جىھاد توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر
جىھاد توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر
قوشۇمچە ماۋزۇ: جىھاد ھەققىدىكى ھەدىسلەر \ جىھاد ھەدىسلىرى
ئەبۇ
ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق
دېگەنلىكىنى ئېيتقان: ((مَنْ مَاتَ وَلَمْ يَغْزُ, وَلَمْ يُحَدِّثْ نَفْسَهُ بِهِ, مَاتَ عَلَى شُعْبَةٍ مِنْ نِفَاقٍ))«كىمكى غازات قىلماستىن ۋە غازات
قىلىشنى ئارزۇ قىلماستىن ئۆلسە، نىفاقنىڭ بىر تۈرى ئۈستىدە ئۆلىدۇ.»
(بۇ ھەدىسنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان؛ 1910-نومۇرلۇق ھەدىس؛ بۇلۇغۇلمەرام 1957)
مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھمان مۇبارەكفۇرىدىن شەرھ:
«جىھاد» نىڭ
لۇغەت مەنىسى قىيىنچىلىق ۋە غەيرەت كۆرسىتىشتە مۇبالىغە مەنىسىدە بولۇپ؛ جىھادنىڭ
شەرئىي مەنىسى: دىننى مۇداپىئە قىلىش ۋە ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن
كاپىرلارنىڭ ۋە ئاسىيلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى جەھەتتە غەيرەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق
دېگەنلىكىنى بايان قىلغان:
«مۇشرىكلارغا قارشى ماللىرىڭلار
بىلەن، جانلىرىڭلار بىلەن، ۋە تىلىڭلار بىلەن جىھاد قىلىڭلار.» (ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد ۋە نەسائىي رىۋايەت
قىلغان؛ ئىمام ھاكىم سەھىھ دېگەن؛ بۇلۇغۇلمەرام 1259)
مۇھەددىس ئالىم سەفىيۇرراھماندىن شەرھ: «تىلىڭلار بىلەن» يەنى، تىل بىلەن
قىلىنىدىغان جىھاد كاپىرلارغا قارشى دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۇلارنى
ئاللاھنىڭ يولىغا دەئۋەت قىلىش، ھەجۋ قىلىش ۋە غەيرىتىنى يوقۇتۇپ ئۇرۇشتىن ۋاز
كېچىشى ئۈچۈن قۇرقۇتۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن:«ئى
رەسۇلۇللاھ! ئاياللارغا جىھاد بارمۇ؟» دەپ سورىۋىدىم، «شۇنداق. ئۇلارغا ئۇرۇشسىز
جىھاد بار. ئۇ ھەج ۋە ئۆمرىدۇر» دېدى. ھەدىسنى ئىبنى ماجە رىۋايەت
قىلغان، ئەسلى سەھىھۇل بۇخارىدا بار. (بۇلۇغۇلمەرام
1260) [ئىبنى ماجە 968، 2901؛ ئەلبانى سەھىھ سۈنەن ئىبنى ماجەدە سەھىھ دېگەن؛
مىشكاتۇل مەسابىھ 2534؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن]
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام
مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغۇچىنى جابدۇپ-يولغا سالغان كىشى جىھاد قىلغۇچىغا
ئوخشاشتۇر، جىھاد قىلغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىن ياخشى خەۋەر ئالغان كىشىمۇ جىھاد قىلغۇچىغا
ئوخشاشتۇر.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى]
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن:
قايسى ئەمەل-ئىبادەتنىڭ پەزىلىتى ئارتۇق؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:
ئاللاھغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىمان كەلتۈرۈش، دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟
دەپ سورالغاندا: ئاللاھنىڭ يولىدا جىھاد قېلىش، دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇنىڭدىن قالسىچۇ؟
دەپ سورالغاندا: قوبۇل بولغان ھەج، دەپ جاۋاب بەردى. [بۇخارى رىۋايىتى 26-ھەدىس. مۇسلىم
رىۋايىتى 83-ھەدىس].
