ناماز ئوقۇماسلىقنىڭ ۋابالى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر
ناماز ئوقۇماسلىقنىڭ
ۋابالى بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىسلەر
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
«فۇرقان دەئۋەت مەركىزى» تەييارلىدى
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{بين
الرجل وبين الشرك والكفر ترك الصلاة}«مۇسۇلمان
بىلەن كۇفۇر ۋە شېرك ئارىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر.»(مۇسلىم 82؛
تىرمىزى 2620؛ ئەبۇ داۋۇد 4678؛ ئىبنى ماجە 1078؛ مۇسنەد ئەھمەد 3-370؛ دارىمى 1233)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{
العهد الذي بيننا وبينهم الصلاة، فمن تركها فقد كفر}«بىز
بىلەن ئۇلار ئارىسىدىكى ئەھدە نامازدۇر. كىمكى نامازنى تاشلىسا كاپىر بولىدۇ.»[ سنن الترمذي الإيمان (2621) ، سنن النسائي الصلاة (463) ، سنن ابن ماجه إقامة الصلاة
والسنة فيها (1079) ، مسند أحمد بن حنبل (5/346).]
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((بين الكفر و الإيمان ترك الصلاة))«كۇفۇر بىلەن ئىمان ئوتتۇرىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر.»(جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، تىرمىزى؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 2849)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((بين الكفر و الإيمان ترك الصلاة))«كۇفۇر بىلەن ئىمان ئوتتۇرىسىدىكى پەرق نامازنى تەرك قىلىشتۇر.»(جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، تىرمىزى؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 2849)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ
ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:{إني
نهيت عن قتل المصلين }«مەن
ناماز ئوقۇغۇچىنى ئۆلتۈرۈشتىن چەكلەندىم.» (ئەبۇ داۋۇد 4928؛ ئەللامە
ئىبنى باز سەھىھ دەپ نەقىل قىلغان)
تابىئىنلارنىڭ كاتتىسى ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىق ئەلئۇقەيلى رەھىمەھۇللاھ
مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ
ساھابىلىرى نامازدىن باشقا ھەر قانداق ئەمەلنى تەرك ئېتىشنى كۇفۇرلۇق سانىمايتتى.
(تابىئىن
ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى شەقىق ئەل ئۇقەيلىنىڭ سۆزى؛ تىرمىزى 2622؛ مەرۋەزى ‹تەئزىمۇ
قەدرىس سالات› 2-905؛ ھاكىم ‹مۇستەدرەك› 1-48؛ ئىمام ھاكىم: بۇ ھەدىسنىڭ بۇخارى ۋە
مۇسلىمنىڭ شەرتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان؛ ئەللامە ئىبنى ئۇسەيمىن ‹ياخشىلار
باغچىسى شەرھى› نىڭ 60-نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھىدە بايان قىلغان؛ 1-287)
Yorumlar
Yorum Gönder