خاۋارىجلار توغرىسىدىكى ھەدىسلەر ۋە شەرھى
خاۋارىجلار ھەققىدىكى ھەدىسلەر ۋە شەرھىسى
ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم غەنىيمەتلەرنى تەقسىم قىلىۋاتقانداق ئابدۇللاھ ئىبنى زۇلخۇۋەيسەرە كېلىپ «ئى رەسۇلۇللاھ، ئادىل بولغىن!» دېدى. رەسۇلۇللاھ «ھالىڭغا ۋاي! ئەگەر مەن ئادىل بولمىسام كىم ئادىل بولىدۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا رۇخسەت قىلغىن، بۇنىڭ بوينىغا چاپاي» دېدى. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى:«بولدى قىلغىن! شۈبھىسىز، ئۇنىڭ بىر گۇرۇپ مەسلەكداشلىرى باركى، ئۇلارنىڭ نامىزىنى كۆرۈپ ئۆز نامىزىڭلارنى، ئۇلارنىڭ روزىسىنى كۆرۈپ ئۆز روزاڭلارنى كىچىك سانايسىلەر. ئۇلار ئوقنىڭ ئوۋنى تېشىپ چىقىپ كەتكىنىدەك دىندىن چىقىپ كېتىدۇ...»(بۇخارى 6933)
ئىمام ئىبنى ھەجەر بۇ ھەدىسنى شەرھلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ زۇلخۇۋەيسەرەنىڭ بوينىغا چېپىش تەكلىۋىنى رەت قىلدى. چۈنكى، زۇلخۇيۋەسەرە دىلىدىن كەچكەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان پېئىلدا بولمىغان. رەسۇلۇللاھ، ئىسلام ئەمدىلا يىلتىز تارتىپ، قەلبلەرگە يەرلىشىشتىن ئاۋۋال كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە سالىھ ھېسابلىنىدىغان كىشىنى ئۆلتۈرىدىغان بولسا، ئۇلارنى ئىسلامغا كىرىشتىن قاچۇرۇپ قوياتتى. خاۋارىجلار رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپىتىدىن كېيىن كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جامائەتتىن ئايرىلىپ، خەلىپىلەرگە قارشى چىققىنىدا – ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا كۈچ يېتىدىغان تۇرۇپ ئۇرۇشماسلىق – جائىز بولمايدۇ.(فەتھۇلبارى 13\525)
ئەبۇ سەئد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:«ئاراڭلاردىن شۇنداق كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇكى، ئۇلارنىڭ نامىزىنى كۆرۈپ ئۆزۈڭلارنىڭ نامىزىنى ئەرزىمەس سانايسىلەر؛ ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى كۆرۈپ ئۆزۈڭلارنىڭ روزىسىنى كىچىك سانايسىلەر؛ باشقا ئەمەللىرىگە قاراپمۇ ئۆز ئەمىلىڭلارنى كىچىك كۆرۈسىلەر. ئۇلار قۇرئان ئوقۇيدۇ، ئەمما قۇرئان قەلبىگە ئورناشمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئوقنىڭ نىشانغا تېگىپ چىقىپ كەتكىنىدەك ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ...»(بۇخارى 5058)
يۇسەير ئىبنى ئەمر مۇنداق دەيدۇ: سەھل ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن خاۋارىجلار توغرۇلۇق بىرەر گەپ ئاڭلىغانمىدىڭ؟» دەپ سورىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن قولى بىلەن ئىراق تەرەپنى ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«بۇ تەرەپتىن بىر قەۋم چىقىدۇ. قۇرئان ئۇلارنىڭ ئوقرەك سۆڭىكىدىن ئاستىغا ئۆتمەيدۇ. ئۇلار ئېتىلغان ئوقنىڭ ئوۋنى تېشىپ چىقىپ كەتكىنىدەك ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ.»(بۇخارى 6934)
«قۇرئان ئوقرەك سۆڭىنىڭ ئاستىغا ئۆتمەيدۇ» يەنى قۇرئاننى تىلىدا ئوقۇيدۇ، بوغۇزىدىن ئۆتمەيدۇ، قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرى گېلىدىن ئۆتۈپ قەلبىگە ئورناشمايدۇ. يەنە بىر ھەدىستە «قۇرئان گېلىدىن ئۆتمەيدۇ» دېيىلگەن.
