ئاشكارا قىرائەتلىك نامازدا ئىمامنىڭ كەينىدە فاتىھە ئوقۇغان ساھابە



ئىمامنىڭ كەينىدە تۇرغۇچى جامائەتنىڭمۇ سۈرە فاتىھەنى قىرائەت قىلىدىغانلىقىغا دەلىل بولىدىغان ھەدىسلەردىن بىرى مۇنۇ ھەدىستۇر: ئۇبادە ئىبنى سامىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىبنى ئەبۇ نۇئەيمگە ئىقتىدا قىلىپ ناماز ئوقۇدى، ئىبنى ئەبۇ نۇئەيم سۈرە فاتىھەنى ئاشكارا قىرائەت قىلدى، ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا ئىقتىدا قىلىغلىق ھالەتتە سۈرە فاتىھەنى ئوقۇدى. ناماز ئاخىرلاشقاندا ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا تۇرغان، نامازدا ئۇنىڭ سۈرە فاتىھەنى ئوقۇغانلىقى ئاڭلىغان بەزى كىشىلەر ئۇنىڭغا: ئىبنى ئەبۇ نۇئەيم ئاشكارا قىرائەت قىلىۋاتقاندا، سېنىڭ سۈرە فاتىھە ئوقۇغانلىقىڭنى ئاڭلىدۇق، دېدى. ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دېدىكى: شۇنداق، مەن شۇنداق قىلدىم. «بىر قېتىم پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قىرائىتى ئاشكارا ئوقۇلىدىغان بىر نامازنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ‹نامازدا سىلەردىن بىرى مەن بىلەن تەڭ قىرائەت قىلدىمۇ؟› دەپ سورىدى. بەزىلەر ‹ھەئە› دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ‹ئۇنداق قىلماڭلار! مەن ماڭا قۇرئان ئوقۇشنىڭ تەس كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلەندىم. شۇڭىلاشقا، مەن نامازدا ئۈنلۈك قىرائەت قىلسام، سىلەر سۈرە فاتىھەدىن باشقىسىنى ئوقۇماڭلار.» (ئەھمەد، 5\313؛ ئەبۇ داۋۇد، 1\515؛ نەسائىي، 2\ 141؛ تىرمىزى، 2\117؛ داراقۇتنىي، 1\318؛ بەيھەقى، 2\165؛ ھاكىم، 1\238) مانا بۇ ئۇبادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدۇر، ئۇ نامازدا ئىمام ئۈنلۈك قىرائەت قىلغاندا قۇلاق سېلىپ جىم تۇرۇشنىڭ سۈرە فاتىھەنى ئوقۇماي تۇرۇشقا قارىلىتىلمىغانلىقىنى چۈشەنگەن. قۇرئاندىكى «قۇرئان قىرائەت قىلىنغاندا رەھمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار.»(7:204) دېگەن ئايەت ۋە «ئىمام قىرائەت قىلسا جىم تۇرۇڭلار» (ئىمام ئەھمەد، مۇسلىم، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە) دېگەن ھەدىسنىڭ ھۆكمى ئومۇمىيدۇر. سۈرە فاتىھە ئوقۇش خاستۇر،(خاس دەلىل ھەر قاچان ئامنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ). شۇڭا ئىمام سۈرە فاتىھە ئوقۇسا، جامائەتمۇ ئوقۇيدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىمكى نامىزىدا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇمىسا، ئۇنىڭ نامىزى كەمتۈك، نامىزى كەمتۈك، نامىزى كەمتۈك.» [أخرجه مالك في (الموطأ) 1 / 84 وأحمد 2 / 250، 285 ،487 ،6 / 142، ومسلم 1 / 296 برقم (395)، وأبو داود 1 / 512 - 514 برقم (821)، والنسائي 2 / 135 - 136 برقم (909)، والترمذي 5 / 200 برقم (2953)، والدارقطني1 / 312، 321، والبيهقي 2 / 39، 159،، 167، 375، وابن خزيمة 1 / 247، 253 برقم (489، 502)، وعبد الرزاق 2 / 121 برقم (2744) وابن أبي شيبة 1 / 360 والطحاوي في (شرح معاني الآثار) 1 / 215، وأبو عوانة 2 / 126، وابن حبان 5 / 96، 97 برقم (1794 ،1795)] [پەتىۋا كومېتىتى،6\410]

Yorumlar

قىززىق تېما

دۇنيا مۆمىننىڭ تۈرمىسى