قىززىق تېما
21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس
كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى كەئب (بۇ زات كەئب رەزىيەللاھۇئەنھۇنىڭ كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغاندا، ئۇنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىچىدىن كەئبنى يېتىلەپ يۈرىدىغان بالىسى ئىدى) نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: مەن كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن (يەنى ئاتامدىن) ئۇنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە تەبۇك غازىتىغا چىقمىغانلىقى ھەققىدىكى قىسسىنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. كەئب مۇنداق دەيدۇ: مەن تەبۇك غازىتىدىن باشقا ھېچ بىر غازاتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە چىقماي قالغىنىم يوق. بىراق بەدرى غازىتىغا چىقمىغانلىقىمغا كەلسەك، بۇ غازاتقا چىقمىغان بىرەر ئادەممۇ ئەيىبلەنگەن ئەمەس. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەدرى ئۇرۇشى ئۈچۈن مەدىنىدىن چىققاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ مەقسىتى قۇرەيش كارۋىنىنى توسۇش ئىدى. نەتىجىدە، الله مۇسۇلمانلار بىلەن دۈشمەنلەرنى كۆزلىمىگەن بىر جايدا ئۇچراشتۇرۇپ قويدى. بىز ئەقەبە كېچىسى ئىسلام دىنىنى قوغداش ئۈچۈن ئەھدە قىلىشقان ۋاقتىمىزدا، مەنمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدىم. گەرچە خەلق ئارىسىدا بەدرى ئۇرۇشى مەشھۇر بو...
تالاق توغرىسىدىكى ھەدىسلەر
قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى
رەسۇلۇللاھ دىندا قىلمىغان ئىشنى قىلىشتىن يېنىشقا ئائىت ئۈچ ھەدىس
تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر
تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر كۆپلىگەن قېرىنداشلارنىڭ ناماز ئۈچۈن تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا بارماقلىرىنى رەسۇلۇللاھتەك ھەرىكەتلەندۈرمەستىن يوتىسىغا چاپلاپ ئولتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى بايقىدىم. رەسۇلۇللاھقا ئىمان ئېيتقان ھەر-بىر مۇسۇلماننىڭ سەھىھ ھەدىسكە ئەمەل قىلىشى، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشى پەرز. نامىزىنى رەسۇلۇللاھتەك ئوقۇشى ھەم ئوخشاشلا پەرز. چۈنكى، رەسۇلۇللاھ «نامازنى مەن ئوقۇغاندەك ئوقۇڭلار»(بۇخارى) دەپ بۇيرۇغان. شۇڭا، بۇ ھەقتىكى بىر نەچچە سەھىھ ھەدىسلەرنى تەييارلاپ قېرىنداشلارنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەشەھھۇد ئۈچۈن ئولتۇرسا، ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىغا قويۇپ، ھەممە بارمىقىنى يۇمۇپ، باش بارمىقىنىڭ يېنىدىكى (كۆرسەتكۈچ) بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلاتتى . سول قولىنى سول يوتىسىغا قوياتتى. (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇسلىم،508) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم تەشەھھۇدتا ئولتۇرغاندا، سول قولىنى سول يوتىسىغا (ئوڭ قولىنى ئوڭ يوتىسىغا) قوياتتى ۋە ئوڭ قولىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى مىدىرلىتىپ ئىشارە قىلاتتى...
Yorumlar
Yorum Gönder