دىنىي ئىلىمنىڭ يۈكسەك پەزىلىتى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر




پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«دىنىي ئىلىم ئۆگىنىش ھەر-بىر مۇسۇلمانغا پەرزدۇر»(ئىبنى ماجە 220-ھەدىس؛ مۇھەددىس ئەلبانى سەھىھ دېگەن)

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم شەرئىي ئىلىم ئۆگىنىش يولىدا ماڭىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنىڭ يولىنى ئاسان قىلىپ بېرىدۇ.»(بۇخارى-ئىلىم؛ مۇسلىم 4864؛ تىرمىزى 2646؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىشى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ بارلىق ياخشى ئەمەللىرى توختايدۇ. ئەمما، مۇنۇ ئۈچ جەھەتتىن كېلىدىغان ساۋاب توختىمايدۇ: سەدىقە جارىيە (ساۋابى توختاپ قالمايدىغان سەدىقە)، پايدىلىق ئىلىم، ياكى ئۇ كىشىنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان سالىھ پەرزەنت.»(مۇسلىم 1631)
* ئۆلگەندىن كېيىنمۇ ئىگىسىگە ساۋابى يېزىلىپ تۇرىدىغان پايدىلىق ئىلىمنىڭ مىسالى:
بىر مۇسۇلمان قۇرئان كەرىمنى باستۇرۇپ تارقاتقان بولسا، شۇ كىتابنى ئوقۇپ مەنپەئەتلەنگەنلەر ئېرىشىدىغان ساۋاب ئۇ مۇسۇلمانغا ئۆلۈمىدىن كېيىنمۇ يېزىلىپ مېڭىۋېرىدۇ.
سەھىھۇل بۇخارى، سەھىھۇل مۇسلىم، مۇۋەتتائ مالىك، سۇنەن ئىبنى ماجە، سۇنەن تىرمىزى، سۇنەن نەسائىي، سۇنەن ئەبۇ داۋۇد، مۇسنەد ئەھمەد قاتارلىق ۋە باشقا مۇھىم ھەدىس كىتابلىرىنىڭ ھېچبىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىپ باقمىدى. بىرەر مۇسۇلمان ياكى بىر تۈركۈم مۇسۇلمان ئىقتىساد چىقىرىپ مۇشۇ كىتابلارنىڭ تەرجىمە قىلدۇرسا بۇ ناھايىتى بۈيۈك جىھاد ھېسابلىنىدۇ. بۇ بۈيۈك كىتابلارنى كىملا ئوقۇسا مەنپەئەت ئالىدۇ، تاكى قىيامەتكىچە بۇ كىتابلارنى ئوقۇپ رەسۇلۇللاھنىڭ يولىغا ماڭغان ھەر بىر كىشىگە بېرىلىدىغان ئەجىرنىڭ مۇشۇ كىتابنى تەرجىمە قىلدۇرغۇچىغا يېزىلىپ مېڭىۋېرىدۇ. بۇنداق بۈيۈك ئىبادەتنى قىلىش ئۇيغۇر مىللىتدىن ئومۇمەن ھېچكىمگە نېسىپ بولۇپ باقمىدى.
ئىسلام نۇرى 1400  يىلدىن بېرى جاھانغا بەخت سائادەت چېچىۋاتقان بولسىمۇ، ئىسلامنىڭ ئىككى مۇھىم ئاساسىدىن بىرى بولغان سەھىھ سۈننەتلەر توپلانغان يۇقارقى بۈيۈك  ھەدىس كىتاپلىرىنىڭ ھېچقايسى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ باقمىدى.
بۇ مىللىتىمىز ئۈچۈن بىر نومۇس. مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش كۆپلىگەن كىشىنىڭ بوينىدا پەرز بولۇپ تۇرۇغلۇق. ئاللاھ بىزنى بۇ خىل تۈردىكى بۈيۈك ئىبادەتلەرگە نېسىپ قىلسۇن.


ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مۆمىن بەندە ۋاپات بولغاندا تەقدىردىمۇ، ساۋابى ئۇنىڭغا يېتىپ تۇرىدىغان ئىشلار مۇنۇلار: ئۇ ئۆگىنىپ، ئاندىن تارقاتقان شەرئىي ئىلىم، ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن سالىھ پەرزەنت، سەدىقە سۈپىتىدە قالدۇرۇپ كەتكەن قۇرئان، سېلىپ قويغان مەسجىد، جىھاد ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان ئات، قازغان قانال (قۇدۇق، كۆل)، ساغلام چاغدا قىلغان سەدىقە. بۇ ئەمەللەرنىڭ ساۋابى مۆمىن بەندە ۋاپات بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا يېتىپ تۇرىدۇ.» (ئىبنى ماجە242؛ ئەلبانى سەھىھ ئىبنى ماجەدە سەھىھ دېگەن)

ئىمام سانئانىي مۇنداق دېگەن:
ئىلام تارقىتىش دېگەن ئىلىم ئۆگىتىش، ساغلام ئىسلامىي كىتابلارنى يېزىش، كۆپەيتىپ تارقىتىش، تەھرىرلەش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ كىتابلىرىغا شەرھ يېزىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ئەتتەنۋىر شەرھ جامىئۇس سەغىر 2\274)

   پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«شۈبىھسىزكى، ئاللاھ تائالا كىشىلەرگە ياخشىلىقنى ئۆگەتكۈچىلەرگە رەھمەت قىلىدۇ. ئاللاھنىڭ پەرىشتلىرى، ھەتتا ئۇۋىسىدىكى چۆمۈلىلەر، دېڭىزدىكى بېلىقلارغىچە كىشىلەرگە ياخشىلىقنى ئۆگەتكۈچى ئۈچۈن ياخشىلىق ۋە مەغفىرەت تىلەيدۇ.»(ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 1838)

    * ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ھەممىسى بۇ ھەدىستىكى «ياخشىلىق» نى شەرئىي ئىلىم دەپ بىلىدۇ. چۈنكى، ئىنسان ئۆگىنىشى ۋە ئىنسانغا ئۆگىتىلىشى كېرەك بولغان ياخشىلىقنىڭ ئىچىدە شەرئىي ئىلىمنىڭ ئالدىغا ھېچنەرسە ئۆتەلمەيدۇ.
 

Yorumlar

قىززىق تېما

21. كەئب ئىبنى مالىك رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان تەۋبە توغرىسىدىكى ئۇزۇن ھەدىس

قۇرئان ئوقۇشنىڭ پەزىلىتى

تەشەھھۇدتا بارماق مىدىرىتىش توغرىسىدىكى ھەدىسلەر