بۇخارى 5273 : تالاق قىلىش، ئايالىنى تالاق قىلدى، باغچىنى ئال، ئۇنى بىر تالاق قىل؛ ئۈچ تالاق قىلىش بىدئەت بىر قېتىمدا

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: سابىت ئىبنى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئايالى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە كېلىپ «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن سابىت ئىبنى قەيىسنى ئەخلاقى ۋە دىنى جەھەتتىن ئەيىبلىمەكچى ئەمەس. بىراق، ئىسلامدا تۇرۇپ كۇفۇرغا چۈشۈپ قېلىشنى يامان كۆرىمەن» دېدى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئۇنىڭغا (يەنى سابىتقا) باغچىسىنى قايتۇرۇپ بېرەمسىز؟» دەپ سورىدى. سابىتنىڭ ئايالى «شۇنداق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، رەسۇلۇللاھ (سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا):«باغچىنى ئال، ئۇنى بىر تالاق قىل» دېدى.(بۇخارى 5273)
«بىراق، ئىسلامدا تۇرۇپ كۇفۇرغا چۈشۈپ قېلىشنى يامان كۆرىمەن» يەنى: ئۇنىڭ نىكاھىدا قالسام كۇفۇرغا ئېلىپ بارىدىغان بىر ئىش قىلىپ قويۇشتىن قورقىمەن.(فەتھۇلبارى 5273-ھەدىسنىڭ شەرھى)[تەپسىلىي بايانلار: فەھۇل بارى 10-628]
بۇ ھەدىستىكىسى خۇلئى تالاقتۇر. ئېرى بىلەن قەتئىي تۇتماسلىق نىيىتىگە كېلىپ بۇ نىيىتىدىن يانمىغان ئايال ئۆزى ئالغان مەھر ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىپ ئېرى بىلەن ئاجرىشىدۇ. بۇ ھالەتتىكى ئايالنى ئېرىنىڭ قويۇپ بەرمەي تۇرۇۋېلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئايالىنى ھەيزدار ھالەتتە تالا قىلدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بۇ توغرۇلۇق ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا «ئايالىغا قايتسۇن، ھەيزدىن پاكلانغاندا خالىسا تالاق قىلسۇن» دېدى.(بۇخارى 5252؛ مۇسلىم 1471)

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر