مۇناپىقلار ۋە مۇناپىقلىق ھەققىدىكى ھەدىسلەر
قال النبي صلى الله عليه وسلم : ( أَرْبَعٌ مَنْ كُنَّ
فِيهِ كَانَ مُنَافِقًا خَالِصًا ، وَمَنْ كَانَتْ فِيهِ خَصْلَةٌ مِنْهُنَّ
كَانَتْ فِيهِ خَصْلَةٌ مِنْ النِّفَاقِ حَتَّى يَدَعَهَا : إِذَا اؤْتُمِنَ خَانَ
، وَإِذَا حَدَّثَ كَذَبَ ، وَإِذَا عَاهَدَ غَدَرَ ، وَإِذَا خَاصَمَ فَجَرَ )
رواه البخاري (34) ، ومسلم (58)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«تۆت يامان خىسلەت بولۇپ، كىمدە بۇ يامان خىسلەتنىڭ ھەممىسى تېپىلسا ئۇ سېپى ئۆزىدىن
مۇناپىقتۇر. كىمدە بۇ تۆت يامان خىسلەتنىڭ بىرى بولسا، ئۇنىڭدا مۇناپىقلىق خىسلەتلىرىدىن بىرى بولغان بولىدۇ. (بۇ تۆت يامان خىسلەت شۇكى) ئۇنىڭغا
ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ، سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ،
ۋەدە قىلسا ۋاپا قىلمايدۇ، جاڭجاللىشىپ قالسا ئاغزىنى
بۇزىدۇ.» (بۇخارى 34؛ مۇسلىم 58))
عَنْ أَنَسٍ،
عَنِ النَّبِيِّ صلى الله عليه وسلم قَالَ "
آيَةُ الإِيمَانِ حُبُّ الأَنْصَارِ، وَآيَةُ النِّفَاقِ بُغْضُ الأَنْصَارِ ".
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئىماننىڭ ئالامىتى
ئەنسارىلارنى (دىنغا ياردەم بەرگۈچىلەرنى) ياخشى كۆرۈشتۇر، مۇناپىقلىقنىڭ ئالامىتى
ئەنسارىلارنى يامان كۆرۈشتۇر.» (بۇخارى 17)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«ئۈممىتىمدە مۇناپىقلارنىڭ كۆپى
قارىلاردۇر.» دېگەن. بۇ ھەدىسنى ئىبنى مۇبارەك، ئەھمەد قاتارلىق
مۇھەددىسلەر توپلىغان، مۇھەددىس ئەلبانى: سەھىھ دەپ باھىلىغان- سەھىھ
ھەدىسلەر توپلىمى ۋە سەھىھۇلجائىتا بايان قىلغان.
ئىزاھات:
قارىيلارنىڭ مۇناپىق بولۇشىنىڭ ئەڭ چوڭ بەلگىلىرى قۇرئان ئوقۇپ رىيا قىلىش، يەنى ئاللاھتىن قورقۇپ تۇرۇپ، قۇرئان ئوقۇش ئارقىلىق ئاللاھنى رازى قىلىشقا كۈچىمەي، كىشىلەر چىرايلىق ئوقۇيدىكەن دېسۇن دەپ شۇنىڭغا كۈچەش؛ دىننى جان بېقىش ۋاسىتىسى قىلىۋېلىش، ھەقنى سۆزلىمەسلىك، باتىلدىن
توسماسلىق. جۈملىدىن: قۇرئان سۈننەتتىكى بەلگىلىملەردىن يۈز ئۆرۈش قاتارلىقلاردۇر
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۇناپىقلارغا ئەڭ ئېغىر
كېلىدىغان ناماز خۇپتەن نامىزى بىلەن بامدات نامىزىدۇر.» (بۇخارى 657؛
مۇسلىم 651)
ئەبۇ ھۇرەيرە
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مۇناپىقنىڭ
ئالامىتى ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ، ۋەدە قىلسا خىلاپلىق قىلىدۇ،
ئامانەت قويۇلسا خىيانەت قىلىدۇ. [بۇخارىي رىۋايىتى33-ھەدىس.مۇسلىم رىۋايىتى 59-ھەدىس].
عَنْ أَبِي هُرَيْرَةَ عَنْ النَّبِيِّ صَلَّى
اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ : ( آيَةُ الْمُنَافِقِ ثَلاثٌ : إِذَا حَدَّثَ
كَذَبَ ، وَإِذَا وَعَدَ أَخْلَفَ ، وَإِذَا اؤْتُمِنَ خَانَ ) . رواه البخاري ( 33
) ومسلم ( 59 ) .
Yorumlar
Yorum Gönder