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئازابىنى ئۆلتۈرۈلۈش قىلدى.»(سەھىھۇل جامىئ،
1738)
«ئاللاھ تائالا
گۈزەلدۇر، (ھەر قانداق ئىشنىڭ) گۈزەل (بولغىنىنى) ياخشى كۆرىدۇ. ئېسىل ئەخلاقنى
ياخشى كۆرىدۇ، ناچار ئەخلاقنى يامان
كۆرىدۇ.»( سەھىھۇل جامىئ 1743)
«ئاللاھ
تائالا جەننەتنى ياراتتى ۋە دوزاخنى ياراتتى. ھەمدە، جەننەت ئۈچۈن جەننەت ئەھلىنى،
دوزاخ ئۈچۈن دوزاخ ئەھلىنى ياراتتى.»(سەھىھۇل جامىئ 1760)
«ئاللاھ
تائالا كېسەلنى ياراتتى، شىپاسىنىمۇ ياراتتى. داۋالىنىڭلار، ئەمما ھارام بىلەن
داۋالانماڭلار.»(سەھىھۇل جامى، 1762)
«ئاللاھ
تائالا مەخلۇقاتنى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يارىتىپ، ئاندىن ئۇلارغا ئۆز نۇرىنى چاچتى.
كىمگە شۇ كۈندە نۇر يېتىپ كەلگەن بولسا ھىدايەت تاپتى، نۇر يېتىپ كەلمىگەن بولسا
ئازغۇنلاردىن بولدى.»(سەھىھۇل جامىئ، 1764)
«مەريەم
ئوغلى ئىيسا دەمەشىقنىڭ شەرقىدىكى ئاق مۇنارغا چۈشىدۇ.»(سەھىھۇل جامىئ، 8169)
«قىيامەت
كۈنى دۇنيادا بالا-قازاغا ئۇچرىماي، سالامەت ياشاپ ئۆتكەن مۆمىنلەر، دۇنيادا
بالا-مۇسبىەتلەرگە ئۇچرىغان مۆمىنلەرگە بېرىلگەن ئەجىر مۇكاپاتلار (غا ھەۋەس
قىلىش) يۈزىسىدىن ‹كاشكى، دۇنيادىكى چېغىمىزدا تېرىلىرىمىز قايچا بىلەن كېسىلىپ
(ئازابقا ئۇچرىغان بولساقچۇ)› دەپ كېتىدۇ.»(سەھىھۇل جامىئ، 8177)
«قىيامەت
كۈنى مۆمىنلەرگە پېشىن بىلەن ئەسىرنىڭ ئارىلىقىدىكى ۋاقىتچىلىكلا بولىدۇ.»(سەھىھۇل
جامى، 8193)
پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:(خُلِقَتِ الْمَلاَئِكَةُ مِنْ نُورٍ وَخُلِقَ
الْجَانُّ مِنْ مَارِجٍ مِنْ نَارٍ وَخُلِقَ آدَمُ مِمَّا وُصِفَ لَكُمْ)«پەرىشتىلەر
نۇردىن يارىتىلدى. جىنلار ئوت يالقۇنىدىن يارىتىلدى. ئادەم بولسا (قۇرئاندا)
سىلىگە بايان قىلىنغان نەرسىدىن (يەنى تۇپراقتىن) يارىتىلدى.»(مۇسلىم 2996)
Yorumlar
Yorum Gönder