ئالىملار خاۋارىجنى كاپىرمۇ ياكى كاپىر ئەمەسمۇ دېيىشتە ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، كۆپ سانلىق ئالىملار خاۋارىجلارنى ئازغۇن، بىدئەتچى پىرقە دېگەن، بىراق كاپىر دېمىگەن. ئۇلار: ئەگەر خاۋارىجلار كاپىر بولغان بولسا، ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا قارشى ئۇرۇشقاندا كاپىرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى بويىچە ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ئولجا ئېلىپ، خوتۇن-بالىلىرىنى ئەسىر ئالاتتى. ئەمما، ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا ساھابىلەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇش بىلەنلا بولدى قىلىپ، ماللىرىنى ئولجا ئالمىغان ۋە خوتۇن بالىلىرىنى ئەسىر ئالمىغان. شۇنداقلا، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ، ۋە باشقا ھېچبىر ساھابىمۇ خاۋارىجلارنى كاپىر دېمىگەن، دەپ دەلىل كۆرسەتكەن. خاۋارىجلارنى كاپىر دېمەسلىك توغرا ھۆكۈم. رەسۇلۇللاھنىڭ ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ دېيىشى ئىسلامغا ئېغىر دەرىجىدە مۇخالىپەتچىلىك قىلىدۇ، ئاللاھ ۋە رەسۇلى بەلگىلىگەن نۇرغۇن ئىشلاردىن چىقىپ كېتىدۇ دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. بۇ خۇددى رەسۇلۇللاھنىڭ «ئۆلۈمدە ياقا يىرتىپ يىغلاش كاپىرلىقتۇر» دېگەن ھەدىسىگە ئوخشايدۇ. ياقا يىرتىپ يىغلاش چوڭ گۇناھ بولسىمۇ، دىندىن چىقىرىدىغان كاپىرلىق ئەمەس.
كىشى (1) ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى، ئايەت ۋە سەھىھ ھەدىسلەرنى چىن دىلىدىن تەستىقلىغان، (2) كەلىمە شاھادەت ئېيتقان، (3) ئاللاھنىڭ ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزىنى ئىنكار قىلىش نىيىتىدە بولمىغان تەقدىردە، (4) قۇرئاندىكى مەلۇم ئايەتنى ياكى رەسۇلۇللانىڭ مەلۇم ھەدىسىنى خاتا چۈشىنىۋېلىش سەۋەبلىك، (5) ياكى ئىسلام شەرىئىتىدىكى مەلۇم بىر ئەقىدە ياكى مەلۇم بىر ئەمەل توغرىسىدىكى روشەن دەلىل ئۇنىڭغا يېتىپ كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك، (6) يېتىپ كەلسىمۇ، بىلىمسىزلىكى ياكى ئەقلىنىڭ كەمتۈكلىكى تۈپەيلىدىن ئۇ شەرئىي دەلىلنى ئاڭقىرالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئايەت-ھەدىسكە، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىغا ئۇيغۇن بولمىغان ئىشنى قىلسا، ياكى ئايەت ھەدىسكە، رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەرنىڭ يولىغا ئۇيغۇن بولمىغان ھۆكۈمنى چىقارسا بۇنداق كىشى كاپىر ھېسابلانمايدۇ.
