ئەللامە ئىبنى باز: تۇل ئايال ئۆزىنى ئەرگە بېرەلەمدۇ؟
تۇل ئايال ئۆزىنى ئۆزى ئەرگە بېرەلەمدۇ؟
مۇجتەھىدلەر پەتىۋالىرى تورى تەرجىمە قىلدى
ئەللامە شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھتىن مۇنداق سورالدى:
سوئال: تۇل ئايالنىڭ نىكاھلىنىشى ئۈچۈن ۋەلىسىنىڭ بولۇشى شەرتمۇ؟ تۇل ئايالنىڭ نىكاھىنىڭ شەرىئەتكە ئۇيغۇن بولۇشىنىڭ شەرتلىرى قايسى؟
جاۋاب: نىكاھنىڭ توغرا بولۇشىنىڭ شەرتلىرىدىن بىرى — ئايال كىشى مەيلى توي قىلمىغان قىز بولسۇن، مەيلى تۇل ئايال (يەنى توي قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن ياكى يولدىشى ئۆلۈپ كەتكەن ئايال) بولسۇن — نىكاھقا ۋەلىنىڭ ئىگە بولۇشىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ۋەلىسىز نىكاھ يوقتۇر.» (ئەھمەد 1\250؛ ئىبنى ھىببان 4075) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم يەنە مۇنداق دېگەن:«ئايال كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئەرگە بېرەلمەيدۇ، باشقا ئايال كىشىنىمۇ ئەرگە بېرەلمەيدۇ.»(ئىبنى ماجە 1882) تۇل ئايال ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ئۆزىنىڭ نىكاھلىنىشىغا رازى بولۇشى كېرەك. توي قىلمىغان قىز بولسا، سۈكۈت قىلىشى يېتەرلىك. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تۇل ئايالنىڭ رۇخسىتى ئېلىنماستىن ئەرگە بېرىلمەيدۇ. توي قىلمىغان قىزنىڭ ماقۇللۇقى بولماستىن ئەرگە بېرىلمەيدۇ.» بۇنىڭ بىلەن «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! توي قىلمىغان قىزنىڭ ماقۇللۇقى نېمە؟» دەپ سورالدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سۈكۈت قىلىش» دېدى. (بۇخارى 5136؛ مۇسلىم 1419) پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «تۇل ئايال ئۆزىنىڭ نىكاھى توغرىسىدا ۋەلىسىدىن بەكراق ھەقلىقتۇر» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى، تۇل ئايالنىڭ ئوچۇق ماقۇللۇقى بولماستىن (يەنى پالانچى بىلەن نىكاھلىنىشقا قوشۇلىمەن دېگەن ماقۇللۇقىنى ئالماستىن) ۋەلىسىنىڭ ئۇنى ئەرگە بېرىش ھەققى يوق، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر مۇشۇ خىل شەكىلدە ياراشتۇرۇلىدۇ. مانا بۇ، كۆپچىلىك ئەھلى ئىلىمنىڭ ھۆكمىدۇر. سەھىھ ھەدىسكە ئۇيغۇن بولغان ھۆكۈم مۇشۇ شۇ.
غەلىبە ئاللاھتىندۇر.
(شەيخ ئىبنى بازنىڭ پەتىۋالىرى ۋە ماقالىلىرى توپلىمى 21-جىلد، 39-بەتتىن تەرجىمە قىلىندى)
Yorumlar
Yorum Gönder