نامەھرەم ئەر ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىسلەر
نامەھرەم
ئەر ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىسلەر
ئەر-ئاياللارنىڭ
بىر جايدا ئارىلىشىپ يۈرۈشىنىڭ چەكلەنگەنلىكىگە قۇرئان-ھەدىستە دەلىللەر ئىنتايىن
كۆپ بولۇپ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: {وَإِذَا
سَأَلْتُمُوهُنَّ مَتَاعًا فَاسْأَلُوهُنَّ مِن وَرَاءِ حِجَابٍ، ذَٰلِكُمْ
أَطْهَرُ لِقُلُوبِكُمْ وَقُلُوبِهِنَّ} تەرجىمىسى: سىلەر
پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىدىن بىر نەرسە سوراپ (ئالماقچى) بولساڭلار، پەردە
ئارقىسىدىن سوراپ ئېلىڭلار، مۇنداق قىلىش سىلەرنىڭ دىللىرىڭلارنىمۇ، ئۇلارنىڭ
دىللىرىنىمۇ ئەڭ پاك تۇتىدۇ. [سۈرە ئەھزاب 53-ئايەت]
ئىبنى كەسىر
رەھىمەھۇللاھ يۇقىرىدىكى ئايەتنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق
دەيدۇ: سىلەرنى ئاياللارنىڭ يېنىغا كېرىشتىن چەكلىگەندەك، ئۇلارغا
قاراشتىنمۇ
ئومۇميۈزلۈك چەكلەندى، ئەگەر سىلەرنىڭ ئۇلاردىن سورايدىغان بىرەر
ھاجىتىڭلار
بولسا ئۇلارغا قارىماستىن ھاجىتىنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ سوراپ ئىلىڭلار.
ئۇممۇ
سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدىن سالام بەرگەن ۋاقتىدا، سالام ئاخىرلىشىش بىلەن ئاياللار
ئورنىدىن تۇرۇپ كېتەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئورنىدا بىر ئاز ئولتۇراتتى،
ئىبنى شىھاب مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ قارىشىمچە(ئاللاھ بىلگۈچىدۇر)
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سالامدىن كېيىن دەرھال تۇرماستىن كەينىگە ئۆرۈلۈپ
ئولتۇرغان، ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى كۆرۈشتىن ئىلگىرى ئاياللارنىڭ چېقىپ كېتىشىنى
كۈتۈپ شۇنداق قىلغان. [بۇخارى رىۋايىتى 793-ھەدىس].
ئەبۇ داۋۇد
رىۋايىتى 876- نۇمۇرلۇق ھەدىستە، ناماز توغرىسىدا: "نامازدىن كېيىن ئەرلەردىن
بۇرۇن ئاياللارنىڭ چېقىپ كېتىشى توغرىسىدا" دەپ ئۇنۋان قويغان.
ئىبنى ئۆمەر
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام
مۇنداق دېگەن: بۇ ئېشىكنى ئاياللار ئۈچۈن قويۇپ قويساق ناپىئ مۇنداقدەيدۇ: ئىبنى
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋاپات بولغانغا قەدەر بۇ ئىشىكتىن مەسچىتكە كىرمىگەن.
[ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى484-ھەدىس].
ئەبۇ
ھۈجەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ،
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەرلەرنىڭ سىپىنىڭ ئەڭ ياخشىسى سەپنىڭ
ئەۋۋىلىدۇر، ياخشى بولمىغىنى سەپنىڭ ئاخىرىدۇر، ئاياللارنىڭ سىپىنىڭ ئەڭ ياخشىسى
سەپنىڭ ئاخىرىدۇر، ياخشى بولمىغىنى سەپنىڭ ئەۋۋىلىدۇر. [مۇسلىم
رىۋايىتى664-ھەدىس].
مانا بۇ
شەرىئەتنىڭ ئەر-ئاياللارنىڭ ئارىلىشىپ تۇرىشىنى چەكلەشتىكى ئەڭ چوڭ دەلىلىدۇر، ئەر
كىشى نامەھرەم ئاياللاردىن قانچە يىراق بولسا شۈنچە ياخشى بولىدۇ، شۇنىڭدەك
ئاياللارمۇ نامەھرەم ئەرلەردىن قانچە يىراق بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
زېمىندىكى
ئەڭ پاكىزە ئىبادەت ئورنى بولغان مەسچىتتە مۇشۇنداق تەرتىپلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان
ئىكەن، ئەلۋەتتە مەسچىتتىن باشقا جايلاردىمۇ ئۇلارنىڭ بىر-بىرىدىن يىراق تۇرۇشى
لازىم بولىدۇ.
ئەبۇ
سەئىد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ كىشى
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان
دەيدۇ: يولدا ئەرلەر-ئاياللار ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
ئاياللارغا: چەتكە ئۆتۈڭلار، سىلەرنىڭ يولنىڭ ئوتتۇرىدىن مېڭىشىڭلار توغرا ئەمەس،
يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىن مېڭىڭلار دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاياللارنىڭ يول ماڭغاندا
يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تامغا يېقىن ماڭاتتى ھەتتا بەك يېقىن ماڭغانلىقتىن
كىيىملىرى تامغا سۈركىشىپ كېتەتتى. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد رەھىمەھۇللاھ
ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ سۈننەتلىرى دېگەن بۆلۈمدە كەلتۈرۈپ: "يولدا ئەرلەر
بىلەن ئاياللارنىڭ مېڭىشى" دېگەن تېمىدا كەلتۈرگەن.
Yorumlar
Yorum Gönder