توغرا يولدىكى، بىلىملىك ئالىم كىشى ھەقنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەندىن كېيىنمۇ يەنىلا شەرىئەتكە زىت بولغان چوڭ كۇپۇر قىلمىشىدىن يانغىلى ئۇنىمىغان كىشىگە كاپىر دەپ دەلىل تۇرغۇزىلىدۇ. بۇنداق كاپىرنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن تۈرمىگە سولاپ كۈنىگە بىر تالدىن نان تاشلاپ بېرىلىدۇ ۋە ئۈچ كۈن مۆھلەت بېرىلىدۇ مۆھلەت توشۇپمۇ تەۋبە قىلمىغىلى ئۇنىمىسا مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆكۈمدارى ياكى ھۆكۈمدارنىڭ ياردەمچىسى ھۆكۈم چىقىرىپ ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭ دەلىلى تۆۋەندىكى ھەدىستۇر:
ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىرىنىڭ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن كاپىر بولغىنىنى، بىراق تەۋبە قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىشتىن ئاۋۋال ئۆلتۈرۈلگىنىنى ئاڭلاپ مۇنداق دېگەن:«نېمىشقا ئۇنىڭ تەۋبە قىلىشى ئۈچۈن ئۈچ كۈن قاماققا ئېلىپ، يېيىشى ئۈچۈن كۈنىگە بىر تال نان بېرىپ تەۋبە قىلىشىنى تەلەپ قىلمىدىڭلار. بەلكىم، تەۋبە قىلار بولغۇيتتى ياكى رەببىنىڭ ئەمرىگە قايتار بولغۇيتتى. ئاللاھىم، مەن ئۇ يەردە ئەمەسمەن، ئۇلارنىڭ قىلمىشى ماڭا يېتىپ كەلگەندىمۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا رازى بولمىدىم.»(مالىك-مۇۋەتتائ 2-737؛ 16-نومۇر، سەھىھ ھەدىس)
ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: سىلەرگە رەسۇلۇللاھتىن بىر ھەدىس بايان قىلسام، شۇنى بىلىڭلاركى رەسۇلۇللاھ نامىدا يالغان سۆزلىشىمدىن ئاسماندىن تاشلىۋېتىلىشىم ماڭا سۆيۈملۈكراقتۇر. ئۆزۈم بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش ھەققىدە سىلەرگە سۆز قىلسام شۇنى بىلىڭلاركى، ئۇرۇش ھىيلىدۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئاخىرى زاماندا يېشى كىچىك، ئەقلى كالتە بىر قىسىم كىشىلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇلار يارىتىلغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىغا ئوخشاش سۆز قىلىدۇ، بىراق ئۇلار بەئەينى ئوق نىشاننى تېشىپ ئۆتكىنىگە ئوخشاش ئىسلامدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئىمانى بوغۇزىدىن ئۆتمەيدۇ. ئۇلار بىلەن ئۇچراشقانلىكى يەردە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار. چۈنكى، ئۇلارنى ئۆلتۈرگەنلەر ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ساۋاب بېرىلىدۇ.» (بۇخارى 3611) بۇخارىنىڭ ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن 5057-نومۇرلۇق ھەدىسىدە «ئۆمرى قىسقا» دېگەن جۈملە زىيادە نەقىل قىلىنغان.
«ئۇلار يارىتىلغانلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىغا ئوخشاش سۆز قىلىدۇ» يەنى، ئۇلارنىڭ گېپى ناھايىتى چىرايلىق. ئۇلۇغ، چوڭ سۆزلەرنى قىلىنىدۇ، تىللىرىدا بەزى ئايەت-ھەدىسلەرنى سۆزلەيدۇ. ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش، ئاللاھقا ئاسىي بولماسلىق دېگەن سۆزلەرنى قىلىدۇ. ئەمما، قىلغان ياخشى سۆزلىرىگە قاراپ ئۇلارنى ياخشى كىشى دەپ قالمىغىن. ئۇلارنىڭ ئەمىلى بۇزۇق. خەقنىڭ چىرايلىق گېپىگە قاراپلا ئۇنى تەقۋا، سالىھ كىشى دېيىش خاتالىق. ياخشى سۆز سالىھ ئەمەل بىلەن بىرلەشكەندە ئاندىن تەقۋادارلىق ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. خاۋارىجلارنىڭ سۆزى ياخشى، قەلبى بۇزۇق بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبى مۇسۇلمانلارغا ئۆچمەنلىك، نەپرەت ۋە ئاداۋەت بىلەن تولۇپ كەتكەن. خاۋارىجلار ئۆز نەپسى-خاھىشىنى ئايەت ھەدىسكە ئەمە، ئايەت ھەدىسنى ئۆز نەپسى خاھىشىغا توغرىلايدىغان بىدئەت پىرقىلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا كەلتۈرگە بالايى ئاپەتلىرى كاپىرلارنىڭ بالايى ئاپەتلىرىدىنمۇ قات-قات ئېشىپ كېتىدىغان بولغانلىقتىن رەسۇلۇللاھ «ئۇلارنى ئۆلتۈرگۈچىگە قىيامەتتە ساۋاب بېرىلىدۇ» دېگەن. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
Yorumlar
Yorum Gönder