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:(إن المؤمن يجاهد بسيفه و لسانه)«مۆمىن قىلىچى بىلەنمۇ جىھاد قىلىدۇ، تىلى بىلەنمۇ جىھاد قىلىدۇ.»(كەئب ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ئىمام ئەھمەد، تەبرانى؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 1934)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:(أفضل الجهاد أن يجاهد الرجل نفسه و هواه)«جىھادنىڭ ئەڭ ئۈستۈنى كىشىنىڭ ئۆز نەپسى-خاھىشىغا قارشى قىلغان جىھادىدۇر.»(ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، ئەلبانى سەھىھ جامىئ 1099)
جىھاد تۆت چوڭ قىسىمغا بۆلىنىدۇ. شۇنىڭ بىرى نەپسىي جىھادتۇر. نەپسىي جىھاد ئۆز ئىچىدىن تۆت قىسىمغا بۆلىنىدۇ. (1) ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىدىكى جاھالەتكە قارشى نەپسى بىلەن جىھاد قىلىش؛ (2) ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن ئۆگەنگەنلىرىگە ئەمەل قىلىش ئارقىلىق نەپسى بىلەن جىھاد قىلىش؛ (3) ئاللاھنىڭ شەرىئىتىدىن ئۆگەنگەنلىرىنى باشقىلارغا يەتكۈزۈپ، ھەققە دەئۋەت قىلىش ئارقىلىق نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش؛ (4) باشقىلارغا ھەقنى دەئۋەت قىلىشى سەۋەبلىك دۇچ كېلىدىغان ھۇجۇم ۋە خېيىم-خەتەرلەرگە سەبر قىلىش ئارقىلىق ئۆز نەپسىگە قارشى جىھاد قىلىش. (ئىمام ئىبنى قەييىمنىڭ «زادۇل مەئاد» ناملىق ئەسىرىگە قاراڭ.)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:(أحب الجهاد إلى الله كلمة حق تقال لإمام جائر)«جىھادنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى زالىم ھۆكۈمرانغا قىلىنغان ھەق سۆزدۇر.»(ئىمام ئەھمەد، تەبرانى؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 168)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:(إن الهجرة لا تنقطع ما دام الجهاد)«جىھاد داۋام قىلىپلا تۇرغان تەقدىردە، ھىجرەت ھەرگىز ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.»(جۇنادە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئىمام ئەھمەد؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 1991)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:(إن سياحة أمتي الجهاد في سبيل الله)«ئۈممىتىمنىڭ ساياھىتى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشتۇر.»(ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ئەبۇ داۋۇد 2486، ھاكىم، بەيھەقى؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 1991)
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم جىھادقا قاتنىشىشىغا ئىزىن سوراپ كەلگەن ياشقا مۇنداق دېگەن:(ارجع إلى أبويك فاستأذنهما فإن أذنا لك فجاهد و إلا فبرهما)«ئاتا-ئاناڭنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇ ئىككىسىدىن رۇخسەت سورا. ئەگەر ئۇلار رۇخسەت بەرسە جىھاد قىل. رۇخسەت قىلمىسا ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىل.»(ئەبۇ سەئد خۇدرى دىن، ئەبۇ داۋۇد 2530؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 892)

پەيغەمبەر
سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((رباط
يوم خير من صيام شهر و قيامه))«ئاللاھ يولىدا بىر
كۈن رىباتتا تۇرۇش پۈتۈن بىر ئاي روزا تۇتۇپ، كېچىسى ناماز ئوقۇپ قىيامدا
تۇرغاندىن ئەۋزەلدۇر.»(ئەھمەد؛ ئەلبانى سەھىھۇل جامىئ 3480)
وعن عائِشةَ رضيَ اللهُ عنها ، قَالَتْ : قَالَ النبي : (( لا هِجْرَةَ بَعْدَ الفَتْحِ ، وَلَكِنْ جِهَادٌ وَنِيَّةٌ ، وَإِذَا اسْتُنْفِرْتُمْ( ) فانْفِرُوا )) مُتَّفَقٌ عَلَيْهِ .
وَمَعناهُ : لا هِجْرَةَ مِنْ مَكّةَ لأَنَّهَا صَارَتْ دَارَ إسلاَمٍ .
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مەككىنىڭ فەتھىدىن كېيىن (مەككىدىن مەدىنىگە) ھىجرەت يوقتۇر. لېكىن جىھاد ۋە نىيەت باقىي قالىدۇ. ئەگەر سىلەر جىھادقا چاقىرىلساڭلار، جىھادقا چىقىڭلار.»(بۇخارى 3900؛ مۇسلىم 1864؛ رىيازۇس سالىھىن 3)
Yorumlar
Yorum Gönder